< زەكەرىيا 9 >
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىدىن يۈكلەنگەن بېشارەت ــ خادراك زېمىنى ۋە دەمەشق ئۈستىگە قونىدۇ (چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرى ئادەملەر ۋە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئۈستىدىدۇر)؛ | 1 |
Az Úr igéjének terhe a Kadrák földe ellen; Damaskus lesz pedig annak nyugvóhelye (mert az Úr szemmel tartja az embereket és Izráelnek minden törzsét);
ئۇ بۇلارغا چېگرىداش بولغان خاماتقا، تۇر ۋە زىدون ئۈستىگىمۇ قونىدۇ. تۇر تولىمۇ «دانا» بولغاچقا، | 2 |
És Hámát is, a mely szomszédos vele; Tírus és Sídon, noha igen okosak!
ئۆزى ئۈچۈن قورغان قۇرغان، كۈمۈشنى توپىدەك، ساپ ئالتۇننى كوچىلاردىكى پاتقاقتەك دۆۋىلەپ قويغان. | 3 |
Várat épített magának Tírus, és annyi az ezüstje rakáson, mint a por, és az aranya, mint az utczák sara.
مانا، رەب ئۇنى مال-دۇنياسىدىن ئايرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ كۈچىنى دېڭىزدا يوق قىلىدۇ؛ ئۇ ئوت تەرىپىدىن يەپ كېتىلىدۇ. | 4 |
Ímé szegénynyé teszi őt az Úr, és megrontja hatalmát a tengeren, magát pedig tűz emészti meg.
ئاشكېلون بۇنى كۆرۈپ قورقىدۇ؛ گازامۇ كۆرۈپ ئازابلىنىپ تولغىنىپ كېتىدۇ؛ ئەكرونمۇ شۇنداق، چۈنكى ئۇنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدى توزۇپ كېتىدۇ؛ پادىشاھ گازادىن يوقاپ كېتىدۇ، ئاشكېلون ئادەمزاتسىز قالىدۇ. | 5 |
Meglátja ezt Askalon és megretten; Gáza is és igen bánkódik; Ekron is, mert megszégyenült reménységében. Mert kivész a király Gázából, és Askalon lakatlan marad.
شۇنىڭ بىلەن ئاشدودتا ھارامدىن بولغان بىرسى تۇرىدۇ؛ مەن فىلىستىيلەرنىڭ مەغرۇرلۇقى ۋە پەخرىنى يوقىتىمەن. | 6 |
Asdódban pedig idegenek laknak, és a Filiszteusok kevélységét megtöröm.
مەن ئاغزىدىن قانلارنى، ئۇنىڭ ھارام يېگەن يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى چىشلىرى ئارىسىدىن ئېلىپ كېتىمەن؛ ئاندىن قېلىپ قالغانلار بولسا، ئۇلار خۇدايىمىزغا تەۋە بولۇپ، يەھۇدادا يولباشچى بولىدۇ؛ ئەكروننىڭ ئورنى يەبۇس قەبىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ. | 7 |
Kivonszom a vért szájukból és útálatosságaikat fogaik közül, és ő is a mi Istenünké marad; és olyan lesz, mint egy fejedelem Júdában, Ekron pedig, mint a Jebuzeus.
مەن قوشۇن تۈپەيلىدىن، يەنى ئۆتۈپ كەتكۈچى ۋە قايتىپ كەلگۈچى تۈپەيلىدىن ئۆز ئۆيۈم ئەتراپىدا چېدىرىمنى تىكتۈرىمەن؛ ئەزگۈچى قايتىدىن ئۇنىڭدىن ئۆتمەيدۇ؛ چۈنكى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆزىتىمەن. | 8 |
És tábort járok házam körül, mint a sereg ellen, az ide-oda kóborlók ellen, és nem megy át többé rajtok a sarczoló, mert most szemmel tartom őt.
زور شادلان، ئى زىئون قىزى! تەنتەنەلىك نىدا قىل، ئى يېرۇسالېم قىزى! قاراڭلار، پادىشاھىڭ يېنىڭغا كېلىدۇ؛ ئۇ ھەققانىي ۋە نىجاتلىق بولىدۇ؛ كەمتەر-مۆمىن بولۇپ، مادا ئېشەككە، يەنى ئېشەك تەخىيىگە مىنىپ كېلىدۇ؛ | 9 |
Örülj nagyon, Sionnak leánya, örvendezz, Jeruzsálem leánya! Ímé, jön néked a te királyod; igaz és szabadító ő; szegény és szamárháton ülő, azaz nőstényszamárnak vemhén.
