< كۈيلەرنىڭ كۈيى 7 >
«ئى شاھزادىنىڭ قىزى، كەشلىرىڭدە سېنىڭ قەدەملىرىڭ نېمىدېگەن گۈزەل! تولغىغان يامپاشلىرىڭ گۆھەرلەردەك، چېۋەر ھۈنەرۋەن قولىنىڭ ھۈنىرىدۇر. | 1 |
귀한 자의 딸아! 신을 신은 네 발이 어찌 그리 아름다운가 네 넓적다리는 둥글어서 공교한 장색의 만든 구슬 꿰미 같구나
كىندىكىڭ يۇمۇلاق بىر قەدەھتۇر؛ ئۇنىڭ ئەبجەش شارابى كەم ئەمەس؛ قورسىقىڭ بۇغداي دۆۋىسىدۇر، ئەتراپىغا نىلۇپەرلەر ئولىشىدۇ. | 2 |
배꼽은 섞은 포도주를 가득히 부은 둥근 잔 같고 허리는 백합화로 두른 밀단 같구나
ئىككى كۆكسۈڭ ئىككى مارالدەك، جەرەننىڭ قوشكېزىكىدۇر؛ | 3 |
두 유방은 암사슴의 쌍태 새끼 같고
بوينۇڭ پىل چىشلىرىدىن ياسالغان مۇناردۇر؛ كۆزلىرىڭ بات-راببىم قوۋۇقى بويىدىكى ھەشبون كۆلچەكلىرىدەك، بۇرنۇڭ دەمەشققە قارايدىغان لىۋان مۇنارىدەكتۇر؛ | 4 |
목은 상아 망대 같구나 눈은 헤스본 바드랍빔 문 곁의 못 같고 코는 다메섹을 향한 레바논 망대 같구나
ئۈستۈڭدە بېشىڭ كارمەل تېغىدەك تۇرىدۇ؛ بېشىڭدىكى ئۆرۈمە چاچلىرىڭ سۆسۈن رەڭلىكتۇر، پادىشاھ بۈدۈر چاچلىرىڭنىڭ مەھبۇسىدۇر. | 5 |
머리는 갈멜산 같고 드리운 머리털은 자주 빛이 있으니 왕이 그 머리카락에 매이었구나
ئى سۆيگىنىم، ھۇزۇرلار ئۈچۈن شۇنچە گۈزەل، شۇنچە يېقىملىقتۇرسەن! | 6 |
사랑아, 네가 어찌 그리 아름다운지, 어찌 그리 화창한지 쾌락하게 하는구나
سېنىڭ بويۇڭ پالما دەرىخىدەك، كۆكسۈڭ ئۈزۈم غۇنچىلىرىدەكتۇر. | 7 |
네 키는 종려나무 같고 네 유방은 그 열매 송이 같구나
مەن: ــ «پالما دەرىخى ئۈستىگە چىقىمەن، شاخلىرىنى تۇتۇپ يامىشىمەن؛ كۆكسىلىرىڭ دەرۋەقە ئۈزۈم تال غۇنچىلىرىدەك، بۇرنۇڭنىڭ پۇرىقى ئالمىلاردەك، تاڭلايلىرىڭنىڭ تەمى ئەڭ ئېسىل شارابدەكتۇر...». | 8 |
내가 말하기를 종려나무에 올라가서 그 가지를 잡으리라 하였나니 네 유방은 포도송이 같고 네 콧김은 사과 냄새 같고
«...مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭ گېلىدىن سىلىق ئۆتۈپ، لەۋلەر، چىشلاردىن تېيىلىپ چۈشسۇن...! | 9 |
네 입은 좋은 포도주 같을 것이니라 이 포도주는 나의 사랑하는 자를 위하여 미끄럽게 흘러 내려서 자는 자의 입으로 움직이게 하느니라
مەن مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭكىدۇرمەن، ئۇنىڭ تەقاززاسى ماڭا قارىتىلىدۇ». | 10 |
나는 나의 사랑하는 자에게 속하였구나 그가 나를 사모하는구나
«ئى سۆيۈملۈكۈم، كېلەيلى، ئېتىزلارغا چىقايلى؛ يېزىلاردا تۈنەپ كېلەيلى، | 11 |
나의 사랑하는 자야! 우리가 함께 들로 가서 동네에서 유숙하자
ئۈزۈمزارلىققا چىقىشقا بالدۇر ئورۇندىن تۇرايلى، ئۈزۈم تاللىرىنىڭ بىخلىغان-بىخلىمىغانلىقىنى، چېچەكلەرنىڭ ئېچىلغان-ئېچىلمىغانلىقىنى، ئانارلارنىڭ بەرق ئۇرغان-ئۇرمىغانلىقىنى كۆرەيلى؛ ئاشۇ يەردە مۇھەببەتلىرىمنى ساڭا بېغىشلايمەن. | 12 |
우리가 일찌기 일어나서 포도원으로 가서 포도 움이 돋았는지 꽃술이 퍼졌는지 석류꽃이 피었는지 보자 거기서 내가 나의 사랑을 네게 주리라
مۇھەببەتگۈللەر ئاشۇ يەردە ئۆز پۇرىقىنى پۇرىتىدۇ؛ ئىشىكلىرىمىز ئۈستىدە ھەرخىل ئېسىل مېۋە-چىۋىلەر باردۇر، يېڭى ھەم كونىمۇ باردۇر؛ سەن ئۈچۈن ئۇلارنى توپلاپ تەييارلىدىم، ئى سۆيۈملۈكۈم!» | 13 |
합환채가 향기를 토하고 우리의 문 앞에는 각양 귀한 실과가 새것, 묵은 것이 구비하였구나 내가 나의 사랑하는 자 너를 위하여 쌓아둔 것이로구나