< زەكەرىيا 11 >
ئى لىۋان، ئوت سېنىڭ كېدىر دەرەخلىرىڭنى يەپ كېتىشى ئۈچۈن، دەرۋازىلىرىڭنى ئاچ! | 1 |
Open thy gates, O Libanus, and let fire devour thy cedars.
ۋايساڭلار، ئى قارىغايلار، چۈنكى كېدىر يىقىلدى، ئېسىل دەرەخلەر ۋەيران قىلىندى؛ ۋايساڭلار، ئى باشاندىكى دۇب دەرەخلىرى، چۈنكى باراقسان ئورمان يىقىتىلدى! | 2 |
Howl, thou fir tree, for the cedar is fallen, for the mighty are laid waste: howl, ye oaks of Basan, because the fenced forest is cut down.
پادىچىلارنىڭ ۋايسىغان ئاۋازىنى ئاڭلا! چۈنكى ئۇلارنىڭ شەرىپى [بولغان چىمەن-يايلاق] ۋەيران قىلىندى؛ ئارسلانلارنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازىنى ئاڭلا! چۈنكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ پەخرى بولغان [بۈك-باراقسانلىقى] ۋەيران قىلىندى. | 3 |
The voice of the howling of the shepherds, because their glory is laid waste: the voice of the roaring of the lions, because the pride of the Jordan is spoiled.
پەرۋەردىگار خۇدايىم مۇنداق دەيدۇ: ــ بوغۇزلاشقا بېكىتىلگەن پادىنى باققىن! | 4 |
Thus saith the Lord my God: Feed the flock of the slaughter,
ئۇلارنى سېتىۋالغانلار ئۇلارنى بوغۇزلىۋەتكەندە ھېچ گۇناھكار دەپ قارالمايدۇ؛ ئۇلارنى سېتىۋەتكەنلەر: «پەرۋەردىگارغا شۈكرى! چۈنكى بېيىپ كەتتىم!» ــ دەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆز پادىچىلىرى ئۇلارغا ئىچىنى ھېچ ئاغرىتمايدۇ. | 5 |
Which they that possessed, slew, and repented not, and they sold them, saying: Blessed be the Lord, we are become rich: and their shepherds spared them not.
چۈنكى مەن زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارغا يەنە ئىچىمنى ھېچ ئاغرىتمايمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ۋە مانا، مەن ئادەملەرنى، ھەربىرىنى ئۆز يېقىنىنىڭ قولىغا ۋە ئۆز پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ مانا، بۇلار زېمىننى خاراب قىلىدۇ، مەن ئۇلارنى بۇلارنىڭ قولىدىن ھېچ قۇتقۇزمايمەن. | 6 |
And I will no more spare the inhabitants of the land, saith the Lord: behold I will deliver the men, every one into his neighbour’s hand, and into the hand of his king: and they shall destroy the land, and I will not deliver it out of their hand.
شۇڭا مەن «بوغۇزلاشقا بېكىتىلگەن پادا»نى بېقىپ تۇردۇم، بولۇپمۇ پادىنىڭ ئارىسىدىكى مىسكىن مۆمىنلەرنى باقتىم. مەن ئۆزۈمگە ئىككى تاياقنى ئالدىم؛ بىرىنچىسىنى «شاپائەت»، ئىككىنچىسىنى «رىشتە» دەپ ئاتىدىم؛ شۇنىڭ بىلەن مەن پادىنى باقتىم. | 7 |
And I will feed the hock of slaughter for this, O ye poor of the dock. And I took unto me two rods, one I called Beauty, and the other I called a Cord, and I fed the flock.
شۇنىڭدەك مەن بىر ئاي ئىچىدە ئۈچ پادىچىنى ھالاك قىلدىم؛ مېنىڭ جېنىم بۇ [خەلقتىن] بىزار بولدى ۋە ئۇلارنىڭ جېنى مېنى ئۆچ كۆردى. | 8 |
And I cut off three shepherds in one month, and my soul was straitened in their regard: for their soul also varied in my regard.
