< رۇت 2 >
نائومىنىڭ ئېرىگە تۇغقان كېلىدىغان بوئاز ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئەلىمەلەكنىڭ جەمەتىدىن بولۇپ، ئىنتايىن باي ئادەم ئىدى. | 1 |
Муршэстэ Нооми сля родо пав лавэ Боазо, мануш пативало, колэстар родостар, со и Элимелехо.
موئاب قىزى رۇت نائومىغا: ــ مەن ئېتىزلىققا باراي، بىرەركىمنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تېپىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ئارپا باشاقلىرىنى تەرسەم؟ ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ بارغىن، ئەي قىزىم، دېدى. | 2 |
Моавитянка Руфь пхэнда Нооми: — Мук ман тэ джя ды маля тэ стидэ ворзо, саво тэлэдыня, котэ, тев манди сикавэна мищимо. Нооми пхэнда: — Джя, чей мури.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ چىقىپ ئېتىزلىقلارغا كېلىپ، ئۇ يەردە ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن باشاق تەردى. بەختىگە يارىشا، دەل ئۇ كەلگەن ئېتىزلىق ئەلىمەلەكنىڭ جەمەتى بولغان بوئازنىڭ ئېتىزلىقلىرى ئىدى. | 3 |
Руфь джиля пы маля, тев стидэнас ворзо, тай ачиля тэ подлэ кода, со тэлэдэлас пы пхув. Тай ачиля кади, со кодыя маля сля маля Боазостири, саво сля родо Элимелехости.
مانا، ئۇ ۋاقىتتا بوئاز بەيت-لەھەمدىن چىقىپ كېلىپ، ئورمىچىلار بىلەن سالاملىشىپ: ــ پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە بولغاي! ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ پەرۋەردىگار ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاي! ــ دېدى. | 4 |
Ды кадыва диво еджино Боазо авиля пордэ Вифлеемостар. — РАЙ тумэнца! — пхэнда вов бутярнэнди. — Тэ авэх бахтало РАЕСТАР! — пхэндэ вонэ лэсти.
بوئاز ئورمىچىلارنىڭ ئۈستىگە نازارەتكە قويۇلغان خىزمەتكارىدىن: ــ بۇ ياش چوكان كىمنىڭ قىزى بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. | 5 |
Боазо пхучля пхурэдэрэ бутярнэстар: — Кахкири када чей, кадыя тэрни джювли?
ئورمىچىلارنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان خىزمەتكار جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ نائومى بىلەن بىللە موئابنىڭ سەھراسىدىن قايتىپ كەلگەن موئابىي چوكان بولىدۇ. | 6 |
Пхурэдэр бутярно пхэнда: — Када моавитянка, сави Нооми анда пхуятар Моаво.
ئۇ: «ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن ئۆنچىلەرنىڭ ئارىسىدىكى چېچىلىپ كەتكەن باشاقلارنى تېرىۋالايمۇ؟» دەپ تەلەپ قىلدى. ئاندىن ئۇ كېلىپ ئەتىگەندىن ھازىرغىچە ئىشلەۋاتىدۇ؛ ئۇ پەقەت كەپىدە بىرئاز دەم ئالدى، ــ دېدى. | 7 |
Вой пхучля: «Мукэґа ман тэ стидэ ворзо, саво тэлэдыня». Авиля дэнзор тай ачиляпэ вой катэ, тай на прыбэшля тэ отцинявэ.
بوئاز رۇتقا: ــ ئەي قىزىم، ئاڭلاۋاتامسەن؟! سەن باشاق تەرگىلى باشقا بىر كىمنىڭ ئېتىزلىقىغا بارمىغىن، بۇ يەردىنمۇ كەتمە، مېنىڭ دېدەكلىرىم بىلەن بىرگە مۇشۇ يەردە تۇرغىن. | 8 |
Тунчи Боазо пхэнда Руфяти: — Чей мури, пошун. На джя тэ стидэ ворзо пэ авэр маля, на уджя катар, нэ рицарпэ пашэ мурэ бутярнендэ.
دىققەت قىلغىن، قايسى ئېتىزدا ئورما ئورغان بولسا، [دېدەكلەرگە] ئەگىشىپ بارغىن. مەن يىگىتلەرگە: ئۇنىڭغا چېقىلماڭلار، دەپ تاپىلاپ قويدۇم! ئەگەر ئۇسساپ قالساڭ بېرىپ، ئىدىشلاردىن يىگىتلىرىم [قۇدۇقتىن] تارتقان سۇدىن ئىچكىن، ــ دېدى. | 9 |
Дыкх, тев тирэн бутярнэ, тай джя пав шпэра бутярнен. Мэ прыпхэндом пэхкирэ манушэнди тэ на холярэн тут. Кала скамэґа тэ пэ, поджя тай пи кхорэстар, савэстар лэн пани мурэ копыли.
