< تىتۇسقا 1 >
خۇدانىڭ تاللىغانلىرىغا ئامانەت بولغان ئېتىقاد ۋە ئىخلاسمەنلىككە ئېلىپ بارىدىغان ھەقىقەتنىڭ بىلدۈرۈلۈشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى قىلىپ تەيىنلەنگەن، خۇدانىڭ قۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ساڭا سالام ــ | 1 |
Paulus, Guds Tjener og Jesu Kristi Apostel til at virke Tro hos Guds udvalgte og Erkendelse af Sandheden angaaende Gudsfrygt,
(بۇ ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت مەڭگۈلۈك ھاياتقا باغلانغان ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى مۇتلەق يالغان ئېيتمايدىغان خۇدا ھەممە دەۋر-زامانلاردىن ئىلگىرىلا ۋەدە قىلغانىدى؛ (aiōnios ) | 2 |
i Haab om evigt Liv, hvilket Gud, som ikke lyver, har forjættet fra evige Tider, (aiōnios )
لېكىن [ھازىر] ۋەدىسىنىڭ ۋاقتى كېلىپ قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا بۇنىڭ كالام-خەۋىرىنى ئۆز ئەمرى بىلەن ماڭا تاپشۇرغان جاكار ئارقىلىق ئاشكارىلىدى) | 3 |
men i sin Tid har han aabenbaret sit Ord ved den Prædiken, som er bleven mig betroet efter Guds, vor Frelsers Befaling:
ــ ئورتاق ئېتىقادىمىزدا ئۆز ئوغلۇم بولغان تىتۇسقا سالام! خۇدائاتىمىز ۋە نىجاتكارىمىز مەسىھ ئەيسادىن ساڭا مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! | 4 |
Til Titus, mit ægte Barn i fælles Tro: Naade og Fred fra Gud Fader og Kristus Jesus vor Frelser!
سېنى كرېت ئارىلىدا قالدۇرۇشتىكى سەۋەب، ئورۇندىلىپ بولمىغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىڭ ئۈچۈن ۋە ھەر شەھەردە ساڭا تاپىلىغىنىمدەك جامائەتكە ئاقساقاللارنى تەيىنلىشىڭ ئۈچۈن ئىدى. | 5 |
Derfor efterlod jeg dig paa Kreta, for at du skulde bringe i Orden, hvad der stod tilbage, og indsætte Ældste i hver By, som jeg paalagde dig,
ئاقساقاللىققا تەيىنلىنىدىغان كىشى ئەيىبسىز بولۇشى، بىر ئاياللىق، پەرزەنتلىرى بولسا ئېتىقاد قىلغۇچى بولۇشى ۋە ئىشلىرىدا شاللاقلىق قىلىدىغان ياكى [ئاتا-ئانىسىغا] بويسۇنمايدىغان ئەيىبلىرى بولمىغان بولۇشى كېرەك. | 6 |
saafremt en er ustraffelig, een Kvindes Mand og har troende Børn, der ikke ere beskyldte for Ryggesløshed eller ere genstridige.
چۈنكى جامائەتنىڭ يېتەكچىسى خۇدانىڭ [ئائىلىسىگە] غوجىدار بولۇش سۈپىتىدە، ئەيىبسىز بولۇشى كېرەك؛ باشباشتاق ئەمەس، تېرىككەك ئەمەس، ھاراق-شارابقا بېرىلگەن ئەمەس، زوراۋان ئەمەس، نەپسانىيەتچى ئەمەس، | 7 |
Thi en Tilsynsmand bør være ustraffelig som en Guds Husholder, ikke selvbehagelig, ikke vredagtig, ikke hengiven til Vin, ikke til Slagsmaal, ikke til slet Vinding,
بەلكى مېھماندوست، ساخاۋەتلىك، ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، سالماق، ئادىل، ئىخلاسمەن ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان بولۇشى لازىم. | 8 |
men gæstfri, elskende det gode, sindig, retfærdig, from, afholdende;
ئۇ يەنە ساغلام تەلىم بىلەن رىغبەت-تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ۋە قارشى چىققۇچىلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن، تاپشۇرۇلغان تەلىمدىكى ئىشەنچلىك كالام-سۆزدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. | 9 |
en Mand, som holder fast ved det troværdige Ord efter Læren, for at han kan være dygtig til baade at formane ved den sunde Lære og at gendrive dem, som sige imod.
چۈنكى ھازىر بىمەنە سۆز قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئوۋلاپ ئېزىتقۇلۇق قىلىدىغان، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدىغان كۆپلىگەن كىشىلەر بار، بولۇپمۇ خەتنىلىكلەردىن چىققانلار بار. | 10 |
Thi mange ere genstridige, føre intetsigende Snak og daare Sindet, især de af Omskærelsen;
ئۇلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىش كېرەك؛ چۈنكى ئۇلار ھارام دۇنيانى دەپ ئۆگىتىشكە تېگىشلىك بولمىغان تەلىملەرنى ئۆگىتىپ، ھەتتا پۈتۈن ئائىلىلەرنى نابۇت قىلماقتا. | 11 |
dem bør man stoppe Munden paa; thi de forvende hele Huse ved at føre utilbørlig Lære for slet Vindings Skyld.
شۇلاردىن بىرى، يەنى [كرېت ئارىلىدىكىلەرنىڭ] ئۆزىنىڭ بىر پەيغەمبىرى: «كرېتلار ھەمىشە يالغان سۆزلەيدىغانلار، ۋەھشىي ھايۋانلار ۋە ھۇرۇن تويماسلاردۇر» دېگەن. | 12 |
En af dem, en af deres egne Profeter, har sagt: „Kretere ere altid Løgnere, onde Dyr, lade Buge.”
بۇ گۇۋاھلىق ھەقىقەتتۇر؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ ئېتىقادتا ساغلام تۇرۇشى ئۈچۈن، شۇنداقلا يەھۇدىي ئەپسانىلەرگە ۋە ھەقىقەتتىن چەتنىگەنلەر توقۇۋالغان ئىنسانىي قائىدە-بەلگىلىمىلەرگە قۇلاق سالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ ئاگاھلاندۇرغىن. | 13 |
Dette Vidnesbyrd er sandt. Derfor skal du sætte dem strengelig i Rette, for at de maa blive sunde i Troen
og ikke agte paa jødiske Fabler og Bud af Mennesker, som vende sig bort fra Sandheden.
پاك كىشىلەر ئۈچۈن ھەممە نەرسە پاك؛ لېكىن بۇلغانغان ناپاكلار ۋە ئېتىقادسىزلار ئۈچۈن ھېچقانداق نەرسە پاك ئەمەستۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوي-پىكرلىرىمۇ، ۋىجدانىمۇ بۇلغىنىپ كەتكەن. | 15 |
Alt er rent for de rene; men for de besmittede og vantro er intet rent, men baade deres Sind og Samvittighed er besmittet.
ئۇلار خۇدانى تونۇيمىز دەپ داۋراڭ قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەللىرىدە ئۇنىڭدىن تانىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار يىرگىنچلىكلەر، ھېچگەپ ئاڭلىمايدىغانلار، ھېچقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا يارىمايدىغانلاردۇر. | 16 |
De sige, at de kende Gud, men med deres Gerninger fornægte de ham, vederstyggelige, som de ere, og ulydige og uduelige til al god Gerning.