< تىتۇسقا 2 >
لېكىن سەن بولساڭ ساغلام تەلىمگە قانداق ئۇيغۇن ياشاشنى ئۆگىتىشىڭ كېرەك. | 1 |
Ti, naprotiv, govori što se priliči zdravu nauku:
ياشانغان ئەرلەرگە، ھوشيار، سالماق، تەمكىن، ئېتىقادتا، مېھىر-مۇھەببەتتە ۋە سەۋر-تاقەتتە ساغلام بولۇشنى تاپىلىغىن. | 2 |
starci da budu trijezni, ozbiljni, razumni, zdrave vjere, ljubavi, postojanosti;
شۇنىڭدەك، ياشانغان ئاياللارغا يۈرۈش-تۇرۇشتا ئىخلاس-مۇقەددەسلىككە لايىق بولۇشنى، چېقىمچىلىق قىلماسلىقنى، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان بولۇشنى، گۈزەل ئىشلارنى ئۆگەتكۈچىلەر بولۇشنى تاپىلىغىن. | 3 |
starice isto tako - vladanja kakvo dolikuje svetima: ne klevetnice, ne ropkinje mnogog vina, nego učiteljice dobra
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ياش ئاياللارغا ئەرلىرىگە كۆيۈنۈش، بالىلىرىغا كۆيۈنۈش، سالماق بولۇش، پاك بولۇش، ئۆي ئىشلىرىنى پۇختا قىلىش، مېھرىبان بولۇش ۋە ئۆز ئەرلىرىگە بويسۇنۇشنى ئۆگىتەلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا خۇدانىڭ سۆزى قارىلانمايدۇ. | 4 |
da urazumljuju mlađe neka ljube svoje muževe, djecu,
neka budu razumne, čiste, kućevne, dobre, podložne svojim muževima da se riječ Božja ne bi pogrđivala.
شۇنىڭدەك ياش ئەرلەرنىمۇ سالماق بولۇشقا جېكىلىگىن. | 6 |
Mladiće isto tako potiči da budu razumni.
ئۆزۈڭمۇ ھەممە ئىشتا گۈزەل ئەمەللىرىڭ بىلەن ئۇلارغا ئۈلگە بولغىن؛ تەلىم بەرگىنىڭدە پاك-دىيانەتلىك، ئېغىر-بېسىق بولۇپ، | 7 |
U svemu se pokaži uzorom dobrih djela: u poučavanju - nepokvarljivost, ozbiljnost,
ھېچكىم قۇسۇر تاپالمايدىغان، ساغلام سۆزلەرنى يەتكۈزگىن؛ بۇنىڭ بىلەن، قارشى چىققۇچىلار بىز توغرۇلۇق يامان گەپ قىلىدىغان يەرنى تاپالماي خىجىل بولىدۇ. | 8 |
riječ zdrava, besprigovorna da se onaj nasuprot postidi nemajući o nama reći ništa zlo.
قۇللارغا ئۆز خوجايىنلىرىنى ھەممە ئىشتا قانائەتلەندۈرۈپ ئۇلارغا بويسۇنۇشنى ئۆگەتكىن. ئۇلار گەپ ياندۇرماي، | 9 |
Robovi neka se svojim gospodarima u svemu podlažu, ugađaju im, ne proturječe,
ئوغرىلىق قىلماي، ئۆزلىرىنىڭ ھەر جەھەتتە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسۇن. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ تەلىماتىغا ھەر جەھەتتىن زىننەت بولىدۇ. | 10 |
ne pronevjeruju, nego neka im iskazuju svaku dobru vjernost da u svemu budu ures nauku Spasitelja našega, Boga.
چۈنكى خۇدانىڭ نىجاتنى بارلىق ئىنسانلارغا ئېلىپ كېلىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئايان بولدى؛ | 11 |
Pojavila se doista milost Božja, spasiteljica svih ljudi;
ئۇ بىزگە ئىخلاسسىزلىق ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، ھازىرقى زاماندا سالماق، ھەققانىي، ئىخلاسمەن ھاياتنى ئۆتكۈزۈشىمىز بىلەن، (aiōn ) | 12 |
odgojila nas da se odreknemo bezbožnosti i svjetovnih požuda te razumno, pravedno i pobožno živimo u sadašnjem svijetu, (aiōn )
ئۇلۇغ خۇدا، نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن كېلىدىغانلىقىغا بولغان مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈشنى ئۆگىتىدۇ. | 13 |
iščekujući blaženu nadu i pojavak slave velikoga Boga i Spasitelja našega Isusa Krista.
ئۇ بەدەل تۆلەپ بىزنى ھەممە ئىتائەتسىزلىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى ئۆزى ئۈچۈن پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرگە قىزغىن ئىنتىلىدىغان خەلق قىلىشقا بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. | 14 |
On sebe dade za nas da nas otkupi od svakoga bezakonja i očisti sebi Narod izabrani koji revnuje oko dobrih djela.
بارلىق ھوقۇقۇڭنى ئىشلىتىپ بۇ ئىشلارنى جاكارلاپ ئېيتقىن، نەسىھەت بېرىپ جېكىلىگىن ۋە ئاگاھلاندۇرغىن. ھېچكىم سېنى كەمسىتمىسۇن. | 15 |
To govori, zapovijedaj, karaj sa svom vlašću. Nitko neka te ne prezire.