< زەكەرىيا 7 >
دارىئۇس پادىشاھنىڭ تۆتىنچى يىلى توققۇزىنچى ئاي، يەنى «خىسلەۋ»نىڭ تۆتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى زەكەرىياغا كەلدى. | 1 |
ダリヨス王の第四年の九月、すなわちキスリウという月の四日に、主の言葉がゼカリヤに臨んだ。
شۇ چاغدا بەيت-ئەل شەھىرىدىكىلەر شېرەزەر ۋە رەگەم-مەلەكلەرنى پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات سوراشقا ئەۋەتكەنىدى. | 2 |
その時ベテルの人々は、シャレゼル、レゲン・メレクおよびその従者をつかわして、主の恵みを請い、
بەيت-ئەلدىكىلەر: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى كاھىنلاردىن، شۇنىڭدەك پەيغەمبەرلەردىن: «ھەربىرىمىز كۆپ يىللاردىن بېرى قىلغىنىمىزدەك، بەشىنچى ئايدا ھەربىرىمىز يەنىلا ئۆزىمىزنى باشقىلاردىن ئايرىپ، يىغا-زارغا ئولتۇرۇشىمىز كېرەكمۇ؟» ــ دەپ سوراڭلار» دەپ تاپىلىغانىدى. | 3 |
かつ万軍の主の宮にいる祭司に問わせ、かつ預言者に問わせて言った、「わたしは今まで、多年おこなってきたように、五月に泣き悲しみ、かつ断食すべきでしょうか」。
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 4 |
この時、万軍の主の言葉がわたしに臨んだ、
«زېمىندىكى بارلىق تۇرۇۋاتقان خەلققە ھەم كاھىنلارغا سۆز قىلىپ مۇنداق سورىغىن: ــ «سىلەر مۇشۇ يەتمىش يىلدىن بېرى بەشىنچى ئاي ۋە يەتتىنچى ئايلاردا روزا تۇتۇپ يىغا-زار قىلغىنىڭلاردا، سىلەر ماڭا، ھەقىقەتەن ماڭا روزا تۇتتۇڭلارمۇ؟ | 5 |
「地のすべての民、および祭司に告げて言いなさい、あなたがたが七十年の間、五月と七月とに断食し、かつ泣き悲しんだ時、はたして、わたしのために断食したか。
يېگىنىڭلار، ئىچكىنىڭلار، بۇ پەقەت ئۆزۈڭلار ئۈچۈنلا يەپ-ئىچكىنىڭلاردىن ئىبارەت بولدى ئەمەسمۇ؟ | 6 |
あなたがたが食い飲みする時、それは全く自分のために食い、自分のために飲むのではないか。
بۇلار يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى ئاھالىلىك بولغان، تازا ئاۋاتلاشقان چاغلاردا، جەنۇبىي يەھۇدا ۋە تۆۋەن تۈزلەڭلىك ئاھالىلىك بولغان چاغلاردا، پەرۋەردىگار بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق جاكارلىغان سۆزلەر ئەمەسمۇ؟ | 7 |
昔エルサレムがその周囲の町々と共に、人が住み、栄えていた時、また南の地および平野にも、人が住んでいた時に、さきの預言者たちによって、主がお告げになった言葉は、これらの事ではなかったか」。
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى زەكەرىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 8 |
主の言葉が、またゼカリヤに臨んだ、
«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەقىقىي ئادالەتنى يۈرگۈزۈڭلار، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىڭلار، | 9 |
「万軍の主はこう仰せられる、真実のさばきを行い、互に相いつくしみ、相あわれみ、
تۇل خوتۇن ۋە يېتىم-يېسىرلارنى، يات ئادەملەر ۋە نامراتلارنى بوزەك قىلماڭلار؛ ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىغا كۆڭلىدە يامانلىق ئويلىمىسۇن. | 10 |
やもめ、みなしご、寄留の他国人および貧しい人を、しえたげてはならない。互に人を害することを、心に図ってはならない」。
بىراق [ئاتا-بوۋىلىرىڭلار] ئاڭلاشنى رەت قىلغان، ئۇلار جاھىللىق بىلەن بوينىنى تولغاپ، ئاڭلىماسقا قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلغان؛ | 11 |
ところが、彼らは聞くことを拒み、肩をそびやかし、耳を鈍くして聞きいれず、
ئۇلار تەۋرات قانۇنىنى ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز روھى بىلەن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن كۆڭلىنى ئالماستەك قاتتىق قىلغانىدى؛ شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن ئىنتايىن قاتتىق غەزەپ چۈشكەن؛ | 12 |
その心を金剛石のようにして、万軍の主がそのみたまにより、さきの預言者によって伝えられた、律法と言葉とに聞き従わなかった。それゆえ、大いなる怒りが、万軍の主から出て、彼らに臨んだのである。
شۇنداق بولدىكى، مەن ئۇلارنى چاقىرغاندا ئۇلار ئاڭلاشنى رەت قىلغاندەك، ئۇلار چاقىرغاندا مەنمۇ ئاڭلاشنى رەت قىلدىم» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، | 13 |
「わたしが呼ばわったけれども、彼らは聞こうとしなかった。そのとおりに、彼らが呼ばわっても、わたしは聞かない」と万軍の主は仰せられる。
ــ «ۋە مەن ئۇلارنى ئۇلار تونۇمايدىغان بارلىق ئەللەر ئارىسىغا قارا قۇيۇن بىلەن تارقىتىۋەتتىم؛ ئۇلارنىڭ كېتىشى بىلەن زېمىن ۋەيران بولغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۆتكەنلەرمۇ، قايتقانلارمۇ بولغان ئەمەس؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ئىللىق زېمىن ۋەيرانە قىلىنغان». | 14 |
「わたしは、つむじ風をもって、彼らを未知のもろもろの国民の中に散らした。こうして彼らが去った後、この地は荒れて行き来する者もなく、この麗しい地は荒れ地となったのである」。