< كۈيلەرنىڭ كۈيى 2 >
مەن بولسام شارۇن ئوتلىقىدىكى زەپىران، خالاس؛ جىلغىلاردا ئۆسكەن بىر نىلۇپەر، خالاس!» | 1 |
Mǝn bolsam Xarun otliⱪidiki zǝpiran, halas; Jilƣilarda ɵskǝn bir nilupǝr, halas!»
«تىكەن-جىغانلار ئارىسىدىكى نىلۇپەردەك، مانا ئىنسان قىزلىرى ئارىسىدا مېنىڭ ئامرىقىم شۇنداقتۇر!». | 2 |
«Tikǝn-jiƣanlar arisidiki nilupǝrdǝk, Mana insan ⱪizliri arisida mening amriⱪim xundaⱪtur!».
«ئورماندىكى دەرەخلەر ئارىسىدا ئۆسكەن ئالما دەرىخىدەك، ئوغۇل بالىلار ئارىسىدىدۇر مېنىڭ ئامرىقىم. ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا دىلىم ئالەمچە سۆيۈنۈپ ئولتۇردۇم؛ ئۇنىڭ مېۋىسى ماڭا شېرىن تېتىدى؛ | 3 |
«Ormandiki dǝrǝhlǝr arisida ɵskǝn alma dǝrihidǝk, Oƣul balilar arisididur mening amriⱪim. Uning sayisi astida dilim alǝmqǝ sɵyünüp olturdum; Uning mewisi manga xerin tetidi;
ئۇ مېنى شارابخانىغا ئېلىپ كىردى؛ ئۇنىڭ ئۈستۈمدە كۆتۈرگەن تۇغى مۇھەببەتتۇر. | 4 |
U meni xarabhaniƣa elip kirdi; Uning üstümdǝ kɵtürgǝn tuƣi muⱨǝbbǝttur.
مېنى كىشمىش پوشكاللار بىلەن قۇۋۋەتلەڭلار؛ ئالمىلار بىلەن مېنى يېڭىلاندۇرۇڭلار؛ چۈنكى مۇھەببەتتىن زەئىپلىشىپ كەتتىم؛ | 5 |
Meni kixmix poxkallar bilǝn ⱪuwwǝtlǝnglar; Almilar bilǝn meni yengilandurunglar; Qünki muⱨǝbbǝttin zǝiplixip kǝttim;
ئۇنىڭ سول قولى بېشىم ئاستىدا، ئۇنىڭ ئوڭ قولى مېنى سىلاۋاتىدۇ. | 6 |
Uning sol ⱪoli bexim astida, Uning ong ⱪoli meni silawatidu.
ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، جەرەنلەر ۋە دالادىكى ماراللارنىڭ ھۆرمىتى بىلەن، سىلەرگە تاپىلايمەنكى، مۇھەببەتنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولمىغۇچە، ئۇنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار!» | 7 |
I Yerusalem ⱪizliri, Jǝrǝnlǝr wǝ daladiki marallarning ⱨɵrmiti bilǝn, Silǝrgǝ tapilaymǝnki, Muⱨǝbbǝtning waⱪit-saiti bolmiƣuqǝ, Uni oyƣatmanglar, ⱪozƣimanglar!»
«سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازى! مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ! تاغلاردىن سەكرەپ، ئېدىرلاردىن ئويناقلاپ كېلىۋاتىدۇ! | 8 |
«Sɵyümlükümning awazi! Mana, u keliwatidu! Taƣlardin sǝkrǝp, Edirlardin oynaⱪlap keliwatidu!
مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم جەرەن ياكى ياش بۇغىدەكتۇر؛ مانا، ئۇ بىزنىڭ ئۆينىڭ تېمىنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ؛ ئۇ دېرىزىلەردىن قارايدۇ، ئۇ پەنجىرە-پەنجىرىلەردىن ماراپ باقىدۇ». | 9 |
Mening sɵyümlüküm jǝrǝn yaki yax buƣidǝktur; Mana, u bizning ɵyning temining kǝynidǝ turidu; U derizilǝrdin ⱪaraydu, U pǝnjirǝ-pǝnjirilǝrdin marap baⱪidu».
«مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ماڭا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، ئامرىقىم، مېنىڭ گۈزىلىم، مەن بىلەن كەتكىن؛ | 10 |
«Mening sɵyümlüküm manga sɵz ⱪilip mundaⱪ dedi: — «Ornungdin tur, amriⱪim, mening güzilim, mǝn bilǝn kǝtkin;
چۈنكى مانا، قىش ئۆتۈپ كەتتى، يامغۇر يېغىپ تۈگىدى، ئۇ كېتىپ قالدى؛ | 11 |
Qünki mana, ⱪix ɵtüp kǝtti, Yamƣur yeƣip tügidi, u ketip ⱪaldi;
يەر يۈزىدە گۈللەر كۆرۈندى؛ ناخشىلار سايراش ۋاقتى كەلدى، زېمىنىمىزدا پاختەكنىڭ ساداسى ئاڭلانماقتا؛ | 12 |
Yǝr yüzidǝ güllǝr kɵründi; Nahxilar sayrax waⱪti kǝldi, Zeminimizda pahtǝkning sadasi anglanmaⱪta;
ئەنجۈر دەرىخى قىشلىق ئەنجۈرلىرىنى پىشۇرماقتا، ئۈزۈم تاللىرى چېچەكلەپ ئۆز پۇرىقىنى چاچماقتا؛ ئورنۇڭدىن تۇر، مېنىڭ ئامرىقىم، مېنىڭ گۈزىلىم، مەن بىلەن كەتكىن! | 13 |
Ənjür dǝrihi ⱪixliⱪ ǝnjürlirini pixurmaⱪta, Üzüm talliri qeqǝklǝp ɵz puriⱪini qaqmaⱪta; Ornungdin tur, mening amriⱪim, mening güzilim, mǝn bilǝn kǝtkin!
ئاھ مېنىڭ پاختىكىم، قورام تاش يېرىقى ئىچىدە، قىيا دالدىسىدا، ماڭا ئاۋازىڭنى ئاڭلاتقايسەن، چۈنكى ئاۋازىڭ شېرىن، جامالىڭ يېقىملىقتۇر!» | 14 |
Aⱨ mening pahtikim, Ⱪoram tax yeriⱪi iqidǝ, Ⱪiya daldisida, Manga awazingni anglatⱪaysǝn, Qünki awazing xerin, jamaling yeⱪimliⱪtur!»
«تۈلكىلەرنى تۇتۇۋالايلى، يەنى ئۈزۈمزارلارنى بۇزغۇچى كىچىك تۈلكىلەرنى تۇتۇۋالايلى؛ چۈنكى ئۈزۈمزارلىرىمىز چېچەكلىمەكتە». | 15 |
«Tülkilǝrni tutuwalayli, Yǝni üzümzarlarni buzƣuqi kiqik tülkilǝrni tutuwalayli; Qünki üzümzarlirimiz qeqǝklimǝktǝ».
«سۆيۈملۈكۈم مېنىڭكىدۇر، مەن ئۇنىڭكىدۇرمەن؛ ئۇ نىلۇپەرلەر ئارىسىدا پادىسىنى بېقىۋاتىدۇ». | 16 |
«Sɵyümlüküm meningkidur, mǝn uningkidurmǝn; U nilupǝrlǝr arisida padisini beⱪiwatidu».
«تاڭ ئاتقۇچە، كۆلەڭگىلەر قېچىپ يوقىغۇچە، ماڭا قاراپ بۇرۇلۇپ كەلگىن، ئى سۆيۈملۈكۈم، ھىجرانلىق تاغلىرى ئۈستىدىن سەكرەپ كېلىدىغان جەرەن ياكى بۇغىدەك بولغىن!». | 17 |
«Tang atⱪuqǝ, Kɵlǝnggilǝr ⱪeqip yoⱪiƣuqǝ, Manga ⱪarap burulup kǝlgin, i sɵyümlüküm, Ⱨijranliⱪ taƣliri üstidin sǝkrǝp kelidiƣan jǝrǝn yaki buƣidǝk bolƣin!».