< زەكەرىيا 2 >
ئاندىن مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا قولىدا ئۆلچەم تانىسىنى تۇتقان بىر ئادەمنى كۆردۈم | 1 |
茲に我目を擧て觀しに一箇の人量繩を手に執居ければ
ۋە ئۇنىڭدىن: «نەگە بارىسەن؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «مەن يېرۇسالېمنى ئۆلچىگىلى، ئۇنىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقىنى [ئۆلچەپ] بىلگىلى بارىمەن» ــ دېدى. | 2 |
汝は何處へ往くやと問しにヱルサレムを量りてその廣と長の幾何なるを觀んとすと我に答ふ
مانا، مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە چىقتى؛ يەنە بىر پەرىشتە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە چىقتى | 3 |
時に我に語ふ天の使出行たりしが又一箇の天の使出きたりて之に會ひ
ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ يۈگۈر، بۇ ياش يىگىتكە سۆز قىل، ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ «يېرۇسالېم ئۆزىدە تۇرۇۋاتقان ئادەملەرنىڭ ۋە ماللارنىڭ كۆپلۈكىدىن سېپىلسىز شەھەرلەردەك بولىدۇ. | 4 |
之に言けるは走ゆきてこの少き人に告て言へヱルサレムはその中に人と畜と饒なるによりて野原のごとくに廣く亘るべし
ــ ۋە مەن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئوت-يالقۇن سېپىلى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى شان-شەرىپى بولىمەن. | 5 |
ヱホバ言たまふ我その四周にて火の垣となりその中にて榮光とならん
ــ ھوي! ھوي! شىمالىي زېمىندىن قېچىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى مەن سىلەرنى ئاسماندىكى تۆت تەرەپتىن چىققان شامالدەك تارقىتىۋەتكەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار». | 6 |
ヱホバいひたまふ來れ來れ北の地より逃きたれ我なんぢらを四方の天風のごとくに行わたらしむればなりヱホバこれを言ふ
«ــ ھەي! ئى بابىل قىزى بىلەن تۇرغۇچى زىئون، قاچقىن! | 7 |
來れバビロンの女子とともに居るシオンよ遁れ來れ
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز شان-شەرىپىنى دەپ ئۇ مېنى سىلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان ئەللەرگە ئەۋەتتى؛ چۈنكى كىم سىلەرگە چېقىلسا، شۇ ئۆزىنىڭ كۆز قارىچوقىغا چېقىلغان بولىدۇ. | 8 |
萬軍のヱホバかく言たまふヱホバ汝等を擄へゆきし國々へ榮光のために我儕を遣したまふ汝らを打つ者は彼の目の珠を打なればなり
چۈنكى مانا، مەن ئۆز قولۇمنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سىلكىيمەن، ئۇلار ئۆزلىرىگە قۇل قىلىنغۇچىلارغا ئولجا بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر. | 9 |
即ち我手をかれらの上に搖ん彼らは己に事へし者の俘虜となるべし汝らは萬軍のヱホバの我を遣したまへるなるを知ん
ناخشىلارنى ياڭرىتىپ شادلان، ئى زىئون قىزى؛ چۈنكى مانا، كېلىۋاتىمەن، ئاراڭدا ماكانلىشىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار، | 10 |
ヱホバ言たまふシオンの女子よ喜び樂め我きたりて汝の中に住ばなり
ــ ۋە شۇ كۈنىدە كۆپ ئەللەر پەرۋەردىگارغا باغلىنىدۇ، ماڭا بىر خەلق بولىدۇ؛ ئاراڭدا ماكانلىشىمەن ۋە سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر؛ | 11 |
その日には許多の民ヱホバに附て我民とならん我なんぢの中に住べし汝は萬軍のヱホバの我を遣したまへるなるを知ん
شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار يەھۇدانى ئۆزىنىڭ «مۇقەددەس زېمىنى»دا نېسىۋىسى بولۇشقا مىراس قىلىدۇ ۋە يەنە يېرۇسالېمنى تاللىۋالىدۇ. | 12 |
ヱホバ聖地の中にてユダを取て己の分となし再びヱルサレムを簡びたまふべし
بارلىق ئەت ئىگىلىرى پەرۋەردىگار ئالدىدا سۈكۈت قىلسۇن! چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ماكانىدىن قوزغالدى!» | 13 |
ヱホバ起てその聖住所よりいでたまへば凡そ血肉ある者ヱホバの前に粛然たれ