< كۈيلەرنىڭ كۈيى 3 >
«ئورۇن-كۆرپەمدە يېتىپ، كېچە-كېچىلەردە، جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى ئىزدەپ تەلمۈرۈپ ياتتىم؛ ئىزدىدىم، بىراق تاپالمايتتىم؛ | 1 |
«Eg leita på kvila um natt etter honom som leikar i min hug. Eg leita, men honom ikkje fann.
مەن ھازىر تۇرۇپ، شەھەرنى ئايلىناي؛ كوچىلاردا، مەيدانلاردا، جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى ئىزدەيمەن» ــ دېدىم؛ ئىزدىدىم، بىراق تاپالمايتتىم؛ | 2 |
Eg vil upp og sviva gjenom by, fara i gator, yver torg, og søkja han som leikar i min hug. Eg leita, men honom ikkje fann.
شەھەرنى چارلىغۇچى جېسەكچىلەر ماڭا ئۇچرىدى، مەن ئۇلاردىن: ــ «جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى كۆردۈڭلارمۇ؟» ــ دەپ سورىدىم. | 3 |
Eg vaktar møtte, som i byen sveiv. «Hev de set han som leikar i min hug?»
ــ ئۇلاردىن ئايرىلىپلا جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى تاپتىم؛ ئۇنى ئانامنىڭ ئۆيىگە، ئۆز قورسىقىدا مېنى ھامىلىدار بولغاننىڭ ھۇجرىسىغا ئېلىپ كىرمىگۈچە، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ قەتئىي قويۇپ بەرمەيتتىم». | 4 |
Snaudt hadd’ eg kome framum deim, då eg fann han som leikar i min hug. Eg heldt han og eg slepte han’kje laus, fyrr eg fekk han i huset hennar mor, inn i kleven hennar som meg åtte.
«ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، جەرەنلەر ۋە دالادىكى ماراللارنىڭ ھۆرمىتى بىلەن، سىلەرگە تاپىلايمەنكى، مۇھەببەتنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولمىغۇچە، ئۇنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار». | 5 |
Eg hjarteleg bed dykk, Jerusalems døtter, ved gasellor og hindar i skog, at ikkje de vekkje eller eggje kjærleik, fyrr sjølv han so vil.»
«بۇ زادى كىم، چۆل-باياۋاندىن كېلىۋاتقان؟ ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكلىرىدەك، مۈرمەككى ھەم مەستىكى بىلەن پۇرىتىلغان، ئەتىرپۇرۇشنىڭ ھەرخىل ئىپار-ئەنبەرلىرى بىلەن پۇرىتىلغان؟» | 6 |
«Kven er ho, som frå heidi stig upp, lik kvervlande røyk, umfløymd av angande myrra, av røykje og dåm-urter alle?
«مانا، ئۇنىڭ تەختىراۋانى، ئۇ سۇلايماننىڭ ئۆزىنىڭدۇر؛ ئەتراپىدا ئاتمىش پالۋان يۈرىدۇ، ئۇلار ئىسرائىلدىكى باتۇرلاردىندۇر. | 7 |
Sjå Salomos båra det er med seksti kjempor ikring, dei av Israels herkjempor er.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز قىلىچى تۇتۇقلۇق، جەڭ قىلىشقا تەربىيىلەنگەنلەردۇر؛ تۈنلەردىكى ۋەسۋەسىلەرگە تەييار تۇرۇپ، ھەممىسى ئۆز قىلىچىنى يانپىشىغا ئاسىدۇ». | 8 |
Dei alle er væpna med sverd og er røynde i strid. Kvar ein ber sverdet ved lend imot rædslor um natt.
«سۇلايمان پادىشاھ ئۆزى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر شاھانە سايىۋەنلىك كارىۋات ياسىغان؛ لىۋاندىكى ياغاچلاردىن ياسىغان. | 9 |
Kong Salomo berestol fekk seg av Libanons tre.
ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى كۈمۈشتىن، يۆلەنچۈكى ئالتۇندىن، سېلىنچىسى بولسا سۆسۈن رەختتىن؛ ئىچى مۇھەببەت بىلەن بېزەلگەن، يېرۇسالېم قىزلىرى تەرىپىدىن. | 10 |
Han av sylv heve stolparne gjort og karmen av gull, der er purpurlagd sess. Inni prydd - ei kjærleiksgåva frå Jerusalems døtter.
چىقىڭلار، ئى زىئون قىزلىرى، سۇلايمان پادىشاھقا قاراپ بېقىڭلار، توي بولغان كۈنىدە، كۆڭلى خۇشال بولغان كۈنىدە، ئانىسى ئۇنىڭغا تاجنى كىيگۈزگەن قىياپەتتە ئۇنىڭغا قاراپ بېقىڭلار!» | 11 |
Gakk ut og sjå, de Sions døtter, på kong Salomo, med kruna han fekk av si mor på sin brudlaupsdag, på sin hjarte-fagnads dag.»