رۇت ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ تىزلىنىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ، ئۇنىڭغا: ــ مەن بىر بىگانە تۇرسام، نېمىشقا ماڭا شۇنچە غەمخورلۇق قىلغۇدەك نەزىرىڭدە شۇنچىلىك ئىلتىپات تاپقانمەن؟ ــ دېدى. | 10 |
Вой тэлиля лэсти ды пхуя тай пхэнда: — Сости ту сикавэх манди кацаво мищимо? Сости ту чювэх пы ман сама, мэ ж авря пхуятар?
وئاز ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئېرىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قېينئاناڭغا قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسى، شۇنداقلا سېنىڭئاتا-ئاناڭنى ۋە ئۆز ۋەتىنىڭدىن قانداق ئايرىلىپ، سەن بۇرۇن تونۇمايدىغان بىر خەلقنىڭ ئارىسىغا كەلگىنىڭ ماڭا پۈتۈنلەي ئايان بولدى؛ | 11 |
Боазо пхэнда лати: — Манди роспхэндэ пала кода, со ту стирдан пэхкиряти сасуяти, кала муля тиро мурш: сар ту ачявдан дадэ тай да, ачявдан пэхкири пхув, тев аракхлянпэ, тай джилян манушэндэ, савэн ды калэ на джянэґас.
پەرۋەردىگار قىلغىنىڭغا مۇۋاپىق ساڭا ياندۇرغاي، سەن قاناتلىرىنىڭ تېگىدە پاناھ ئىزدىگەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ساڭا ئۇنىڭ تولۇق ئىنئامى بېرىلگەي، دېدى. | 12 |
Мэк РАЙ воздэла тути пала тирэ рындоря, савэ ту тирдан, тай дэла бахт тути Дэвэл, РАЙ Израилехкоро, пала лэхкирэ пхака ту камэх тэ ушаравэпэ!
رۇت جاۋابەن: ــ ئەي خوجام، نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقايمەن؛ مەن سېنىڭ دېدىكىڭ بولۇشقىمۇ يارىمىساممۇ، سەن ماڭا تەسەللى بېرىپ، دېدىكىڭگە مېھرىبانە سۆزلەرنى قىلدىڭ، ــ دېدى. | 13 |
Вой пхэнда: — Рай муро, ту сикавэх манди кацаво мищимо. Ту дынян пачя тиря копыляти, кала мэ на тирэ копылендар.
تاماق ۋاقتىدا بوئاز ئۇنىڭغا: ــ قېنى، بۇياققا كەلگىن، ناندىن يە، ناننى سىركىگە تۆگۈرگىن! ــ دېدى. رۇت ئورمىچىلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى؛ بوئاز قوماچتىن ئېلىپ ئۇنىڭغا تۇتتى. ئۇ ئۇنىڭدىن تويغۇچە يېدى ۋە يەنە ئازراق ئاشۇرۇپ قويدى. | 14 |
Кала авиля вряма тэ ха, Боазо пхэнда Руфяти: — Джя кордэ, ха тай обмук пэхкоро котор мандро ды шуклима. Руфь бэшля пашэ бутярнэн, тай вов дыня лати присардо ворзо. Вой чялиля, тай латэ интэ ачиляпэ.
ئۇ باشاق تەرگىلى قوپقاندا، بوئاز يىگىتلىرىگە بۇيرۇپ: ــ ئۇنى ھەتتا ئۆنچىلەرنىڭ ئارىسىدا باشاق تەرگىلى قويۇڭلار، ئۇنى ھېچ خىجالەتتەقالدۇرماڭلار. | 15 |
Кала Руфь упалэ джиля тэ стидэ ворзо, Боазо прыпхэнда пэхкирэ манушэнди: — Тай кала вой закамэла тэ стидэ помашкар снопуря, на холярэн ла.
ھەتتا ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق باشاقلارنى ئۆنچىلەردىن ئەتەي ئايرىپ، ئۇنىڭغا تەرگىلى چۈشۈرۈپ قويۇڭلار، ئۇنى ھېچ ئەيىبلىمەڭلار، دېدى. | 16 |
Кала авэна тэ стидэ, на залэн вса тай ачявэн лати. Мэк подлэл, тай тумэ нисо на дэдумэн лати.
