< رۇت 2 >

نائومىنىڭ ئېرىگە تۇغقان كېلىدىغان بوئاز ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئەلىمەلەكنىڭ جەمەتىدىن بولۇپ، ئىنتايىن باي ئادەم ئىدى. 1
Naomining erigǝ tuƣⱪan kelidiƣan Boaz isimlik bir adǝm bar idi. U Əlimǝlǝkning jǝmǝtidin bolup, intayin bay adǝm idi.
موئاب قىزى رۇت نائومىغا: ــ مەن ئېتىزلىققا باراي، بىرەركىمنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تېپىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ئارپا باشاقلىرىنى تەرسەم؟ ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ بارغىن، ئەي قىزىم، دېدى. 2
Moab ⱪizi Rut Naomiƣa: — Mǝn etizliⱪⱪa baray, birǝrkimning nǝziridǝ iltipat tepip, uning kǝynidin mengip arpa baxaⱪlirini tǝrsǝm? — dedi. U uningƣa: — Barƣin, ǝy ⱪizim, dedi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ چىقىپ ئېتىزلىقلارغا كېلىپ، ئۇ يەردە ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن باشاق تەردى. بەختىگە يارىشا، دەل ئۇ كەلگەن ئېتىزلىق ئەلىمەلەكنىڭ جەمەتى بولغان بوئازنىڭ ئېتىزلىقلىرى ئىدى. 3
Xuning bilǝn u qiⱪip etizliⱪlarƣa kelip, u yǝrdǝ ormiqilarning kǝynidin baxaⱪ tǝrdi. Bǝhtigǝ yarixa, dǝl u kǝlgǝn etizliⱪ Əlimǝlǝkning jǝmǝti bolƣan Boazning etizliⱪliri idi.
مانا، ئۇ ۋاقىتتا بوئاز بەيت-لەھەمدىن چىقىپ كېلىپ، ئورمىچىلار بىلەن سالاملىشىپ: ــ پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە بولغاي! ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ پەرۋەردىگار ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاي! ــ دېدى. 4
Mana, u waⱪitta Boaz Bǝyt-Lǝⱨǝmdin qiⱪip kelip, ormiqilar bilǝn salamlixip: — Pǝrwǝrdigar silǝr bilǝn billǝ bolƣay! — dedi. Ular uningƣa jawabǝn: — Pǝrwǝrdigar sanga bǝht-bǝrikǝt ata ⱪilƣay! — dedi.
بوئاز ئورمىچىلارنىڭ ئۈستىگە نازارەتكە قويۇلغان خىزمەتكارىدىن: ــ بۇ ياش چوكان كىمنىڭ قىزى بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 5
Boaz ormiqilarning üstigǝ nazarǝtkǝ ⱪoyulƣan hizmǝtkaridin: — Bu yax qokan kimning ⱪizi bolidu? — dǝp soridi.
ئورمىچىلارنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان خىزمەتكار جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ نائومى بىلەن بىللە موئابنىڭ سەھراسىدىن قايتىپ كەلگەن موئابىي چوكان بولىدۇ. 6
Ormiqilarning üstigǝ ⱪoyulƣan hizmǝtkar jawab berip: — Bu Naomi bilǝn billǝ Moabning sǝⱨrasidin ⱪaytip kǝlgǝn Moabiy qokan bolidu.
ئۇ: «ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن ئۆنچىلەرنىڭ ئارىسىدىكى چېچىلىپ كەتكەن باشاقلارنى تېرىۋالايمۇ؟» دەپ تەلەپ قىلدى. ئاندىن ئۇ كېلىپ ئەتىگەندىن ھازىرغىچە ئىشلەۋاتىدۇ؛ ئۇ پەقەت كەپىدە بىرئاز دەم ئالدى، ــ دېدى. 7
U: «Ormiqilarning kǝynidin ɵnqilǝrning arisidiki qeqilip kǝtkǝn baxaⱪlarni teriwalaymu?» dǝp tǝlǝp ⱪildi. Andin u kelip ǝtigǝndin ⱨazirƣiqǝ ixlǝwatidu; u pǝⱪǝt kǝpidǝ bir’az dǝm aldi, — dedi.
