< رۇت 3 >
شۇ كۈنلەردە، قېينئانىسى نائومى ئۇنىڭغا: ــ ئەي قىزىم، ھال-ئەھۋالىڭنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، سېنىڭ ئارام-بەختىڭنى ئىزدىمەيمەنمۇ؟ | 1 |
Da bi Naomi ka kyerɛɛ Rut se, “Me babea, bere adu sɛ mehwehwɛ ofi a wobɛtena mu na wubenya nea ehia wo biara.
سەن دېدەكلىرى بىلەن ئىشلىگەن بوئاز بىزگە تۇغقان كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟ مانا، بۈگۈن ئاخشام ئۇ خاماندا ئارپا سورۇيدۇ. | 2 |
Boas yɛ yɛn busuani pɛɛ na wayɛ adɔe mmoroso sɛ wama wo ne nʼadwumayɛfo aboaboa atoko ano. Anadwo yi, obehuhuw atoko so wɔ awiporowbea hɔ.
ئەمدى سەن يۇيۇنۇپ-تارىنىپ، ئۆزۈڭگە ئەتىرلىك ماي سۈرۈپ، [ئېسىل] كىيىملىرىڭنى كىيىپ، خامانغا چۈشكىن؛ لېكىن ئۇ ئەر كىشى يەپ-ئىچىپ بولمىغۇچە، ئۆزۈڭنى ئۇنىڭغا كۆرسەتمىگىن. | 3 |
Enti yɛ nea merekyerɛ wo yi. Guare na tutu aduhuam gu wo ho na fa wo ntade pa bi hyɛ. Afei, kɔ awiporowbea hɔ, nanso mma Boas nhu wo kosi sɛ obedidi awie.
ئۇ ياتقاندا ئۇنىڭ ئۇخلايدىغان يېرىنى كۆرۈۋال. ئاندىن سەن كىرىپ، ئاياغ تەرىپىنى ئېچىپ، شۇ يەردە يېتىۋالغىن. ئاندىن ئۇ ساڭا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ، ــ دېدى. | 4 |
Hwɛ na hu baabi a ɔda hɔ yiye, afei, kɔ na koyi ne nan ho nkataho na da hɔ. Ɔbɛka nea ɔpɛ sɛ woyɛ akyerɛ wo.”
رۇت ئۇنىڭغا: ــ سەن نېمە دېسەڭ مەن شۇنى قىلىمەن، ــ دېدى. | 5 |
Rut kae se, “Biribiara a wobɛka akyerɛ me sɛ menyɛ no, mɛyɛ.”
ئۇ خامانغا چۈشۈپ، قېينئانىسى ئۇنىڭغا تاپىلىغاندەك قىلدى. | 6 |
Enti ɔkɔɔ awiporowbea hɔ anadwo no, na ɔyɛɛ nea nʼase kyerɛɛ no no mu biara.
بوئاز يەپ-ئىچىپ، كۆڭلىنى خۇش قىلىپ چەشنىڭ ئايىغىغا بېرىپ ياتتى. ئاندىن رۇت شەپە چىقارماي كېلىپ، ئاياغ تەرىپىنى ئېچىپ، شۇ يەردە ياتتى. | 7 |
Boas didi wiee no a ne honhom aba ne ho no, ɔkyeaa ne ho too atoko mmoano no ho, na ɔfaa mu dae. Rut yɛɛ nwaa koyii ne nan ho nkataho na ɔdaa hɔ.
يېرىم كېچىدە بوئاز چۆچۈپ، ئالدىغا ئېڭىشكەندە، مانا بىر ئايال ئايىغىدا ياتاتتى! | 8 |
Anadwo dasum no, Boas bɔɔ pitiri dan ne ho. Ɛyɛɛ no nwonwa sɛ ohuu sɛ ɔbea da ne nan ase.
كىم سەن؟! ــ دەپ سورىدى ئۇ. رۇت جاۋابەن: ــ مەن خىزمەتكارىڭ رۇت بولىمەن. سەن مېنىڭ ھەمجەمەت-نىجاتكارىم بولغىنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارىڭنىڭئۈستىگە تونۇڭنىڭ ئېتىكىنى يېيىپ قويغايسەن، ــ دېدى. | 9 |
Obisae se, “Na hena ni?” Obuae se, “Ɛyɛ me wo somfo Rut. Trɛw wo nkataso no mu kakra gu me so na woyɛ mʼabusua gyefo.”
ئۇ جاۋابەن: ــ ئەي قىزىم، پەرۋەردىگاردىن بەخت-بەرىكەت تاپقايسەن! سېنىڭ كېيىن كۆرسەتكەن ساداقەت-مېھرىبانلىقىڭ ئىلگىرى كۆرسەتكىنىڭدىنمۇ ئارتۇقتۇر؛ چۈنكى [سېنى ئىزدىگەن] يىگىتلەر، مەيلى كەمبەغەل بولسۇن، باي بولسۇن، ئۇلارنىڭ كەينىدىن كەتمىدىڭ. | 10 |
Na Boas kae se, “Awurade nhyira wo, me babea! Worekyerɛ abusua dɔ a bi mmaa da sɛ woankodi aberantewa bi akyi, sɛ ɔwɔ sika anaa ɔyɛ ohiani.
