< زەكەرىيا 2 >

ئاندىن مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا قولىدا ئۆلچەم تانىسىنى تۇتقان بىر ئادەمنى كۆردۈم 1
Potem podniosłem oczy swoje i ujrzałem, a oto mąż, w którego ręce był sznur pomiarowy.
ۋە ئۇنىڭدىن: «نەگە بارىسەن؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «مەن يېرۇسالېمنى ئۆلچىگىلى، ئۇنىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقىنى [ئۆلچەپ] بىلگىلى بارىمەن» ــ دېدى. 2
I rzekłem: Dokąd idziesz? I rzekł do mnie: Abym rozmierzył Jeruzalem, i obaczył, jako wielka jest szerokość jego, i jako wielka długość jego.
مانا، مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە چىقتى؛ يەنە بىر پەرىشتە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە چىقتى 3
A oto gdy on Anioł, który rozmawiał zemną, wychodził, inszy Anioł wychodził przeciwko niemu.
ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ يۈگۈر، بۇ ياش يىگىتكە سۆز قىل، ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ «يېرۇسالېم ئۆزىدە تۇرۇۋاتقان ئادەملەرنىڭ ۋە ماللارنىڭ كۆپلۈكىدىن سېپىلسىز شەھەرلەردەك بولىدۇ. 4
I rzekł do niego: Bież, rzecz do tego młodzieńca, mówiąc: Jeruzalemczycy po wsiach mieszkać będą dla mnóstwa ludu i bydła w pośrodku jego.
ــ ۋە مەن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئوت-يالقۇن سېپىلى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى شان-شەرىپى بولىمەن. 5
A ja będę, mówi Pan, murem jego ognistym w około, i będę sławą w pośrodku jego.
ــ ھوي! ھوي! شىمالىي زېمىندىن قېچىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى مەن سىلەرنى ئاسماندىكى تۆت تەرەپتىن چىققان شامالدەك تارقىتىۋەتكەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار». 6
Nuże, nuże! Ucieczcie już z ziemi północnej, mówi Pan, ponieważ na cztery strony świata, mówi Pan, rozproszyłem was.
«ــ ھەي! ئى بابىل قىزى بىلەن تۇرغۇچى زىئون، قاچقىن! 7
Nuże Syonie! który mieszkasz u córki Babilońskiej, wyswobódź się.
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز شان-شەرىپىنى دەپ ئۇ مېنى سىلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان ئەللەرگە ئەۋەتتى؛ چۈنكى كىم سىلەرگە چېقىلسا، شۇ ئۆزىنىڭ كۆز قارىچوقىغا چېقىلغان بولىدۇ. 8
Bo tak mówi Pan zastępów: Posłał mię po sławę przeciwko tym narodom, którzy was złupili; bo kto się was dotyka, dotyka się źrenicy oka mego.
چۈنكى مانا، مەن ئۆز قولۇمنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سىلكىيمەن، ئۇلار ئۆزلىرىگە قۇل قىلىنغۇچىلارغا ئولجا بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر. 9
Albowiem oto Ja podniosę rękę moję przeciwko nim, i będą łupem sługom swoim, a dowiecie się, iż mię Pan zastępów posłał.
ناخشىلارنى ياڭرىتىپ شادلان، ئى زىئون قىزى؛ چۈنكى مانا، كېلىۋاتىمەن، ئاراڭدا ماكانلىشىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار، 10
Zaśpiewaj a rozraduj się, córko Syońska! bo oto Ja przyjdę, a mieszkać będę w pośrodku ciebie, mówi Pan.
ــ ۋە شۇ كۈنىدە كۆپ ئەللەر پەرۋەردىگارغا باغلىنىدۇ، ماڭا بىر خەلق بولىدۇ؛ ئاراڭدا ماكانلىشىمەن ۋە سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر؛ 11
I przyłączy się w on dzień wiele narodów do Pana, i będą ludem moim, i będę mieszkał w pośród ciebie, a dowiesz się, iż Pan zastępów posłał mię do ciebie.
شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار يەھۇدانى ئۆزىنىڭ «مۇقەددەس زېمىنى»دا نېسىۋىسى بولۇشقا مىراس قىلىدۇ ۋە يەنە يېرۇسالېمنى تاللىۋالىدۇ. 12
Tedy Pan Judę weźmie w osiadłość za dział swój w ziemi świętej, i obierze zaś Jeruzalem.
بارلىق ئەت ئىگىلىرى پەرۋەردىگار ئالدىدا سۈكۈت قىلسۇن! چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ماكانىدىن قوزغالدى!» 13
Niech umilknie wszelkie ciało przed obliczem Pańskiem; albowiem się ocuci z mieszkania świętobliwości swojej.

< زەكەرىيا 2 >