< زەكەرىيا 6 >
ئاندىن مانا، مەن يەنە بېشىمنى كۆتۈرۈپ، ئىككى تاغ ئوتتۇرىسىدىن تۆت جەڭ ھارۋىسىنىڭ چىققانلىقىنى كۆردۈم. تاغلار بولسا مىس تاغلار ئىدى. | 1 |
Potom opet podigoh oèi svoje, i vidjeh, a to èetvora kola izlažahu izmeðu dvije gore, a te gore bijahu od mjedi.
بىرىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى قىزىل ئاتلار ئىدى؛ ئىككىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى قارا ئاتلار ئىدى؛ | 2 |
U prvijem kolima bjehu konji riði, a u drugim kolima konji vrani,
ئۈچىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى ئاق ئاتلار، تۆتىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى كۈچلۈك چىپار ئاتلار ئىدى. | 3 |
A u treæim kolima konji bijeli, a u èetvrtijem kolima konji šareni, jaki.
مەن جاۋابەن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «تەقسىر، بۇلار نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم. | 4 |
I progovoriv rekoh anðelu koji govoraše sa mnom: šta je to, gospodaru moj?
پەرىشتە ماڭا جاۋابەن: «بۇلار پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ھۇزۇرىدىن چىققان ئاسمانلارنىڭ تۆت روھى. | 5 |
A anðeo odgovori i reèe mi: to su èetiri vjetra nebeska, koji izlaze ispred Gospoda sve zemlje, gdje stajaše.
قارا ئاتلار قېتىلغان ھارۋا شىمالىي زېمىنلار تەرەپكە كىرىدۇ؛ ئاقلار ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ؛ چىپارلار بولسا جەنۇبىي زېمىنلار تەرەپكە ماڭىدۇ. | 6 |
Konji vrani što su u jednijem, oni idu u sjevernu zemlju; a bijeli idu za njima; a šareni idu u zemlju južnu.
ئاندىن مۇشۇ كۈچلۈك ئاتلار چىقىپ يەر يۈزىدە ئۇياق-بۇياق كېزىشكە ئالدىرايدۇ» ــ دېدى. ئۇ ئۇلارغا: «مېڭىڭلار، يەر يۈزىدە ئۇياق-بۇياق مېڭىڭلار» ــ دېدى؛ ئۇلار يەر يۈزىدە ئۇياق-بۇياق ماڭدى. | 7 |
I jaki izašavši šæahu da idu i prolaze zemlju; i reèe: idite, prolazite zemlju. I stadoše prolaziti zemlju.
ۋە ئۇ ماڭا ئۈنلۈك ئاۋازدا: «قارا، شىمالىي يەر-زېمىنلار تەرەپكە ماڭغانلار مېنىڭ روھىمدىكى ئاچچىقنى شىمالىي زېمىن تەرەپتە بېسىقتۇردى» ــ دېدى. | 8 |
Tada me zovnu, i reèe mi: vidi, koji otidoše u zemlju sjevernu, umiriše duh moj u zemlji sjevernoj.
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 9 |
Potom mi doðe rijeè Gospodnja govoreæi:
سۈرگۈن بولۇپ كەلگەنلەردىن، يەنى ھەلداي، توبىيا ۋە يەدايادىن سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلغىن؛ شۇ كۈنى ئۇلار بابىلدىن كېلىپ چۈشكەن ئۆيگە، يەنى زەفانىيانىڭ ئوغلى يوسىيانىڭ ئۆيىگە كىرگىن؛ | 10 |
Uzmi od roblja, od Heldaja i od Tovije i od Jedaje, koji doðoše iz Vavilonske, pa doði istoga dana i uði u dom Josije sina Sofonijina.
شۇنداق، كۈمۈش ۋە ئالتۇننى قوبۇل قىلغىن، بۇلاردىن چەمبەرسىمان بىر تاجنى توقۇپ ۋە تاجنى يەھوزاداكنىڭ ئوغلى باش كاھىن يەشۇئانىڭ بېشىغا كىيگۈزگىن؛ | 11 |
Uzmi srebra i zlata, i naèini vijence, i metni na glavu Isusu sinu Josedekovu, poglavaru sveštenièkom,
ۋە يەشۇئاغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: قاراڭلار، «شاخ» دەپ ئاتالغان ئىنسان! ئۇ ئۆز تۈۋىدىن ئورنىدا شاخلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرىدۇ» ــ دېگىن. | 12 |
I reci mu govoreæi: ovako veli Gospod nad vojskama: evo èovjeka, kojemu je ime klica, koja æe klijati s mjesta svoga i sagradiæe crkvu Gospodnju.
«بەرھەق، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرغۇچى دەل شۇ بولىدۇ؛ ئۇ شۇ شاھانە شان-شەرەپنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆز تەختىگە ئولتۇرۇپ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇ تەختكە ئولتۇرىدىغان كاھىن بولىدۇ؛ خاتىرجەملىك-ئاراملىقنى ئېلىپ كېلىدىغان ھەمكارلىق ئۇلار ئىككىسى ئارىسىدا بولىدۇ. | 13 |
Jer æe on sagraditi crkvu Gospodnju, i nosiæe slavu, i sjedjeæe i vladati na svom prijestolu, i biæe sveštenik na prijestolu svom, i svjet mirni biæe meðu objema.
مۇشۇ چەمبەرسىمان تاج پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خەلەم، توبىيا، يەدايالارغا ۋە زەفانىيانىڭ ئوغلىنىڭ مېھرىبانلىقىغا بىر ئەسلەتمە ئۈچۈن قويۇلىدۇ. | 14 |
I vijenci neka budu Elemu i Toviji i Jedaji i Henu sinu Sofonijinu za spomen u crkvi Gospodnjoj.
ۋە يىراقتا تۇرۇۋاتقانلار كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرۇش خىزمىتىدە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر؛ ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىساڭلار بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ». | 15 |
I koji su daleko, doæi æe i gradiæe crkvu Gospodnju, i poznaæete da me je Gospod nad vojskama poslao k vama. I to æe biti ako uzaslušate glas Gospoda Boga svojega.