مەن: «مەن سىلەرنى باقمايمەن؛ ئۆلەي دەپ قالغانلىرى ئۆلۈپ كەتسۇن؛ ھالاك بولاي دەپ قالغانلىرى ھالاك بولسۇن؛ تىرىك قالغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنىڭ گۆشىنى يېسۇن» ــ دېدىم. | 9 |
And I said: I will not feed you: that which dieth, let it die: and that which is cut off, let it be cut off: and let the rest devour every one the flesh of his neighbour.
مەن «شاپائەت» دېگەن تايىقىمنى ئېلىپ سۇندۇرىۋەتتىم، شۇنىڭدەك مېنىڭ بارلىق ئەللەر بىلەن بولغان ئەھدەمنى سۇندۇرۇۋەتتىم. | 10 |
And I took my rod that was called Beauty, and I cut it asunder to make void my covenant, which I had made with all people.
ئەھدە شۇ كۈنى بىكار قىلىۋېتىلدى؛ شۇڭا پادا ئارىسىدىكى ماڭا دىققەت قىلغان مىسكىن مۆمىنلەر بۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. | 11 |
And it was made void in that day: and so the poor of the flock that keep for me, understood that it is the word of the Lord.
ۋە مەن ئۇلارغا: «مۇۋاپىق كۆرسەڭلار، مېنىڭ ئىش ھەققىمنى بېرىڭلار؛ بولمىسا بولدى قىلىڭلار» ــ دېدىم. شۇڭا ئۇلار مېنىڭ ئىش ھەققىمگە ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى تارازىغا سالدى. | 12 |
And I said to them: If it be good in your eyes, bring hither my wages: and if not, be quiet. And they weighed for my wages thirty pieces of silver.
ۋە پەرۋەردىگار ماڭا: «مانا بۇ ئۇلار ماڭا بېكىتكەن قالتىس باھا! ئۇنى ساپالچىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بەر!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى ئېلىپ بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، ساپالچىنىڭ ئالدىغا چۆرىۋەتتىم. | 13 |
And the Lord said to me: Cast it to the statuary, a handsome price, that I was prized at by them. And I took the thirty pieces of silver, and I cast them into the house of the Lord to the statuary.
ئاندىن مەن يەھۇدا بىلەن ئىسرائىلنىڭ قېرىنداشلىقىنى ئۈزۈش ئۈچۈن، ئىككىنچى تايىقىمنى، يەنى «رىشتە»نى سۇندۇرۇۋەتتىم. | 14 |
And I cut off my second rod that was called a Cord, that I might break the brotherhood between Juda and Israel.
ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن ئەمدى يەنە ئەرزىمەس پادىچىنىڭ قوراللىرىنى ئال. | 15 |
And the Lord said to me: Take to thee yet the instruments of a foolish shepherd.
چۈنكى مانا، مەن زېمىندا بىر پادىچىنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەنكى، ئۇ ھالاك بولاي دېگەنلەردىن خەۋەر ئالمايدۇ، تېنەپ كەتكەنلەرنى ئىزدىمەيدۇ، يارىلانغانلارنى ساقايتمايدۇ، ساغلاملارنىمۇ باقمايدۇ؛ ئۇ بەلكى سەمرىگەنلەرنىڭ گۆشىنى يەيدۇ، ھەتتا تۇياقلىرىنى يىرىپ يەيدۇ. | 16 |
For behold I will raise up a shepherd in the land, who shall not visit what is forsaken, nor seek what is scattered, nor heal what is broken, nor nourish that which standeth, and he shall eat the flesh of the fat ones, and break their hoofs.
پادىنى تاشلىۋەتكەن ئەرزىمەس پادىچىنىڭ ھالىغا ۋاي! قىلىچ ئۇنىڭ بىلىكى ۋە ئوڭ كۆزىگە چۈشىدۇ؛ ئۇنىڭ بىلىكى پۈتۈنلەي يىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئوڭ كۆزى پۈتۈنلەي قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ. | 17 |
O shepherd, and idol, that forsaketh the flock: the sword upon his arm and upon his right eye: his arm shall quite wither away, and his right eye shall be utterly darkened.