< رۇت 1 >
[باتۇر] ھاكىملار ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە شۇنداق بولدىكى، زېمىندا ئاچارچىلىق يۈز بەردى. شۇ ۋاقىتتا بىر ئادەم ئايالى ۋە ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيت-لەھەمدىن چىقىپ، موئابنىڭ سەھرالىرىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ كېلىشكە باردى. | 1 |
А у оно време кад судише судије би глад у земљи; и један човек из Витлејема Јудиног отиде да живи као дошљак у земљи моавској са женом својом и са два сина своја.
ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئەلىمەلەك، ئايالىنىڭ ئىسمى نائومى، ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسمى ماھلون بىلەن كىليون ئىدى. ئۇلار بەيت-لەھەمدە ئولتۇرۇقلۇق، ئەفرات جەمەتىدىن ئىدى. ئۇلار موئابنىڭ سەھراسىغا كېلىپ شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى. | 2 |
А име том човеку беше Елимелех, а жени му име Нојемина, а имена двојице синова његових Малон и Хелеон; и беху Ефраћани, из Витлејема Јудиног; и дођоше у земљу моавску и настанише се онде.
كېيىن نائومىنىڭ ئېرى ئەلىمەلەك ئۆلدى؛ ئايالى ئىككى ئوغلى بىلەن قالدى. | 3 |
Потом умре Елимелех муж Нојеминин и она оста са два сина своја.
ئۇلار موئاب قىزلىرىدىن ئۆزلىرىگە خوتۇن ئالدى. بىرىنىڭ ئېتى ئورپاھ، يەنە بىرىنىڭ ئېتى رۇت ئىدى. ئۇلار شۇ يەردە ئون يىلدەك تۇردى. | 4 |
Они се оженише Моавкама; Једној беше име Орфа а другој Рута; и онде стајаху до десет година.
ماھلون بىلەن كىليون ھەر ئىككىسى ئۆلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئاپىسى ئېرى ھەم ئوغۇللىرىدىن ئايرىلىپ يالغۇز قالدى. | 5 |
Потом умреше обојица, Малон и Хелеон; и жена оста без два сина своја и без мужа свог.
شۇنىڭ بىلەن ئايال ئىككى كېلىنى بىلەن قوپۇپ موئابنىڭ سەھراسىدىن قايتىپ كەتمەكچى بولدى؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىنى يوقلاپ، ئاشلىق بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى موئابنىڭ سەھراسىدا تۇرۇپ ئاڭلىغانىدى. | 6 |
Тада се она подиже са снахама својим да се врати из земље моавске, јер чу у земљи моавској да је Господ походио народ свој давши им хлеба.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككى كېلىنى بىلەن بىللە تۇرغان يېرىدىن چىقىپ، يەھۇدا زېمىنىغا قايتىشقا يولغا چىقتى. | 7 |
И изиђе из места где беше, и обе снахе њене с њом; пођоше путем да се врате у земљу Јудину.
نائومى ئىككى كېلىنىگە: ــ ھەر ئىككىڭلار قايتىپ ئۆز ئاناڭلارنىڭ ئۆيىگە بېرىڭلار. سىلەرنىڭ مەرھۇملارغا ۋە ماڭا مېھرىبانلىق كۆرسەتكىنىڭلاردەك پەرۋەردىگارمۇ سىلەرگە مېھرىبانلىق كۆرسەتكەي! | 8 |
Тада рече Нојемина обема снахама својим: Идите, вратите се свака у дом матере своје; Господ нека вам учини милост као што ви учинисте умрлима и мени.
پەرۋەردىگار سىلەر ئىككىڭلارنى ئۆز ئېرىڭلارنىڭ ئۆيىدە ئارام تاپقۇزغاي! ــ دەپ، ئۇلارنى سۆيۈپ قويدى. ئۇلار ھۆركىرەپ يىغلىشىپ | 9 |
Да вам да Господ да нађете починак свака у дому мужа свог. И пољуби их; а оне повикавши заплакаше,
ئۇنىڭغا: ــ ياق، بىز چوقۇم سېنىڭ بىلەن تەڭ ئۆز خەلقىڭنىڭ يېنىغا قايتىمىز، ــ دېيىشتى. | 10 |
И рекоше јој: Не, него ћемо се с тобом вратити у твој народ.
لېكىن نائومى: ــ يېنىپ كېتىڭلار، ئەي قىزلىرىم! نېمىشقا مېنىڭ بىلەن بارماقچىسىلەر؟قورسىقىمدا سىلەرگە ئەر بولغۇدەك ئوغۇللار بارمۇ؟ | 11 |
А Нојемина им рече: Идите натраг, кћери моје; што бисте ишле са мном? Зар ћу још имати синова у утроби својој да вам буду мужеви?
