< كۈيلەرنىڭ كۈيى 4 >
«مانا، سەن گۈزەل، سۆيۈملۈكۈم! مانا، سەن گۈزەل! چۈمپەردەڭ كەينىدە كۆزلىرىڭ پاختەكلەردەك ئىكەن، چاچلىرىڭ گىلېئاد تېغى باغرىدا ياتقان بىر توپ ئۆچكىلەردەكتۇر. | 1 |
«Mana, sǝn güzǝl, sɵyümlüküm! Mana, sǝn güzǝl! Qümpǝrdǝng kǝynidǝ kɵzliring pahtǝklǝrdǝk ikǝn, Qaqliring Gilead teƣi baƣrida yatⱪan bir top ɵqkilǝrdǝktur.
چىشلىرىڭ يېڭىلا يۇيۇلۇشتىن چىققان قىرقىلغان بىر توپ قويلاردەك؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشكېزەك تۇغقانلاردىن، ئۇلار ئارىسىدا ھېچبىرى كەم ئەمەستۇر. | 2 |
Qixliring yengila yuyuluxtin qiⱪⱪan ⱪirⱪilƣan bir top ⱪoylardǝk; Ularning ⱨǝmmisi ⱪoxkezǝk tuƣⱪanlardin, Ular arisida ⱨeqbiri kǝm ǝmǝstur.
لەۋلىرىڭ پەرەڭ تال يىپتەك، گەپلىرىڭ يېقىملىقتۇر؛ چۈمبىلىڭ كەينىدە چېكىلىرىڭ پارچە ئاناردۇر. | 3 |
Lǝwliring pǝrǝng tal yiptǝk, Gǝpliring yeⱪimliⱪtur; Qümbiling kǝynidǝ qekiliring parqǝ anardur.
بوينۇڭ بولسا، قورالخانا بولۇشقا تەييارلىغان داۋۇتنىڭ مۇنارىدەكتۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىڭ قالقان ئېسىقلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى پالۋانلارنىڭ سىپارلىرىدۇر. | 4 |
Boynung bolsa, Ⱪoralhana boluxⱪa tǝyyarliƣan Dawutning munaridǝktur, Uning üstigǝ ming ⱪalⱪan esiⱪliⱪtur; Ularning ⱨǝmmisi palwanlarning siparliridur.
ئىككى كۆكسۈڭ خۇددى ئىككى مارالدۇر، نىلۇپەر ئارىسىدا ئوزۇقلىنىۋاتقان جەرەننىڭ قوشكېزەكلىرىدەكتۇر؛ | 5 |
Ikki kɵksüng huddi ikki maraldur, Nilupǝr arisida ozuⱪliniwatⱪan jǝrǝnning ⱪoxkezǝkliridǝktur;
تاڭ ئاتقۇچە، كۆلەڭگىلەر قېچىپ يوقىغۇچە، مەن ئۆزۈمنى مۇرمەككە تېغىغا، مەستىكى دۆڭىگە ئېلىپ كېتىمەن. | 6 |
Tang atⱪuqǝ, Kɵlǝnggilǝr ⱪeqip yoⱪiƣuqǝ, Mǝn ɵzümni murmǝkkǝ teƣiƣa, Mǝstiki dɵngigǝ elip ketimǝn.
سەن پۈتۈنلەي گۈزەل، ئى سۆيۈملۈكۈم، سەندە ھېچ داغ يوقتۇر». | 7 |
Sǝn pütünlǝy güzǝl, i sɵyümlüküm, Sǝndǝ ⱨeq daƣ yoⱪtur».
«لىۋاندىن مەن بىلەن كەلگىن، ئى جۆرەم، مەن بىلەن لىۋاندىن كەلگىن ــ ئاماناھ چوققىسىدىن قارا، سېنىر ھەم ھەرمون چوققىلىرىدىن، يەنى شىرلار ئۇۋىلىرىدىن، يىلپىزلارنىڭ تاغلىرىدىن قارا!» | 8 |
«Liwandin mǝn bilǝn kǝlgin, i jɵrǝm, Mǝn bilǝn Liwandin kǝlgin — Amanaⱨ qoⱪⱪisidin ⱪara, Senir ⱨǝm Ⱨǝrmon qoⱪⱪiliridin, Yǝni xirlar uwiliridin, Yilpizlarning taƣliridin ⱪara!»
