< كۈيلەرنىڭ كۈيى 6 >
«سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭ نەگە كەتكەندۇ، قىز-ئاياللار ئارىسىدا ئەڭ گۈزەل بولغۇچى؟ سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭ قەيەرگە بۇرۇلۇپ كەتتى؟ بىز سەن بىلەن بىللە ئۇنى ئىزدەيلى!» | 1 |
你這女子中極美麗的, 你的良人往何處去了? 你的良人轉向何處去了, 我們好與你同去尋找他。
«مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ئۆز بېغىغا چۈشتى، تېتىتقۇ ئوتياشلىقلارغا چۈشتى. باغلاردا ئوزۇقلىنىشقا، نىلۇپەرلەرنى يىغىشقا چۈشتى. | 2 |
我的良人下入自己園中, 到香花畦, 在園內牧放群羊, 採百合花。
مەن مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭكىدۇرمەن، ۋە سۆيۈملۈكۈم مېنىڭكىدۇر؛ ئۇ ئۆز پادىسىنى نىلۇپەرلەر ئارىسىدا باقىدۇ» | 3 |
我屬我的良人, 我的良人也屬我; 他在百合花中牧放群羊。
«سەن گۈزەل، ئى سۆيۈملۈكۈم، تىرزاھ شەھىرىدەك گۈزەل؛ يېرۇسالېمدەك يېقىملىق، تۇغلارنى كۆتۈرگەن بىر قوشۇندەك ھەيۋەتلىكتۇرسەن؛ | 4 |
我的佳偶啊,你美麗如得撒, 秀美如耶路撒冷, 威武如展開旌旗的軍隊。
ئاھ، كۆزلىرىڭنى مەندىن كەتكۈزگىن! چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئۈستۈمدىن غالىب كېلىۋاتىدۇ؛ چاچلىرىڭ گىلېئاد تېغى باغرىدا ياتقان بىر توپ ئۆچكىلەردەكتۇر. | 5 |
求你掉轉眼目不看我, 因你的眼目使我驚亂。 你的頭髮如同山羊群臥在基列山旁。
چىشلىرىڭ يېڭىلا يۇيۇلۇشتىن چىققان قىرقىلغان بىر توپ قويلاردەك؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشكېزەك تۇغقانلاردىندۇر؛ ئۇلار ئارىسىدا ھېچبىرى كەم ئەمەستۇر؛ | 6 |
你的牙齒如一群母羊 洗淨上來,個個都有雙生, 沒有一隻喪掉子的。
چۈمبىلىڭ كەينىدە چېكىلىرىڭ پارچە ئاناردۇر. | 7 |
你的兩太陽在帕子內, 如同一塊石榴。
ئاتمىش خانىش، سەكسەن كېنىزەكمۇ بار؛ قىزلار ساناقسىز؛ | 8 |
有六十王后八十妃嬪, 並有無數的童女。
بىراق مېنىڭ پاختىكىم، غۇبارسىزىم بولسا بىردىنبىردۇر؛ ئانىسىدىن تۇغۇلغانلار ئىچىدە تەڭداشسىز بولغۇچى، ئۆزىنى تۇغقۇچىنىڭ تاللىغىنىدۇر. قىزلار ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتاشتى، خانىشلار ۋە كېنىزەكلەرمۇ كۆرۈپ ئۇنى ماختاشتى». | 9 |
我的鴿子,我的完全人, 只有這一個是她母親獨生的, 是生養她者所寶愛的。 眾女子見了就稱她有福; 王后妃嬪見了也讚美她。
«تاڭ سەھەر جاھانغا قارىغاندەك، ئايدەك گۈزەل، ئايدىڭدەك روشەن، ئىللىق قۇياشتەك يورۇق، تۇغلارنى كۆتۈرگەن قوشۇنلاردەك ھەيۋەتلىك بولغۇچى كىمدۇر؟» | 10 |
那向外觀看、如晨光發現、 美麗如月亮、皎潔如日頭、 威武如展開旌旗軍隊的是誰呢?
«مېغىزلار بېغىغا چۈشتۈم، جىلغىدىكى گۈل-گىياھلارنى كۆرۈشكە، ئۈزۈم تېلىنىڭ بىخلىغان-بىخلىمىغانلىقىنى كۆرۈشكە، ئانارلارنىڭ چېچەكلىگەن-چېچەكلىمىگەنلىكىنى كۆرۈشكە؛ | 11 |
我下入核桃園, 要看谷中青綠的植物, 要看葡萄發芽沒有, 石榴開花沒有。
بىراق بىلە-بىلمەي، جېنىم مېنى كۆتۈرۈپ، ئېسىل خەلقىمنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ئۈستىگە قويغانىكەن». | 12 |
不知不覺, 我的心將我安置在我尊長的車中。
«قايتقىن، قايتقىن، ئى شۇلامىت ــ قايتقىن، قايتقىن، بىزنىڭ ساڭا قارىغۇمىز باردۇر!» «سىلەر شۇلامىتنىڭ نېمىسىگە قارىغۇڭلار بار؟» «“ئىككى بارگاھ” ئۇسسۇلغا چۈشكەن ۋاقتىدىكىدەك ئۇنىڭغا قارايمىز!» | 13 |
回來,回來,書拉密女; 你回來,你回來,使我們得觀看你。 〔新娘〕 你們為何要觀看書拉密女, 像觀看瑪哈念跳舞的呢?