شۇ كۈنى داۋۇت جەمەتى ھەم يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئۈچۈن گۇناھنى ۋە پاسكىنىلىقنى يۇيىدىغان بىر بۇلاق ئېچىلىدۇ. | 1 |
«لەو ڕۆژەدا کانییەک بۆ بنەماڵەی داود و بۆ دانیشتووانی ئۆرشەلیم دەکرێتەوە بۆ پاککردنەوەیان لە گوناه و گڵاوی.» |
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن مەبۇدلارنىڭ ناملىرىنى زېمىندىن يوقىتىمەنكى، ئۇلار يەنە ھېچ ئەسلەنمەيدۇ؛ ۋە مەن پەيغەمبەرلەرنى ۋە پاسكىنا روھنىمۇ زېمىندىن چىقىرىپ يۆتكىۋېتىمەن. | 2 |
یەزدانی سوپاسالار دەفەرموێت: «لەو ڕۆژەدا، ناوی بتەکان لە خاکەکەدا ڕیشەکێش دەکەم و ئیتر یادیان ناکرێتەوە. هەروەها پێغەمبەرەکان و ڕۆحی گڵاو لە خاکەکە ڕادەماڵم. |
شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، بىرەيلەن يەنىلا پەيغەمبەرچىلىك قىلىپ بېشارەت بېرەي دېسە، ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: «سەن ھايات قالمايسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن» دەيدۇ؛ ئاندىن ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنى بېشارەت بېرىۋاتقىنىدىلا سانجىپ ئۆلتۈرىدۇ. | 3 |
وای لێدێت ئەگەر کەسێک پێشبینی بکات، ئەوا دایک و باوکی، کە لەوانەوە بووە، پێی دەڵێن:”دەبێت بمریت، چونکە بە درۆ بە ناوی یەزدانەوە قسەت کردووە.“ئینجا کاتێک پێشبینی دەکات دایک و باوکی، کە لەوانەوە بووە، بە خەنجەر لێی دەدەن. |
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى بېشارەت بېرىۋاتقاندا كۆرگەن كۆرۈنۈشتىن خىجىل بولىدۇ؛ ئۇلار خەقنى ئالداش ئۈچۈن ئىككىنچى چۇپۇرلۇق چاپاننى كىيمەيدۇ؛ | 4 |
«ئینجا لەو ڕۆژەدا هەر پێغەمبەرێک بە پێشبینی بینینەکەی شەرمەزار دەبێت. جلی پێغەمبەران کە کەوای موودارە لەبەری ناکەن بۆ ئەوەی خەڵکی پێ هەڵبخەڵەتێنن. |
ئۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەمەس، مەن پەقەت تېرىقچىمەن؛ چۈنكى ياشلىقىمدىن تارتىپ تۇپراق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتىمەن» ــ دەيدۇ. | 5 |
هەریەکە و دەڵێت:”من پێغەمبەر نیم. من کابرایەکی جوتیارم، چونکە هەر لە منداڵیمەوە خاک سەرچاوەی بژێویم بووە.“ |
ئەمدى بىرسى ئۇنىڭدىن: «ھەي، ئەمدى سېنىڭ مەيدەڭدىكى بۇ زەخمەتلەر نېمە؟» ــ دېسە، ئۇ: «دوستلىرىمنىڭ ئۆيىدە يارىلىنىپ قالدىم» ــ دەپ جاۋاب بېرىدۇ. | 6 |
ئەگەر کەسێک بپرسێت:”ئەم برینانە چین لە جەستەت؟“ئەویش وەڵام دەداتەوە:”ئەوەیە کە لە ماڵی دۆستانم پێی بریندار بووم.“ |
ئويغان، ئى قىلىچ، مېنىڭ پادىچىمغا، يەنى مېنىڭ شېرىكىم بولغان ئادەمگە قارشى چىق، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ ــ پادىچىنى ئۇرۇۋەت، قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ؛ مەن قولۇمنى كىچىك پېئىللارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ تۇرغۇزىمەن. | 7 |
«یەزدانی سوپاسالار دەفەرموێت: ئەی شمشێر، لە دژی شوانەکەم هەستە، لە دژی ئەو پیاوەی لەگەڵمە! لە شوانەکە بدە، مەڕەکان پەرت دەبن، پاشان دەستم لە بچووکەکان بەرز دەکەمەوە.» |
زېمىندا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۈچتىن ئىككى قىسمى قىرىلىپ ئۆلىدۇ؛ بىراق ئۈچتىن بىر قىسمى ئۇنىڭدا تىرىك قالىدۇ. | 8 |
یەزدان دەفەرموێت: «ئینجا لە هەموو زەوی، دوو لەسەر سێیان لێیان دەدرێت و دەمرن، یەک لەسەر سێ تێیدا دەمێنێتەوە. |
ئاندىن مەن ئۈچىنچى قىسمىنى ئوتقا كىرگۈزىمەن، ئۇلارنى كۈمۈش تاۋلىغاندەك تاۋلايمەن، ئالتۇن سىنالغاندەك ئۇلارنى سىنايمەن؛ ئۇلار مېنىڭ نامىمنى چاقىرىپ نىدا قىلىدۇ ۋە مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن؛ مەن: «بۇ مېنىڭ خەلقىم» دەيمەن؛ ئۇلار: «پەرۋەردىگار مېنىڭ خۇدايىم» ــ دەيدۇ. | 9 |
ئەو یەک لەسەر سێیەش دەخەمە ناو ئاگرەوە، وەک زیو دەیانپاڵێوم، وەک زێڕ تاقییان دەکەمەوە. ئەوان بە ناوی منەوە نزا دەکەن و منیش وەڵامیان دەدەمەوە، من دەڵێم:”ئەوان گەلی منن،“ئەوانیش دەڵێن:”یەزدان خودای ئێمەیە.“» |