بوئاز رۇتقا: ــ ئەي قىزىم، ئاڭلاۋاتامسەن؟! سەن باشاق تەرگىلى باشقا بىر كىمنىڭ ئېتىزلىقىغا بارمىغىن، بۇ يەردىنمۇ كەتمە، مېنىڭ دېدەكلىرىم بىلەن بىرگە مۇشۇ يەردە تۇرغىن. 8
Boaz Rutⱪa: — Əy ⱪizim, anglawatamsǝn?! Sǝn baxaⱪ tǝrgili baxⱪa bir kimning etizliⱪiƣa barmiƣin, bu yǝrdinmu kǝtmǝ, mening dedǝklirim bilǝn birgǝ muxu yǝrdǝ turƣin.
دىققەت قىلغىن، قايسى ئېتىزدا ئورما ئورغان بولسا، [دېدەكلەرگە] ئەگىشىپ بارغىن. مەن يىگىتلەرگە: ئۇنىڭغا چېقىلماڭلار، دەپ تاپىلاپ قويدۇم! ئەگەر ئۇسساپ قالساڭ بېرىپ، ئىدىشلاردىن يىگىتلىرىم [قۇدۇقتىن] تارتقان سۇدىن ئىچكىن، ــ دېدى. 9
Diⱪⱪǝt ⱪilƣin, ⱪaysi etizda orma orƣan bolsa, [dedǝklǝrgǝ] ǝgixip barƣin. Mǝn yigitlǝrgǝ: Uningƣa qeⱪilmanglar, dǝp tapilap ⱪoydum! Əgǝr ussap ⱪalsang berip, idixlardin yigitlirim [ⱪuduⱪtin] tartⱪan sudin iqkin, — dedi.
رۇت ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ تىزلىنىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ، ئۇنىڭغا: ــ مەن بىر بىگانە تۇرسام، نېمىشقا ماڭا شۇنچە غەمخورلۇق قىلغۇدەك نەزىرىڭدە شۇنچىلىك ئىلتىپات تاپقانمەن؟ ــ دېدى. 10
Rut ɵzini yǝrgǝ etip tizlinip, bexini yǝrgǝ tǝgküzüp tǝzim ⱪilip, uningƣa: — Mǝn bir biganǝ tursam, nemixⱪa manga xunqǝ ƣǝmhorluⱪ ⱪilƣudǝk nǝziringdǝ xunqilik iltipat tapⱪanmǝn? — dedi.
وئاز ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئېرىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قېينئاناڭغا قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسى، شۇنداقلا سېنىڭئاتا-ئاناڭنى ۋە ئۆز ۋەتىنىڭدىن قانداق ئايرىلىپ، سەن بۇرۇن تونۇمايدىغان بىر خەلقنىڭ ئارىسىغا كەلگىنىڭ ماڭا پۈتۈنلەي ئايان بولدى؛ 11
Boaz uningƣa jawabǝn: — Ering ɵlüp kǝtkǝndin keyin ⱪeynanangƣa ⱪilƣanliringning ⱨǝmmisi, xundaⱪla sening ata-anangni wǝ ɵz wǝtiningdin ⱪandaⱪ ayrilip, sǝn burun tonumaydiƣan bir hǝlⱪning arisiƣa kǝlgining manga pütünlǝy ayan boldi;
پەرۋەردىگار قىلغىنىڭغا مۇۋاپىق ساڭا ياندۇرغاي، سەن قاناتلىرىنىڭ تېگىدە پاناھ ئىزدىگەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ساڭا ئۇنىڭ تولۇق ئىنئامى بېرىلگەي، دېدى. 12
Pǝrwǝrdigar ⱪilƣiningƣa muwapiⱪ sanga yandurƣay, sǝn ⱪanatlirining tegidǝ panaⱨ izdigǝn Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigar tǝripidin sanga uning toluⱪ in’ami berilgǝy, dedi.
