< زەفانىيا 3 >
ئاسىيلىق قىلغۇچى، بۇلغانغان، جەبىر-زۇلۇم يەتكۈزگۈچى شەھەرگە ۋاي! | 1 |
Woe to the rebellious city! The violent city is defiled.
ئۇ ئاۋازنى ئاڭلىمىدى، تەربىيىنى قوبۇل قىلمىدى؛ پەرۋەردىگارغا تايانمىدى، خۇداسىغا يېقىنلاشمىدى. | 2 |
She has not listened to the voice of God, nor accepted correction from Yahweh. She does not trust in Yahweh and will not approach her God.
ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسى ھۆركىرەيدىغان شىرلار، ئۇنىڭ سوراقچىلىرى بولسا كەچلىكى ئوۋلايدىغان، ئەتىگىنى غاجىلىغۇدەك ھېچنەرسە قالدۇرمايدىغان بۆرىلەردۇر؛ | 3 |
Her princes are roaring lions in her midst. Her judges are evening wolves who leave nothing to be gnawed upon in the morning.
ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋەزىنسىز، ئاسىي كىشىلەر؛ ئۇنىڭ كاھىنلىرى مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى بۇلغايدىغانلار، تەۋرات-قانۇنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلار. | 4 |
Her prophets are insolent and treasonous men. Her priests have profaned what is holy and have done violence to the law.
ھەققانىي پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر؛ ئۇ ھېچ ھەققانىيەتسىزلىك قىلمايدۇ؛ ھەر ئەتىگەندە ئادىل ھۆكۈمىنى ئايان قىلىدۇ؛ ھۆكۈمىدە كەمچىلىك يوقتۇر؛ بىراق نامەرد ئادەم ھېچ نومۇسنى بىلمەيدۇ. | 5 |
Yahweh is righteous in her midst. He can do no wrong. Morning by morning he will dispense his justice! It will not be hidden in the light, yet unrighteous people know no shame.
ــ مەن ئەللەرنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەنمەن، ئۇلارنىڭ ئىستىھكام پوتەيلىرى ۋەيرانىدۇر؛ كوچىلىرىنى ھېچبىر ئادەم ئۆتمىگۈدەك قىلىپ خارابە قىلغانمەن؛ شەھەرلىرى ئادەمزاتسىز، ھېچ تۇرغۇچىسى يوق قىلىنىپ ھالاك بولغان. | 6 |
“I have destroyed nations; their fortresses are ruined. I have made their streets ruins, so that no one passes over them. Their cities are destroyed so that there is no man inhabiting them.
مەن: «پەقەت مەندىن قورقۇڭلار، تەربىيىنى قوبۇل قىلىڭلار» ــ دېدىم. شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭغا ھەممە بېكىتكەنلىرىم چۈشۈرۈلمەي، ماكانى ھېچ خانىۋەيران بولماس. بىراق ئۇلار بالدۇرلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەممە ئىشلىرىنى ھارام قىلىۋەتتى. | 7 |
I said, 'Surely you will fear me. Accept correction and do not be cut off from your homes by all that I have planned to do to you.' But they were eager to begin each morning by corrupting all their deeds.
شۇڭا مېنى كۈتۈڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، مەن گۇۋاھلىق بېرىشكە ئورنۇمدىن قوزغالغان كۈنگىچە ــ چۈنكى مېنىڭ قارارىم ــ ئەللەرنى يىغىش، پادىشاھلىقلارنى جەم قىلىشتىن ئىبارەتكى، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قەھرىمنى، ھەممە دەھشەتلىك ئاچچىقىمنى بېشىغا تۆكۈش ئۈچۈندۇر. چۈنكى يەر يۈزىنىڭ ھەممىسى ئاچچىق غەزىپىمنىڭ ئوتى بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ. | 8 |
Therefore wait for me—this is Yahweh's declaration—until the day that I rise up to seize the prey. For my decision is to assemble the nations, to gather the kingdoms, to pour out on them my anger—all of my burning wrath; for in the fire of my jealousy all the earth will be consumed.
چۈنكى شۇ تاپتا بارلىق ئەللەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ چاقىرىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بىر جان بىر تەن بولۇشى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنىڭ تىلىنى ساپ بىر تىلغا ئايلاندۇرىمەن، | 9 |
But then I will purify the lips of the peoples, that all of them may call upon the name of Yahweh to serve him shoulder to shoulder.
چۈنكى ئېفىئوپىيە دەريالىرىنىڭ نېرىسىدىن مېنىڭ دۇئا-تىلاۋەتچىلىرىم، يەنى مەن تارقاتقانلارنىڭ قىزى، ماڭا سۇنۇلغان ھەدىيەنى ئېپكېلىدۇ. | 10 |
From beyond the river of Cush my worshipers—my scattered people—will bring offerings due me.