«سەن كۆڭلۈمنى ئالامەت سۆيۈندۈردۈڭ، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم، كۆزۈڭنىڭ بىر لەپ قىلىپ قارىشى بىلەن، بوينۇڭدىكى مارجاننىڭ بىر تال ھالقىسى بىلەن، كۆڭلۈمنى سۆيۈندۈردۈڭ. | 9 |
«Sǝn kɵnglümni alamǝt sɵyündürdüng, i singlim, i jɵrǝm, Kɵzüngning bir lǝp ⱪilip ⱪarixi bilǝn, Boynungdiki marjanning bir tal ⱨalⱪisi bilǝn, Kɵnglümni sɵyündürdüng.
سېنىڭ مۇھەببىتىڭ نېمىدېگەن گۈزەل، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم! سېنىڭ مۇھەببەتلىرىڭ شارابتىن شۇنچە شېرىن! سېنىڭ ئەتىرلىرىڭنىڭ پۇرىقى ھەرقانداق تېتىتقۇدىن پەيزىدۇر! | 10 |
Sening muⱨǝbbiting nemidegǝn güzǝl, I singlim, i jɵrǝm! Sening muⱨǝbbǝtliring xarabtin xunqǝ xerin! Sening ǝtirliringning puriⱪi ⱨǝrⱪandaⱪ tetitⱪudin pǝyzidur!
لەۋلىرىڭ، ئى جۆرەم، ھەرە كۆنىكىدەك تېمىتىدۇ، تىلىڭ ئاستىدا بال ۋە سۈت بار؛ كىيىم-كېچەكلىرىڭنىڭ پۇرىقى لىۋاننىڭ پۇرىقىدۇر؛ | 11 |
Lǝwliring, i jɵrǝm, ⱨǝrǝ kɵnikidǝk temitidu, Tiling astida bal wǝ süt bar; Kiyim-keqǝkliringning puriⱪi Liwanning puriⱪidur;
سەن پېچەتلەنگەن بىر باغدۇرسەن، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم! ئېتىكلىك بىر بۇلاق، يېپىقلىق بىر فونتاندۇرسەن. | 12 |
Sǝn peqǝtlǝngǝn bir baƣdursǝn, i singlim, i jɵrǝm! Etiklik bir bulaⱪ, yepiⱪliⱪ bir fontandursǝn.
شاخلىرىڭ بولسا بىر ئانارلىق «ئېرەن باغچىسى»دۇر؛ ئۇنىڭدا قىممەتلىك مېۋىلەر، خېنە سۇمبۇل ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن، | 13 |
Xahliring bolsa bir anarliⱪ «Erǝn baƣqisi»dur; Uningda ⱪimmǝtlik mewilǝr, Henǝ sumbul ɵsümlükliri bilǝn,
سۇمبۇللار ۋە ئىپارلار، كالامۇس ۋە قوۋزاقدارچىن، ھەرخىل مەستىكى دەرەخلىرى، مۇرمەككە، مۇئەتتەر بىلەن ھەممە ئېسىل تېتىتقۇلار بار. | 14 |
Sumbullar wǝ iparlar, Kalamus wǝ ⱪowzaⱪdarqin, Ⱨǝrhil mǝstiki dǝrǝhliri, Murmǝkkǝ, muǝttǝr bilǝn ⱨǝmmǝ esil tetitⱪular bar.
باغلاردا بىر فونتان سەن، ھاياتلىق سۇلىرىنى بېرىدىغان، لىۋاندىن ئاقىدىغان بىر بۇلاقسەن». | 15 |
Baƣlarda bir fontan sǝn, Ⱨayatliⱪ sulirini beridiƣan, Liwandin aⱪidiƣan bir bulaⱪsǝn».
«ئويغان، شىمالدىكى شامال؛ كەلگىن، ئى جەنۇبتىكى شامال! مېنىڭ بېغىم ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەي؛ شۇنىڭ بىلەن تېتىتقۇلىرى سىرتقا پۇراق چاچىدۇ! سۆيۈملۈكۈم ئۆز بېغىغا كىرسۇن! ئۆزىنىڭ قىممەتلىك مېۋىلىرىنى يېسۇن!» | 16 |
«Oyƣan, ximaldiki xamal; Kǝlgin, i jǝnubtiki xamal! Mening beƣim üstidin uqup ɵtkǝy; Xuning bilǝn tetitⱪuliri sirtⱪa puraⱪ qaqidu! Sɵyümlüküm ɵz beƣiƣa kirsun! Ɵzining ⱪimmǝtlik mewilirini yesun!»