رۇت جاۋابەن: ــ ئەي خوجام، نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقايمەن؛ مەن سېنىڭ دېدىكىڭ بولۇشقىمۇ يارىمىساممۇ، سەن ماڭا تەسەللى بېرىپ، دېدىكىڭگە مېھرىبانە سۆزلەرنى قىلدىڭ، ــ دېدى. 13
Rut jawabǝn: — Əy hojam, nǝziringdǝ iltipat tapⱪaymǝn; mǝn sening dediking boluxⱪimu yarimisammu, sǝn manga tǝsǝlli berip, dedikinggǝ meⱨribanǝ sɵzlǝrni ⱪilding, — dedi.
تاماق ۋاقتىدا بوئاز ئۇنىڭغا: ــ قېنى، بۇياققا كەلگىن، ناندىن يە، ناننى سىركىگە تۆگۈرگىن! ــ دېدى. رۇت ئورمىچىلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى؛ بوئاز قوماچتىن ئېلىپ ئۇنىڭغا تۇتتى. ئۇ ئۇنىڭدىن تويغۇچە يېدى ۋە يەنە ئازراق ئاشۇرۇپ قويدى. 14
Tamaⱪ waⱪtida Boaz uningƣa: — Ⱪeni, buyaⱪⱪa kǝlgin, nandin yǝ, nanni sirkigǝ tɵgürgin! — dedi. Rut ormiqilarning yeniƣa kelip olturdi; Boaz ⱪomaqtin elip uningƣa tutti. U uningdin toyƣuqǝ yedi wǝ yǝnǝ azraⱪ axurup ⱪoydi.
ئۇ باشاق تەرگىلى قوپقاندا، بوئاز يىگىتلىرىگە بۇيرۇپ: ــ ئۇنى ھەتتا ئۆنچىلەرنىڭ ئارىسىدا باشاق تەرگىلى قويۇڭلار، ئۇنى ھېچ خىجالەتتەقالدۇرماڭلار. 15
U baxaⱪ tǝrgili ⱪopⱪanda, Boaz yigitlirigǝ buyrup: — Uni ⱨǝtta ɵnqilǝrning arisida baxaⱪ tǝrgili ⱪoyunglar, uni ⱨeq hijalǝttǝ ⱪaldurmanglar.
ھەتتا ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق باشاقلارنى ئۆنچىلەردىن ئەتەي ئايرىپ، ئۇنىڭغا تەرگىلى چۈشۈرۈپ قويۇڭلار، ئۇنى ھېچ ئەيىبلىمەڭلار، دېدى. 16
Ⱨǝtta ⱨǝm uning üqün azraⱪ baxaⱪlarni ɵnqilǝrdin ǝtǝy ayrip, uningƣa tǝrgili qüxürüp ⱪoyunglar, uni ⱨeq ǝyiblimǝnglar, dedi.
شۇنداق قىلىپ ئۇ كەچكىچە ئېتىزلىقتا باشاق تەردى، تېرىۋالغانلىرىنى سوققاندا، تەخمىنەن بىر ئەفاھ ئارپا چىقتى. 17
Xundaⱪ ⱪilip u kǝqkiqǝ etizliⱪta baxaⱪ tǝrdi, teriwalƣanlirini soⱪⱪanda, tǝhminǝn bir ǝfaⱨ arpa qiⱪti.
ئاندىن ئۇ ئارپىسىنى ئېلىپ، شەھەرگە كىردى، قېينئانىسى ئۇنىڭ تەرگەن [ئارپىسىنى] كۆردى؛ ئۇ يەنە ئۇ يەپ تويۇنغاندىن كېيىن ساقلاپ قويغىنىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا بەردى. 18
Andin u arpisini elip, xǝⱨǝrgǝ kirdi, ⱪeynanisi uning tǝrgǝn [arpisini] kɵrdi; u yǝnǝ u yǝp toyunƣandin keyin saⱪlap ⱪoyƣinini qiⱪirip uningƣa bǝrdi.