ئى قىزىم، ئەمدى قورقمىغىن! دېگىنىڭنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداپ بېرىمەن؛ چۈنكى پۈتكۈل شەھىرىمىزدىكى مۆتىۋەرلەر سېنى پەزىلەتلىك ئايال دەپ بىلىدۇ. | 11 |
Afei, me babea, mma hwee nhaw wo. Mɛyɛ nea ehia wo nyinaa. Me kurow yi mu nnipa nyinaa nim sɛ woyɛ ɔbea a wudi wo ho ni.
دۇرۇس، ساڭا ھەمجەمەت-نىجاتكار بولغىنىم راست؛ لېكىن سېنىڭ مەندىن يېقىنراق يەنە بىر ھەمجەمەتىڭ بار. | 12 |
Nanso akwanside baako wɔ hɔ. Ɛyɛ nokware turodoo sɛ meyɛ mo abusua agyefo mu baako de, nanso ɔbarima foforo bi wɔ hɔ a ɔyɛ obusuani titiriw sen me.
ئەمدى كېچىچە بۇ يەردە قالغىن؛ ئەتە سەھەردە ئەگەر ئۇ ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ سېنى ئېلىشنى خالىسا، ئۇ ئالسۇن؛ لېكىن ھەمجەمەتلىك ھوقۇقى بويىچە سېنى ئالمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ساڭا ھەمجەمەتلىك قىلىپ سېنى ئالاي. تاڭ ئاتقۇچە بۇ يەردە يېتىپ تۇرغىن! ــ دېدى | 13 |
Tena ha anadwo yi na sɛ ade kye a, me ne no bɛkasa. Sɛ ɛyɛ ne pɛ sɛ obegye wo a, ɛno de ma ho kwan na ɔnware wo. Na sɛ ɛnyɛ ne pɛ nso a, ɛno de, ɔkwan biara so, sɛ Awurade te ase yi, mɛware wo! Enti da ha ma ade nkye.”
ئۇ ئۇنىڭ ئايىغىدا تاڭ ئاتقۇچە يېتىپ، كىشىلەر بىر-بىرىنى تونۇغۇدەك بولۇشتىن بۇرۇن قوپتى. چۈنكى بوئاز: ــ بىر ئايالنىڭ خامانغا كەلگىنىنى ھېچكىم بىلمىسۇن، دەپ ئېيتقانىدى. | 14 |
Enti Rut daa ne nan ho kosii adekyee nanso ɔsɔree ansa na anim tetew. Na Boas ka kyerɛɛ no se, “Ɛnsɛ sɛ obi hu sɛ ɔbea bi bɛdaa awiporowbea ha.”
ئۇ يەنە [رۇتقا]: ــ سەن كىيگەن يېپىنچىنى ئېچىپ تۇرغىن، دېدى. ئۇ ئۇنى ئېچىپ تۇرۇۋىدى، بوئاز ئارپىدىن ئالتە كەمچەن كەملەپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆشنىسىگە ئارتىپ قويدى. ئاندىن ئۇ شەھەرگە كىردى. | 15 |
Boas toaa so kae se, “Fa wʼatade nguguso no bra na trɛw mu.” Ɔsesaw atoko no susukoraa asia guu mu na ɔboaa no ma ɔde hyɛɛ nʼakyi. Na Boas san kɔɔ kurow no mu.
رۇت قېينئاناسىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ: ــ ئەي قىزىم، سەن ھازىر كىم؟! ــ دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قېينئانىسىغا ئۇ كىشىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. | 16 |
Rut baa nʼase Naomi nkyɛn no, obisaa no se, “Me babea, ekosii dɛn?” Rut kaa biribiara a Boas yɛ maa no no kyerɛɛ Naomi,
ئۇ: ــ ئۇ بۇ ئالتە كەمچەن ئارپىنى ماڭا بەردى، چۈنكى ئۇ: «قېينئاناڭنىڭ يېنىغا قۇرۇق قول قايتىپ بارمىغىن» دېدى، ــ دېدى. | 17 |
na ɔtoaa so se, “Ɔmaa me atoko susukoraa asia kae se, ‘Mfa nsapan nkɔ wʼase nkyɛn.’”
نائومى: ــ ئەي قىزىم، بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى بىلگۈچە مۇشۇ يەردە تەخىر قىلغىن؛ چۈنكى ئۇ ئادەم بۈگۈن مۇشۇ ئىشنى پۈتكۈزمەي ئارام ئالمايدۇ، دېدى. | 18 |
Afei, Naomi kae se, “Me ba, twɛn kosi sɛ wubehu nea ebesi. Ɔbarima no renna so kosi sɛ asɛm no besi nnɛ yi ara.”