< كۈيلەرنىڭ كۈيى 8 >
«ئاھ، ئاپامنىڭ كۆكسىنى شورىغان ئىنىمدەك بولساڭئىدى! سېنى تالادا ئۇچرىتار بولسام، سۆيەتتىم، ۋە ھېچكىم مېنى كەمسىتمەيتتى. | 1 |
Quis mihi det te fratrem meum, sugentem ubera matris meæ, ut inveniam te foris, et deosculer te, et jam me nemo despiciat?
مەن سېنى يېتەكلەيتتىم، ئاپاڭنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىرەتتىم؛ سەن ماڭا تەلىم بېرەتتىڭ؛ مەن ساڭا تېتىتقۇ شارابىدىن ئىچكۈزەتتىم؛ ئانارلىرىمنىڭ شەربىتىدىن ئىچكۈزەتتىم. | 2 |
Apprehendam te, et ducam in domum matris meæ: ibi me docebis, et dabo tibi poculum ex vino condito, et mustum malorum granatorum meorum.
ئۇنىڭ سول قولى بېشىم ئاستىدا بولاتتى، ئۇنىڭ ئوڭ قولى مېنى سىلايتتى!». | 3 |
Læva ejus sub capite meo, et dextera illius amplexabitur me.
«سىلەرگە تاپىلايمەنكى، ئى يېرۇسالېم قىزلىرى ــ «ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولمىغۇچە، سىلەر مۇھەببەتنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار!» | 4 |
Adjuro vos, filiæ Jerusalem, ne suscitetis, neque evigilare faciatis dilectam, donec ipsa velit.
«دالادىن چىقىۋاتقان بۇ زادى كىم؟ ئۆز سۆيۈملۈكىگە يۆلىنىپ؟» «مەن ئالما دەرىخى ئاستىدا سېنى ئويغاتقانىدىم؛ ئاشۇ يەردە ئاپاڭ تولغاق يەپ سېنى دۇنياغا چىقارغانىدى؛ ئاشۇ يەردە سېنى تۇغقۇچى تولغاق يەپ سېنى چىقارغانىدى». | 5 |
Quæ est ista quæ ascendit de deserto, deliciis affluens, innixa super dilectum suum? Sub arbore malo suscitavi te; ibi corrupta est mater tua, ibi violata est genitrix tua.
«مېنى كۆڭلۈڭگە مۆھۈردەك، بىلىكىڭگە مۆھۈردەك باسقايسەن؛ چۈنكى مۇھەببەت ئۆلۈمدەك كۈچلۈكتۇر؛ مۇھەببەتنىڭ قىزغىنىشى تەھتىسارادەك رەھىمسىز؛ ئۇنىڭدىن چىققان ئوت ئۇچقۇنلىرى، ــ ياھنىڭ دەھشەتلىك بىر يالقۇنىدۇر! (Sheol ) | 6 |
Pone me ut signaculum super cor tuum, ut signaculum super brachium tuum, quia fortis est ut mors dilectio, dura sicut infernus æmulatio: lampades ejus lampades ignis atque flammarum. (Sheol )
كۆپ سۇلار مۇھەببەتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ؛ كەلكۈنلەر ئۇنى غەرق قىلالمايدۇ؛ بىرسى: «ئۆي-تەئەللۇقاتلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ مۇھەببەتكە ئېرىشىمەن» دېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئادەم كىشىنىڭ نەزىرىدىن پۈتۈنلەي چۈشۈپ كېتىدۇ». | 7 |
Aquæ multæ non potuerunt extinguere caritatem, nec flumina obruent illam. Si dederit homo omnem substantiam domus suæ pro dilectione, quasi nihil despiciet eam.
«بىزنىڭ كىچىك سىڭلىمىز باردۇر، بىراق ئۇنىڭ كۆكسى يوقتۇر؛ سىڭلىمىزغا ئەلچىلەر كەلگەن كۈنىدە بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىمىز؟» | 8 |
Soror nostra parva, et ubera non habet; quid faciemus sorori nostræ in die quando alloquenda est?
«ئەگەر ئۇ سېپىل بولسا، بىز ئۇنىڭغا كۈمۈش مۇنار سالىمىز؛ ئەگەر ئۇ ئىشىك بولسا، بىز ئۇنى كېدىر تاختايلار بىلەن قاپلايمىز». | 9 |
Si murus est, ædificemus super eum propugnacula argentea; si ostium est, compingamus illud tabulis cedrinis.
«ئۆزۈم بىر سېپىلدۇرمەن، ھەم مېنىڭ كۆكسىلىرىم مۇنارلاردەكتۇر؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا خاتىرجەملىك تاپقان بىرسىدەك بولدۇم». | 10 |
Ego murus, et ubera mea sicut turris, ex quo facta sum coram eo, quasi pacem reperiens.
«سۇلايماننىڭ بائال-ھاموندا ئۈزۈمزارى بار ئىدى، ئۈزۈمزارىنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بەردى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېۋىسى ئۈچۈن مىڭ تەڭگە ئاپىرىپ بېرىشى كېرەك ئىدى؛ | 11 |
Vinea fuit pacifico in ea quæ habet populos: tradidit eam custodibus; vir affert pro fructu ejus mille argenteos.
ئۆزۈمنىڭ ئۈزۈمزارىم مانا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ مىڭ تەڭگىسى ساڭا بولسۇن، ئى سۇلايمان، شۇنىڭدەك ئىككى يۈز تەڭگە مېۋىسىنى باققۇچىلارغا بولسۇن». | 12 |
Vinea mea coram me est. Mille tui pacifici, et ducenti his qui custodiunt fructus ejus.
«ھەي باغلاردا تۇرغۇچى، ھەمراھلار ئاۋازىڭنى ئاڭلىغۇسى بار؛ ماڭىمۇ ئۇنى ئاڭلاتقۇزغايسەن». | 13 |
Quæ habitas in hortis, amici auscultant; fac me audire vocem tuam.
«ئى سۆيۈملۈكۈم، تېز بولە، جەرەن ياكى ياش بۇغىدەك بول، تېتىتقۇلار تاغلىرى ئۈستىدە يۈگۈرۈپ!» | 14 |
Fuge, dilecte mi, et assimilare capreæ, hinnuloque cervorum super montes aromatum.