< تىتۇسقا 2 >

لېكىن سەن بولساڭ ساغلام تەلىمگە قانداق ئۇيغۇن ياشاشنى ئۆگىتىشىڭ كېرەك. 1
συ δε λαλει α πρεπει τη υγιαινουση διδασκαλια
ياشانغان ئەرلەرگە، ھوشيار، سالماق، تەمكىن، ئېتىقادتا، مېھىر-مۇھەببەتتە ۋە سەۋر-تاقەتتە ساغلام بولۇشنى تاپىلىغىن. 2
πρεσβυτας νηφαλιους ειναι σεμνους σωφρονας υγιαινοντας τη πιστει τη αγαπη τη υπομονη
شۇنىڭدەك، ياشانغان ئاياللارغا يۈرۈش-تۇرۇشتا ئىخلاس-مۇقەددەسلىككە لايىق بولۇشنى، چېقىمچىلىق قىلماسلىقنى، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان بولۇشنى، گۈزەل ئىشلارنى ئۆگەتكۈچىلەر بولۇشنى تاپىلىغىن. 3
πρεσβυτιδας ωσαυτως εν καταστηματι ιεροπρεπεις μη διαβολους μη οινω πολλω δεδουλωμενας καλοδιδασκαλους
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ياش ئاياللارغا ئەرلىرىگە كۆيۈنۈش، بالىلىرىغا كۆيۈنۈش، سالماق بولۇش، پاك بولۇش، ئۆي ئىشلىرىنى پۇختا قىلىش، مېھرىبان بولۇش ۋە ئۆز ئەرلىرىگە بويسۇنۇشنى ئۆگىتەلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا خۇدانىڭ سۆزى قارىلانمايدۇ. 4
ινα σωφρονιζωσιν τας νεας φιλανδρους ειναι φιλοτεκνους
5
σωφρονας αγνας οικουρους αγαθας υποτασσομενας τοις ιδιοις ανδρασιν ινα μη ο λογος του θεου βλασφημηται
شۇنىڭدەك ياش ئەرلەرنىمۇ سالماق بولۇشقا جېكىلىگىن. 6
τους νεωτερους ωσαυτως παρακαλει σωφρονειν
ئۆزۈڭمۇ ھەممە ئىشتا گۈزەل ئەمەللىرىڭ بىلەن ئۇلارغا ئۈلگە بولغىن؛ تەلىم بەرگىنىڭدە پاك-دىيانەتلىك، ئېغىر-بېسىق بولۇپ، 7
περι παντα σεαυτον παρεχομενος τυπον καλων εργων εν τη διδασκαλια αδιαφθοριαν σεμνοτητα αφθαρσιαν
ھېچكىم قۇسۇر تاپالمايدىغان، ساغلام سۆزلەرنى يەتكۈزگىن؛ بۇنىڭ بىلەن، قارشى چىققۇچىلار بىز توغرۇلۇق يامان گەپ قىلىدىغان يەرنى تاپالماي خىجىل بولىدۇ. 8
λογον υγιη ακαταγνωστον ινα ο εξ εναντιας εντραπη μηδεν εχων περι υμων λεγειν φαυλον
قۇللارغا ئۆز خوجايىنلىرىنى ھەممە ئىشتا قانائەتلەندۈرۈپ ئۇلارغا بويسۇنۇشنى ئۆگەتكىن. ئۇلار گەپ ياندۇرماي، 9
δουλους ιδιοις δεσποταις υποτασσεσθαι εν πασιν ευαρεστους ειναι μη αντιλεγοντας
ئوغرىلىق قىلماي، ئۆزلىرىنىڭ ھەر جەھەتتە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسۇن. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ تەلىماتىغا ھەر جەھەتتىن زىننەت بولىدۇ. 10
μη νοσφιζομενους αλλα πιστιν πασαν ενδεικνυμενους αγαθην ινα την διδασκαλιαν του σωτηρος ημων θεου κοσμωσιν εν πασιν
چۈنكى خۇدانىڭ نىجاتنى بارلىق ئىنسانلارغا ئېلىپ كېلىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئايان بولدى؛ 11
επεφανη γαρ η χαρις του θεου η σωτηριος πασιν ανθρωποις
ئۇ بىزگە ئىخلاسسىزلىق ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، ھازىرقى زاماندا سالماق، ھەققانىي، ئىخلاسمەن ھاياتنى ئۆتكۈزۈشىمىز بىلەن، (aiōn g165) 12
παιδευουσα ημας ινα αρνησαμενοι την ασεβειαν και τας κοσμικας επιθυμιας σωφρονως και δικαιως και ευσεβως ζησωμεν εν τω νυν αιωνι (aiōn g165)
ئۇلۇغ خۇدا، نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن كېلىدىغانلىقىغا بولغان مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈشنى ئۆگىتىدۇ. 13
προσδεχομενοι την μακαριαν ελπιδα και επιφανειαν της δοξης του μεγαλου θεου και σωτηρος ημων ιησου χριστου
ئۇ بەدەل تۆلەپ بىزنى ھەممە ئىتائەتسىزلىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى ئۆزى ئۈچۈن پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرگە قىزغىن ئىنتىلىدىغان خەلق قىلىشقا بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. 14
ος εδωκεν εαυτον υπερ ημων ινα λυτρωσηται ημας απο πασης ανομιας και καθαριση εαυτω λαον περιουσιον ζηλωτην καλων εργων
بارلىق ھوقۇقۇڭنى ئىشلىتىپ بۇ ئىشلارنى جاكارلاپ ئېيتقىن، نەسىھەت بېرىپ جېكىلىگىن ۋە ئاگاھلاندۇرغىن. ھېچكىم سېنى كەمسىتمىسۇن. 15
ταυτα λαλει και παρακαλει και ελεγχε μετα πασης επιταγης μηδεις σου περιφρονειτω

< تىتۇسقا 2 >