< زەكەرىيا 4 >
ئاندىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە قايتىپ كېلىپ مېنى ئويغىتىۋەتتى. مەن خۇددى ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىۋېتىلگەن ئادەمدەك بولۇپ قالدىم؛ | 1 |
Потом врати се анђео који ми говораше, и пробуди ме као човека који се буди ода сна.
ئۇ مەندىن: «نېمىنى كۆردۈڭ؟» دەپ سورىدى. مەن: «مانا، مەن پۈتۈنلەي ئالتۇندىن ياسالغان بىر چىراغداننى كۆردۈم؛ ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بىر قاچا، يەتتە چىرىغى ۋە يەتتە چىراغقا تۇتىشىدىغان يەتتە نەيچە بار ئىكەن؛ | 2 |
И рече ми: Шта видиш? А ја рекох: Видим, ето, свећњак сав од злата, и горе на њему чаша, и седам жижака његових на њему, и седам левака за седам жижака што су горе на њему,
ئۇنىڭ يېنىدا ئىككى زەيتۇن دەرىخى بار، بىرسى ئوڭ تەرەپتە، بىرسى سول تەرەپتە»، دېدىم. | 3 |
И две маслине уза њ, једна с десне стране чаши а једна с леве.
ئاندىن جاۋابەن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «ئى تەقسىر، بۇلار نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم. | 4 |
И проговорих анђелу који говораше са мном, и рекох: Шта је то, господару мој?
مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا جاۋابەن: «بۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟» ــ دېدى. مەن: «ياق، تەقسىر» ــ دېدىم. | 5 |
А анђео који говораше са мном одговори и рече ми: Зар не знаш шта је то? И рекох: Не, господару мој.
ئاندىن ئۇ ماڭا جاۋابەن مۇنداق دېدى: «مانا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ زەرۇببابەلگە قىلغان سۆزى: «ئىش كۈچ-قۇدرەت بىلەن ئەمەس، ئىقتىدار بىلەن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ روھىم ئارقىلىق پۈتىدۇ! ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. | 6 |
А он одговори и рече ми говорећи: То је реч Господња Зоровавељу: не силом ни крепошћу него Духом мојим, вели Господ над војскама.
ــ ئى بۈيۈك تاغ، سەن زادى كىم؟ زەرۇببابەل ئالدىدا سەن تۈزلەڭلىك بولىسەن؛ ئۇ [ئىبادەتخانىنىڭ] ئەڭ ئۈستىگە جىپسىما تاشنى قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: «ئىلتىپاتلىق بولسۇن! ئىلتىپات ئۇنىڭغا!» دېگەن توۋلاشلار ياڭراپ ئاڭلىنىدۇ». | 7 |
Шта си ти, горо велика, пред Зоровавељем? Равница; и он ће изнети највиши камен, с усклицима: Милост, милост њему.
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 8 |
И дође ми реч Господња говорећи:
«زەرۇببابەلنىڭ قولى مۇشۇ ئۆينىڭ ئۇلىنى سالدى ۋە ئۇنىڭ قوللىرى ئۇنى پۈتتۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر. | 9 |
Руке Зоровавељеве основаше овај дом, руке ће његове и довршити, и познаћеш да ме је Господ над војскама послао к вама.
كىم ئەمدى مۇشۇ «كىچىك ئىشلار بولغان كۈن»نى كۆزگە ئىلمىسۇن؟ چۈنكى بۇلار شادلىنىدۇ، ــ بەرھەق، بۇ «يەتتە» شادلىنىدۇ، ــ زەرۇببابەلنىڭ قولى تۇتقان تىك ئۆلچەم تېشىنى كۆرگەندە شادلىنىدۇ؛ بۇ «[يەتتە]» بولسا پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە سەپسېلىپ قاراۋاتقان كۆزلىرىدۇر». | 10 |
Јер ко је презрео дан малих ствари? Јер ће се радовати кад види камен мерачки у руци Зоровавељу, оних седам очију Господњих који прелазе сву земљу.
مەن جاۋابەن پەرىشتىدىن: «چىراغداننىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇرغان ئىككى زەيتۇن دەرىخى نېمە؟» دەپ سورىدىم؛ | 11 |
Тада одговарајући рекох му: Шта су оне две маслине с десне стране свећњаку и с леве?
ۋە ئىككىنچى قېتىم سوئالنى قويۇپ ئۇنىڭدىن: «ئۇلارنىڭ يېنىدىكى ئىككى ئالتۇن نەيچە ئارقىلىق ئۆزلىكىدىن «ئالتۇن» قۇيۇۋاتقان شۇ ئىككى زەيتۇن شېخى نېمە؟» دەپ سورىدىم. | 12 |
И опет проговорих и рекох му: Шта су оне две гранчице маслинове, што су међу два левка златна, који точе злато?
ئۇ مەندىن: «بۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟» دەپ سورىدى. مەن: «ياق، تەقسىر» ــ دېدىم. | 13 |
И рече ми говорећи: Зар не знаш шта је то? А ја рекох: Не, господару мој.
ئۇ ماڭا: «بۇلار پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان «زەيتۇن مېيىدا مەسىھ قىلىنغان» ئىككى ئوغۇل بالىدۇر» ــ دېدى. | 14 |
Тада рече: То су две маслине које стоје код Господа све земље.