شۇنىڭ بىلەن مەن جەڭ ھارۋىلىرىنى ئەفرائىمدىن، ئاتلارنى يېرۇسالېمدىن مەھرۇم قىلىۋېتىمەن؛ جەڭ ئوقياسىمۇ ئېلىپ تاشلىنىدۇ. ئۇ بولسا ئەللەرگە خاتىرجەملىك-تىنچلىقنى جاكارلاپ يەتكۈزىدۇ؛ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دېڭىزدىن دېڭىزغىچە، [ئەفرات] دەرياسىدىن يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە بولىدۇ. | 10 |
És kivesztem a szekeret Efraimból és a lovat Jeruzsálemből, kivesztem a harczi kézívet is, és békességet hirdet a pogányoknak; és uralkodik tengertől tengerig, és a folyamtól a föld határáig.
ئەمدى سېنى بولسا، ساڭا چۈشۈرۈلگەن ئەھدە قېنى تۈپەيلىدىن، مەن ئاراڭدىكى مەھبۇسلارنى سۇسىز ئورەكتىن ئازادلىققا چىقىرىمەن. | 11 |
Sőt a veled való szövetségnek véréért a te foglyaidat is kibocsátom a kútból, a melyben nincs víz.
مۇستەھكەم جايغا قايتىپ كېلىڭلار، ئى ئارزۇ-ئۈمىدنىڭ مەھبۇسلىرى! بۈگۈن مەن جاكارلاپ ئېيتىمەنكى، تارتقان جازالىرىڭنىڭ ئەكسىنى ئىككى ھەسسىلەپ ساڭا قايتۇرىمەن. | 12 |
Térjetek vissza az erősséghez, reménységnek foglyai! Ma is azt hirdetem néktek: kétszeresen megfizetek néked!
چۈنكى ئۆزۈم ئۈچۈن يەھۇدانى ئوقيادەك ئېگىلدۈردۈم، ئەفرائىمنى ئوق قىلىپ ئوقياغا سالدىم؛ مەن ئوغۇل بالىلىرىڭنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن، ئى زىئون ــ ئۇلار سېنىڭ ئوغۇل بالىلىرىڭغا قارشى جەڭ قىلىدۇ، ئى گرېتسىيە! ئى زىئون، مەن سېنى پالۋاننىڭ قولىدىكى قىلىچتەك قىلىمەن. | 13 |
Mert kifeszítem Júdát magamnak mintegy kézívet és megtöltöm Efraimot; és felindítom fiaidat, oh Sion, a te fiaid ellen, oh Jáván, és olyanná teszlek, mint a hős fegyvere.
پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۈستىدە كۆرۈنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئوقى چاقماقتەك ئېتىلىپ ئۇچىدۇ. رەب پەرۋەردىگار كاناينى چالىدۇ؛ ئۇ جەنۇبتىكى دەھشەتلىك قارا قۇيۇنلارنى بىللە ئېلىپ يۈرۈش قىلىدۇ. | 14 |
És megjelen felettök az Úr, és nyila repül mint a villámlás; az Úr Isten kürtöt fuvall, és déli szelekben nyomul elő.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن مۇداپىئە بولىدۇ؛ ئۇلار سالغا تاشلىرىنى كۇكۇم قىلىپ، دەسسەپ چەيلەيدۇ؛ ئۇلار ئىچىۋېلىپ، شاراب كەيپىنى سۈرگەنلەردەك قىيقاس-سۈرەن كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلار [قانغا] مىلەنگەن قۇربانگاھنىڭ بۈرجەكلىرىدەك، [قانغا] تولدۇرۇلغان قاچىلاردەك بولىدۇ. | 15 |
A Seregeknek Ura megoltalmazza őket; megemésztik és letapossák a parittya-köveket, és isznak és zajongnak, mint a bortól, és megtelnek, mint a csészék és mint az oltár szegletei.
شۇ كۈنى پەرۋەردىگار بولغان ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۇلارنى ئۆزۈم باققان پادام بولغان خەلقىم دەپ بىلىپ قۇتقۇزىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار تاج گۆھەرلىرىدەك ئۇنىڭ زېمىنى ئۈستىدە كۆتۈرۈلىدۇ. | 16 |
És megsegíti őket az Úr, az ő Istenök ama napon, mint az ő népének nyáját, és mint korona-kövek ragyognak az ő földén.
شۇنچە زوردۇر ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى، شۇنچە قالتىستۇر ئۇنىڭ گۈزەللىكى! زىرائەتلەر يىگىتلەرنى، يېڭى شاراب قىزلارنى ياشنىتىدۇ! | 17 |
Oh, mily nagy az ő jósága és mily nagy az ő kedvessége! Ifjakat tesz virágzóvá a gabona, és leányokat a must.