شۇ كۈنى سەن ماڭا ئاسىيلىق قىلغان بارلىق قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئىزا تارتىپ قالمايسەن؛ چۈنكى شۇ تاپتا مەن تەكەببۇرلۇقۇڭدىن خۇشاللىنىپ كەتكەنلەرنى ئاراڭدىن ئېلىپ تاشلايمەن، شۇنىڭ بىلەن سەن مۇقەددەس تېغىم تۈپەيلىدىن ھالىڭنى ئىككىنچى چوڭ قىلمايسەن؛ | 11 |
In that day you will not be put to shame for all your deeds that you committed against me, since at that time I will remove from among you those who celebrated your pride, and because you will no longer act arrogantly on my holy mountain.
ۋە مەن ئاراڭدا كەمتەر ھەم مىسكىن بىر خەلقنى قالدۇرىمەن، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تايىنىدۇ. | 12 |
But I will leave among you a lowly and poor people, and they will find refuge in the name of Yahweh.
ئىسرائىلنىڭ قالدىسى نە قەبىھلىك قىلمايدۇ، نە يالغان سۆزلىمەيدۇ، نە ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئالدامچى تىل تېپىلمايدۇ؛ ئۇلار بەلكى ئوزۇقلىنىپ، ياتىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ. | 13 |
The remnant of Israel will no longer commit injustice or speak lies, and no deceitful tongue will be found in their mouth; so they will graze and lie down, and no one will make them afraid.”
يايراپ-ياشنا، ئى زىئون قىزى! تەنتەنە قىلىپ ۋارقىرا، ئى ئىسرائىل! پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلان، ئى يېرۇسالېمنىڭ قىزى! | 14 |
Sing, daughter of Zion! Shout, Israel. Be glad and rejoice with all your heart, daughter of Jerusalem.
پەرۋەردىگار سېنى جازالايدىغان ھۆكۈملەرنى ئېلىپ تاشلىدى، دۈشمىنىڭنى قايتۇرۇۋەتتى؛ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەرۋەردىگار ئاراڭدىدۇر؛ يامانلىقنى ئىككىنچى كۆرمەيسەن. | 15 |
Yahweh has taken away your punishment; he has driven out your enemies! Yahweh is the king of Israel among you. You will never again fear evil!
شۇ كۈنى يېرۇسالېمغا ئېيتىلىدۇكى، «قورقما، ئى زىئون! قوللىرىڭ بوشاپ، ساڭگىلاپ كەتمىسۇن! | 16 |
In that day they will say to Jerusalem, “Do not fear, Zion. Do not let your hands falter.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئاراڭدا، قۇتقۇزىدىغان قۇدرەت ئىگىسىدۇر! ئۇ شادلىق بىلەن ئۈستۈڭدە شادلىنىدۇ؛ ئۆز مېھىر-مۇھەببىتىدە ئارام ئالىدۇ؛ ئۈستۈڭدە ناخشىلار ئېيتىپ يايراپ-ياشنايدۇ. | 17 |
Yahweh your God is among you, a mighty one to save you. He will celebrate over you with joy; he will be silent over you in his love; he will be glad over you with a shout for joy.
جەمئىيەت سورۇنلىرىدىكى نومۇسسىز ئىبادەت تۈپەيلىدىن ئاراڭلاردىن ئازابلانغانلارنى يىغىمەن؛ بۇلارنىڭ شەرمەندىلىكلىرى ئۇلارغا ئېغىر كېلەتتى. | 18 |
I will gather those who grieve, those who cannot attend the appointed feasts, so you will no longer bear any shame for it.
مانا، مەن شۇ تاپتا سېنى خارلىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تەرەپ قىلىمەن، ئاقساق بولغان قىزنى قۇتقۇزىمەن تالاغا ھەيدىۋېتىلگەن قىزنى يىغىمەن؛ دەل ئۇلار خورلانغان بارلىق زېمىنلاردا ئۇلارنى [ئۆزۈمگە] مەدھىيە كەلتۈرگۈچى، شۆھرەت بولغۇچى قىلىپ تىكلەيمەن. | 19 |
Behold, I am about to deal with all your oppressors. At that time, I will rescue the lame and gather up the outcast. I will make them as praise, and I will change their shame into renown in all the earth.
مەن شۇ تاپتا، يەنى سىلەرنى يىغقان ۋاقىتتا، سىلەرنى [ئۆيگە] ئېپكېلىمەن؛ چۈنكى مەن كۆز ئالدىڭلاردا سىلەرنى ئاسارەتتىن ئازادلىققا چىقارغىنىمدا، سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئارىسىدا شۆھرەتلىك، [ئۆزەمگە] مەدھىيە كەلتۈرگۈچى قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 20 |
At that time I will lead you; at that time I will gather you together. I will make all the nations of the earth respect and praise you, when you see that I restored you,” says Yahweh.