< زەكەرىيا 8 >
ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
Entonces el Señor Todopoderoso me envió otro mensaje.
«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ زىئونغا باغلىغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم قايناپ تاشتى؛ مېنىڭ ئۇنىڭغا باغلىغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم تۈپەيلىدىن [ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىگە] غەزىپىم قايناپ تاشتى. | 2 |
Esto es lo que dice el Señor Todopoderoso: Soy celoso y protector del pueblo de Sión. Soy apasionado por ellos en gran manera.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن زىئونغا قايتىپ كەلدىم، يېرۇسالېمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماكانلىشىمەن؛ يېرۇسالېم «ھەقىقەت شەھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ تېغى «مۇقەددەس تاغ» دەپ ئاتىلىدۇ. | 3 |
Esto es lo que dice el Señor: Yo le regresado a Sión, y viviré en Jerusalén. Entonces a Jerusalén se le llamará la “Ciudad Fiel”, y a la montaña del Señor Todopoderoso se le llamará el “Santo Monte”.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قېرى بوۋاي-مومايلار يەنە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا ئولتۇرىدىغان بولىدۇ؛ كۈنلىرى ئۇزۇن بولۇپ، ھەربىرى ھاسىسىنى قولىدا تۇتۇپ ئولتۇرىدۇ؛ | 4 |
Esto es lo que dice el Señor: Los ancianos podrán sentarse nuevamente en las calles de Jerusalén, cada uno con sus bastones que usan por su edad.
شەھەرنىڭ كوچىلىرى ئويناۋاتقان ئوغۇل-قىز بالىلار بىلەن لىق تولىدۇ. | 5 |
Las calles estarán llenas de niños y niñas jugando felices.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بۇ ئىش شۇ كۈنلەردە بۇ خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ كۆزىگە ئاجايىب كارامەت كۆرۈنىدىغىنى بىلەن، ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە كارامەت كۆرۈنەمدۇ؟» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. | 6 |
Esto es lo que dice el Señor Todopoderoso: Ahora parece demasiado bueno para ser cierto para ustedes, mi pueblo remanente de estos días. ¿Pero acaso es imposible para mi? pregunta e Señor Todopoderoso.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن ئۆز خەلقىمنى شەرقىي زېمىنلاردىن، غەربىي زېمىنلاردىن قۇتقۇزىمەن؛ | 7 |
Esto es lo que dice el Señor Todopoderoso: Yo salvaré a mi pueblo de las naciones del este y del oeste.
مەن ئۇلارنى ئېلىپ كېلىمەن، ئۇلار يېرۇسالېمدا ماكانلىشىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، مەن ھەقىقەت ۋە ھەققانىيلىقتا ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن». | 8 |
Los traeré de regreso y vivirán en Jerusalén, y serán mi pueblo y yo seré y Dios fiel y verdadero.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى سېلىنغان كۈنىدە ھازىر بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇ كۈنلەردە بايان قىلىنىۋاتقان مۇنۇ سۆزلەرنى ئىشىتىۋاتىسىلەر، مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قولۇڭلار كۈچلۈك قىلىنسۇن! | 9 |
Esto es lo que dice el Señor Todopoderoso: Sean fuertes para que el Templo sea terminado. Todos los que hoy están aquí, están oyendo las mismas palabras de los profetas que estuvieron presentes en el día que se fundó y se estableció el Templo del Señor Todopoderoso.
چۈنكى شۇ كۈنلەردىن ئىلگىرى ئىنسان ئۈچۈن ئىش ھەققى يوق، ئات-ئۇلاغ ئۈچۈنمۇ ئىش ھەققى يوق ئىدى؛ جەبىر-زۇلۇم تۈپەيلىدىن چىققۇچى ياكى كىرگۈچى ئۈچۈن ئامان-ئېسەنلىك يوق ئىدى؛ چۈنكى مەن ھەربىر ئادەمنى ئۆز يېقىنىغا دۈشمەنلەشتۈردۈم؛ | 10 |
Antes de ese tiempo no había suficiente comida para la gente o los animales. Nadie podía vivir con normalidad porque no estaban seguros de sus enemigos, y yo puse a todos los unos contra otros.
بىراق مەن بۇ خەلقنىڭ قالدىسىغا بۇرۇنقى كۈنلەردىكىدەك بولمايمەن، دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ | 11 |
Pero ahora no trataré más a mi remanente como los traté antes, declara el Señor Todopoderoso.
چۈنكى ئۇرۇق ھوسۇللۇق بولىدۇ، ئۈزۈم تېلى مېۋىلەيدۇ، تۇپراق ئۈندۈرمىلىرىنى بېرىدۇ، ئاسمانلار شەبنەملىرىنى بېرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ خەلقنىڭ قالدىسىغا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىگە قىلدۇرىمەن. | 12 |
Ellos segarán en paz. La vid producirá sus uvas; el suelo dará cosecha y los cielos enviarán el agua sobre ellos. Me aseguraré de que esto suceda con el remanente de este pueblo.
شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، سىلەر ئەللەر ئارىسىدا لەنەت بولۇپ قالغىنىڭلارنىڭ ئەكسىچە، ئى يەھۇدا جەمەتى ۋە ئىسرائىل جەمەتى، مەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن، سىلەر [ئۇلارغا] بەخت-بەرىكەت بولىسىلەر؛ قورقماڭلار، قوللىرىڭلار كۈچلۈك قىلىنسۇن! | 13 |
Al pueblo de Judá e Israel: Así como fueron considerados como una maldición entre las naciones, yo los salvaré y se convertirán en una bendición. ¡No tengan miedo! ¡Sean fuertes!
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغىغاندا مېنىڭ سىلەرگە يامانلىق يەتكۈزۈش ئويىدا بولغىنىم ۋە شۇ [جازا] يولىدىن يانمىغىنىمدەك ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ | 14 |
Porque esto es lo que dice el Señor Todopoderoso: Yo decidí traer desastre sobre ustedes cuando sus antiguos padres provocaron mi ira y no cambié mi parecer.
مەن ھازىر، مۇشۇ كۈنلەردە يەنە يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا جەمەتىگە ياخشىلىق يەتكۈزۈش ئويىدا بولدۇم؛ قورقماڭلار. | 15 |
Pero ahora lo he decidido, y hare bien a Jerusalén y al pueblo de Judá. ¡No tengan miedo!
مۇشۇ ئىشلارغا ئەمەل قىلىڭلار: ــ ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلارغا ھەقىقەتنى سۆزلەڭلار؛ دەرۋازىلىرىڭلاردا ھەقىقەتكە، ئامان-تىنچلىققا ئۇيغۇن ھۆكۈملەرنى يۈرگۈزۈڭلار؛ | 16 |
Esto es lo que deben hacer: Díganse la verdad los unos a los otros. En sus cortes juzguen honestamente y con la verdad, para lograr la paz.
ھېچكىم كۆڭلىدە ئۆز يېقىنىغا يامانلىق ئويلىمىسۇن؛ ھېچقانداق يالغان قەسەمگە شېرىك بولماڭلار؛ چۈنكى مەن دەل بۇلارنىڭ ھەممىسىگە نەپرەتلىنىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 17 |
No hagan planes sobre cómo hacer el mal contra otros. Dejen de amar el engaño. Yo lo aborrezco, declara el Señor.
ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 18 |
El Señor Todopoderoso me dio otro mensaje.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «تۆتىنچى ئايدىكى روزا، بەشىنچى ئايدىكى روزا، يەتتىنچى ئايدىكى روزا ۋە ئونىنچى ئايدىكى روزا يەھۇدا جەمەتىگە خۇشاللىق ۋە شاد-خۇراملىق، بەختلىك ئىبادەت سورۇنلىرى بولىدۇ؛ شۇڭا ھەقىقەت ۋە خاتىرجەملىك-تىنچلىقنى سۆيۈڭلار. | 19 |
Esto es lo que dice el Señor Todopoderoso: Los ayunos que hacen el cuarto, quinto, séptimo y décimo mes serán tiempos de alegría y regocijo para el pueblo de Judá. Y habrá fiestas de celebración. Pero amen la verdad y la paz.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «نۇرغۇن قوۋملار ۋە كۆپ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى يەنە مۇشۇ يەرگە كېلىدۇ؛ | 20 |
Esto es lo que dice el Señor Todopoderoso: Las gentes vendrán a Jerusalén de muchas naciones y cuidades,
بىر شەھەردە تۇرۇۋاتقانلار باشقا بىر شەھەرگە بېرىپ ئۇلارغا: «پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات تىلەشكە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە تېز بارايلى؛ مەنمۇ بارىمەن!» ــ دەيدىغان بولىدۇ. | 21 |
e irán de una ciudad a otra diciendo: “Permítannos buscar al Señor y pedir la bendición del Señor Todopoderoso. ¡Yo mismo iré!”
كۆپ قوۋملار ۋە كۈچلۈك ئەللەر پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات تىلەشكە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە يېرۇسالېمغا كېلىدۇ. | 22 |
Y mucha gente y naciones poderosas vendrán a Jerusalén para pedir la bendición del Señor Todopoderoso y buscar al Señor.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «شۇ كۈنلەردە ھەرخىل تىلدا سۆزلەيدىغان ئەللەردىن ئون نەپەر ئادەم چىقىپ يەھۇدىي بىر ئادەمنىڭ تونىنىڭ ئېتىكىنى تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭغا: «بىز سەن بىلەن بارايلى؛ چۈنكى خۇدانى سەن بىلەن بىللىدۇر، دەپ ئاڭلىدۇق» ــ دەيدۇ. | 23 |
Esto es lo que dice el Señor Todopoderoso: En ese tiempo diez hombres de diferentes naciones e idiomas sujetarán el dobladillo de la capa de un hombre judío y rogarán: “Por favor, llévanos contigo, porque hemos escuchado que Dios está contigo”.