قېينئانىسى ئۇنىڭغا: ــ سەن بۈگۈن نەدە باشاق تەردىڭ، نەدە ئىشلىدىڭ؟ ساڭا غەمخورلۇق قىلغان شۇ كىشىگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنغاي! ــ دېدى. ئۇ قېينئانىسىغا كىمنىڭكىدە ئىش قىلغىنىنى ئېيتىپ: ــ مەن بۈگۈن ئىشلىگەن ئېتىزنىڭ ئىگىسىنىڭ ئىسمى بوئاز ئىكەن، دېدى. 19
Ⱪeynanisi uningƣa: — Sǝn bügün nǝdǝ baxaⱪ tǝrding, nǝdǝ ixliding? Sanga ƣǝmhorluⱪ ⱪilƣan xu kixigǝ bǝht-bǝrikǝt ata ⱪilinƣay! — dedi. U ⱪeynanisiƣa kimningkidǝ ix ⱪilƣinini eytip: — Mǝn bügün ixligǝn etizning igisining ismi Boaz ikǝn, dedi.
نائومى كېلىنىگە: ــ تىرىكلەرگىمۇ، ئۆلگەنلەرگىمۇ مېھرىبانلىق قىلىشتىن باش تارتمىغان كىشى پەرۋەردىگاردىن بەخت-بەرىكەت كۆرگەي! ــ دېدى. ئاندىن نائومى ئۇنىڭغا يەنە: ــ ئۇ ئادەم بىزنىڭ يېقىن تۇغقىنىمىزدۇر، ئۇ بىزنى قۇتقۇزالايدىغان ھەمجەمەتلەردىن بىرىدۇر، ــ دېدى. 20
Naomi kelinigǝ: — Tiriklǝrgimu, ɵlgǝnlǝrgimu meⱨribanliⱪ ⱪilixtin bax tartmiƣan kixi Pǝrwǝrdigardin bǝht-bǝrikǝt kɵrgǝy! — dedi. Andin Naomi uningƣa yǝnǝ: — U adǝm bizning yeⱪin tuƣⱪinimizdur, u bizni ⱪutⱪuzalaydiƣan ⱨǝmjǝmǝtlǝrdin biridur, — dedi.
موئاب قىزى رۇت يەنە: ــ ئۇ ماڭا يەنە: «مېنىڭ يىگىتلىرىم پۈتۈن ھوسۇلۇمنى يىغىپ بولغۇچە ئۇلار بىلەن بىرگە بولغىن» دېدى، ــ دېدى. 21
Moab ⱪizi Rut yǝnǝ: — U manga yǝnǝ: «Mening yigitlirim pütün ⱨosulumni yiƣip bolƣuqǝ ular bilǝn birgǝ bolƣin» dedi, — dedi.
نائومى كېلىنى رۇتقا: ــ ئەي قىزىم، بىرسىنىڭ ساڭا يامانلىق قىلماسلىقى ئۈچۈن باشقىسىنىڭ ئېتىزلىقىغا بارماي، ئۇنىڭ دېدەكلىرى بىلەن بىللە چىقىپ ئىشلىسەڭ ياخشىدۇر، دېدى. 22
Naomi kelini Rutⱪa: — Əy ⱪizim, birsining sanga yamanliⱪ ⱪilmasliⱪi üqün baxⱪisining etizliⱪiƣa barmay, uning dedǝkliri bilǝn billǝ qiⱪip ixlisǝng yahxidur, dedi.
شۇنىڭ بىلەن ئارپا ۋە بۇغداي ھوسۇلى يىغىلىپ بولغۇچە، رۇت بوئازنىڭ دېدەكلىرى بىلەن يۈرۈپ باشاق تەردى. ئۇ قېينئانىسى بىلەن بىللە تۇرۇۋەردى. 23
Xuning bilǝn arpa wǝ buƣday ⱨosuli yiƣilip bolƣuqǝ, Rut Boazning dedǝkliri bilǝn yürüp baxaⱪ tǝrdi. U ⱪeynanisi bilǝn billǝ turuwǝrdi.

< رۇت 2 >