يېنىپ كېتىڭلار، ئەي قىزلىرىم! چۈنكى مەن قېرىپ كەتكەچكە، ئەرگە تېگىشكە يارىمايمەن. دەرھەقىقەتەن بۈگۈن كېچە بىر ئەرلىك بولۇشقا، شۇنداقلا ئوغۇللۇق بولۇشقا ئۈمىد بار دېگەندىمۇ، | 12 |
Вратите се, кћери моје, идите; јер сам остарела и нисам за удају. А и да кажем да се надам и да се још ноћас удам, и да родим синове,
ئۇلار يىگىت بولغۇچە سەۋر قىلىپ تۇراتتىڭلارمۇ؟ ئۇلارنى دەپ باشقا ئەرگە تەگمەي ساقلاپ تۇراتتىڭلارمۇ؟ ياق، بولمايدۇ، قىزلىرىم! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولى ماڭا قارشى بولۇپ مېنى ئازابلايدىغىنى ئۈچۈن، مەن تارتىدىغان دەرد-ئەلەم سىلەرنىڭكىدىن تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ، ــ دېدى. | 13 |
Зар ћете их ви чекати док одрасту? Зар ћете тога ради стајати неудате? Немојте, кћери моје; јер су моји јади већи од ваших, јер се рука Господња подигла на ме.
ئۇلار يەنە ھۆركىرەپ يىغلاشتى. ئورپاھ قېينئانىسىنى سۆيۈپ خوشلاشتى، لېكىن رۇت ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇۋالدى. | 14 |
Тада оне подигавши глас свој плакаше опет; и Орфа пољуби свекрву своју; а Рута оста код ње.
نائومى ئۇنىڭغا: ــ مانا، كېلىن سىڭلىڭ ئۆز خەلقى بىلەن ئىلاھلىرىنىڭ يېنىغا يېنىپ كەتتى! سەنمۇ كېلىن سىڭلىڭنىڭ كەينىدىن يېنىپ كەتكىن! ــ دېدى. | 15 |
А она јој рече: Ето, јетрва се твоја вратила народу свом и к боговима својим; врати се и ти за јетрвом својом.
لېكىن رۇت جاۋابەن: ــ مېنىڭ سېنىڭ يېنىڭدىن كېتىشىمنى ۋە ساڭا ئەگىشىش نىيىتىمدىن يېنىشنى ئۆتۈنمە؛ چۈنكى سەن نەگە بارساڭ مەنمۇ شۇ يەرگە بارىمەن؛ سەن نەدە قونساڭ مەنمۇ شۇ يەردە قونىمەن؛ سېنىڭ خەلقىڭ مېنىڭمۇ خەلقىمدۇر ۋە سېنىڭ خۇدايىڭ مېنىڭمۇ خۇدايىمدۇر. | 16 |
Али Рута рече: Немој ме наговарати да те оставим и од тебе отидем; јер куда год ти идеш, идем и ја; и где год ти настаниш, настанићу се и ја; твој је народ мој народ, и твој је Бог мој Бог.
سەن نەدە ئۆلسەڭ مەنمۇ شۇ يەردە ئۆلىمەن ۋە شۇ يەردە ياتىمەن؛ ئۆلۈمدىن باشقىسى مېنى سەندىن ئايرىۋەتسە پەرۋەردىگار مېنى ئۇرسۇن ھەم ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ جازالىسۇن! ــ دېدى. | 17 |
Где ти умреш, умрећу и ја, и онде ћу бити погребена. То нека ми учини Господ и то нека ми дода, смрт ће ме само раставити с тобом.
نائومى ئۇنىڭ ئۆزىگە ئەگىشىپ بېرىشقا قەتئىي نىيەت قىلغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا يەنە ئېغىز ئاچمىدى. | 18 |
А она кад виде да је тврдо наумила ићи с њом, преста је одвраћати.
ئىككىسى مېڭىپ بەيت-لەھەمگە يېتىپ كەلدى. شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بەيت-لەھەمگە يېتىپ كەلگىنىدە پۈتكۈل شەھەردىكىلەر ئۇلارنى كۆرۈپ زىلزىلىگە كەلدى. ئاياللار بولسا: ــ بۇ راستتىنلا نائومىمىدۇ؟ ــ دېيىشتى. | 19 |
Тако идоше обе док не дођоше у Витлејем; а кад дођоше у Витлејем, сав град узавре њих ради, и говораху: Је ли то Нојемина?
ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مېنى نائومى دېمەي، بەلكى «مارا» دەڭلار؛ چۈنكى ھەممىدىن قادىر ماڭا زەرداب يۇتقۇزدى. | 20 |
А она им говораше: Не зовите ме више Нојемина, него ме зовите Мара, јер ми велике јаде зададе Свемогући.
توققۇزۇم تەل ھالەتتە بۇ يەردىن چىقتىم؛ لېكىن پەرۋەردىگار مېنى قۇرۇق قايتقۇزدى. پەرۋەردىگار مېنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەردى، ھەممىدىن قادىر مېنى خارلىغانىكەن، نېمىشقا مېنى نائومى دەيسىلەر؟ ــ دېدى. | 21 |
Обилна сам отишла, а празну ме врати Господ. Зашто ме зовете Нојемина, кад ме Господ обори и Свемогући ме уцвели.
شۇنداق قىلىپ نائومى بىلەن كېلىنى موئاب قىزى رۇت موئابنىڭ سەھراسىدىن قايتىپ كەلدى؛ ئۇلار ئىككىسى بەيت-لەھەمگە يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ ئارپا ئورمىسى باشلانغانىدى. | 22 |
Тако дође натраг Нојемина и с њом Рута Моавка, снаха њена, вративши се из земље моавске; а дођоше у Витлејем о почетку јечмене жетве.