< تىتۇسقا 3 >
[جامائەتتىكىلەرگە] شۇنى ئەسلىتىپ تۇرغىنكى، ئۇلار ھۆكۈمرانلارغا ۋە ھوقۇقدارلارغا بويسۇنۇپ، شۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىسۇن، ھەرقانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار تۇرسۇن، | 1 |
Нагадуй їм, щоб начальства і власти слухали і корились, і до всякого доброго діла були готові,
ھېچكىمنىڭ يامان گېپىنى قىلمىسۇن، جېدەلخور بولمىسۇن، مۇلايىم بولسۇن، ھەممە ئادەمگە ھەر جەھەتتە مۆمىنلىك كۆرسەتسۇن. | 2 |
щоб нїкого не хулили, не були сварливі, а тихі, показуючи всяку лагідність до всїх людей.
چۈنكى بىز ئۆزىمىزمۇ ئەسلىدە نادان بولۇپ، ئىتائەتسىز، ئازدۇرۇلغان، ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ ھەم لەززەتلەرنىڭ قۇلى بولغان، رەزىللىك ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، نەپرەتلىك بولغان ھەم بىر-بىرىمىزدىن نەپرەتلىنىدىغانلاردىن ئىدۇق. | 3 |
Були бо колись і ми нерозумні, непокірні, і зведені слуги похотям та всяким розкошам, живучи в злобі та завистї, гидкими бувши та ненавидячи один одного.
بىراق قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بولغان مېھرىبانلىقى ۋە مېھىر-مۇھەببىتى ئايان بولۇشى بىلەن، | 4 |
Як же явилась благость і чоловіколюбиє Спаса нашого Бога,
(ئۆزىمىزنىڭ قانداقتۇر ھەققانىي ئەمەللىرىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى بىلەن) يېڭىدىن تۇغۇلۇشتا يۇيۇشلىرى ۋە مۇقەددەس روھتا يېڭىلىشى ئارقىلىق ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى؛ | 5 |
не з дїл праведних, що ми робили, а по своїй милости спас нас купеллю новорождення і обновлення Духа сьвятого,
بۇ روھنى خۇدا نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ۋۇجۇدىمىزغا مول قۇيدى. | 6 |
котрого вилив на нас щедро через Ісуса Христа, Спасителя вашого,
بۇ ئارقىلىق، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ھەققانىي قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىنى تۇتقان مىراسخورلار بولدۇق. (aiōnios ) | 7 |
щоб оправдавшись благодаттю Його, зробились ми наслїдниками по надії життя вічнього. (aiōnios )
بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر ۋە بۇ ھەقىقەتلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىشىڭنى تەلەپ قىلىمەن. شۇنداق قىلغىنىڭدا، خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلار ئۆزلىرىنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بېرىلىشكە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ ئىشلار ئىنسانلار ئۈچۈن گۈزەل ۋە پايدىلىق. | 8 |
Вірне слово, і хочу, щоб про се ти впевняв, щоб котрі увірували в Бога, старались пильнувати добрих дїл. Добре воно і користне людям.
بىراق ئەخمىقانە مۇنازىرىلەر، نەسەبنامىلەردىكى [قۇرۇق گەپلەر]، جېدەل-ماجرالار، تەۋرات قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشلاردىن ئۆزۈڭنى نېرى تۇتقىن؛ چۈنكى بۇلار پايدىسىز ۋە بىمەنىلىكتۇر. | 9 |
Дурного ж змагання, та родоводів, та спорів, та сварок про закон цурай ся, бо вони не на користь і марні.
ئارىغا بۆلگۈنچىلىك قىلغۇچى ئادەمنى بولسا بىر-ئىككى قېتىم ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بولغان باردى-كەلدىنى ئۈزىۋەت؛ | 10 |
Єретика чоловіка після первого і другого напомину, покинь,
چۈنكى بۇنداق ئادەمنى ھەقىقەتتىن چەتنىدى، گۇناھ سادىر قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى ئۆزى جازاغا مەھكۇم قىلغان دەپ بىلىسەن. | 11 |
знаючи, що такий розвертаєть ся і грішить, осудивши сам себе.
ئارتېماسنى ياكى تىكىكۇسنى ساڭا ماڭدۇرغاندا، مۇمكىن قەدەر تېزرەك نىكوپولىس شەھىرىگە مېنىڭ يېنىمغا كەلگىن، چۈنكى ئۇ يەردە قىشلىماقچى بولۇۋاتىمەن. | 12 |
Як пришлю Артема до тебе або Тихика, постарайсь прийти до мене в Никополь: там бо надумавсь я зазимувати.
ئادۋوكات زېناس بىلەن ئاپوللوسنىڭ سەپىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ھىممىتىڭنىڭ بارىچە ئۇزاتقىن؛ كەم-كۈتىلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن چىققىن. | 13 |
Зину законника та Аполоса старанно випровадь, щоб нї в чому не мали недостатку.
بىزنىڭ قوۋمىمىز مېۋىسىز قالماسلىقى ئۈچۈن ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلىپ، ئۆزلىرىنى گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىشقا بېغىشلاشنى ئۆگەنسۇن. | 14 |
Нехай і наші вчять ся пильнувати добрих дід для конечних погріб, щоб не були без овощу.
يېنىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ساڭا سالام. ئېتىقادتا بىزنى سۆيىدىغالارغا سالام ئېيت. مېھىر-شەپقەت ھەممىڭلارغا يار بولغاي! | 15 |
Витають тебе усї, що зо мною. Витай тих, хто любить нас у вірі. Благодать з усїма вами. Амінь.