شۇنداق قىلىپ ئۇ كەچكىچە ئېتىزلىقتا باشاق تەردى، تېرىۋالغانلىرىنى سوققاندا، تەخمىنەن بىر ئەفاھ ئارپا چىقتى. | 17 |
Ды бельвель Руфь стидэлас ворзо пэ маля. Нэ кала вой обмарда лэн, выджиля їпаш гоно ячмени.
ئاندىن ئۇ ئارپىسىنى ئېلىپ، شەھەرگە كىردى، قېينئانىسى ئۇنىڭ تەرگەن [ئارپىسىنى] كۆردى؛ ئۇ يەنە ئۇ يەپ تويۇنغاندىن كېيىن ساقلاپ قويغىنىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا بەردى. | 18 |
Кала авиля ды форо, Руфь сикавда сасуяти, скацик вой стидыня. Тунчи вой доросля кода, со ачиляпэ хаматар, тай отдыня Нооми.
قېينئانىسى ئۇنىڭغا: ــ سەن بۈگۈن نەدە باشاق تەردىڭ، نەدە ئىشلىدىڭ؟ ساڭا غەمخورلۇق قىلغان شۇ كىشىگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنغاي! ــ دېدى. ئۇ قېينئانىسىغا كىمنىڭكىدە ئىش قىلغىنىنى ئېيتىپ: ــ مەن بۈگۈن ئىشلىگەن ئېتىزنىڭ ئىگىسىنىڭ ئىسمى بوئاز ئىكەن، دېدى. | 19 |
Сасуи пхучля латар: — Тев ту стидэґас? Тев ту тирдан авдивэ? Тэ авэл бахтало кодыва, саво дыня тути зор. Руфь пхэнда сасуяти, кастэ вой тирда пэ маля. — Манушэ, пэ маля кастэ мэ авдивэ слём, акхарэн Боазо, — пхэнда вой.
نائومى كېلىنىگە: ــ تىرىكلەرگىمۇ، ئۆلگەنلەرگىمۇ مېھرىبانلىق قىلىشتىن باش تارتمىغان كىشى پەرۋەردىگاردىن بەخت-بەرىكەت كۆرگەي! ــ دېدى. ئاندىن نائومى ئۇنىڭغا يەنە: ــ ئۇ ئادەم بىزنىڭ يېقىن تۇغقىنىمىزدۇر، ئۇ بىزنى قۇتقۇزالايدىغان ھەمجەمەتلەردىن بىرىدۇر، ــ دېدى. | 20 |
— Тэ дэл лэсти РАЙ бахт! Вов патив тховэл и пы джюдэн тай пы мулэн! — пхэнда Нооми боряти. — Кадыва мануш амаро пашутно родо, кастар авэла амэнди зор.
موئاب قىزى رۇت يەنە: ــ ئۇ ماڭا يەنە: «مېنىڭ يىگىتلىرىم پۈتۈن ھوسۇلۇمنى يىغىپ بولغۇچە ئۇلار بىلەن بىرگە بولغىن» دېدى، ــ دېدى. | 21 |
Руфь моавитянка пхэнда: — Вов пхэнда манди тэ рицарэпэ екхтханэ лэхкирэ бутярнэнца ды колэ, кала вонэ стирэна всаворэ бутя пэ лэхкирэн мален.
نائومى كېلىنى رۇتقا: ــ ئەي قىزىم، بىرسىنىڭ ساڭا يامانلىق قىلماسلىقى ئۈچۈن باشقىسىنىڭ ئېتىزلىقىغا بارماي، ئۇنىڭ دېدەكلىرى بىلەن بىللە چىقىپ ئىشلىسەڭ ياخشىدۇر، دېدى. | 22 |
Нооми пхэнда Руфяти, пэхкиря боряти: — Чяёри, мишто, кала ту авэґа лэхкирэ бутярненца. Тунчи нико на холярэла тут пэ авэр маля.
شۇنىڭ بىلەن ئارپا ۋە بۇغداي ھوسۇلى يىغىلىپ بولغۇچە، رۇت بوئازنىڭ دېدەكلىرى بىلەن يۈرۈپ باشاق تەردى. ئۇ قېينئانىسى بىلەن بىللە تۇرۇۋەردى. | 23 |
Руфь рицардапэ екхтханэ бутярненца Боазостирэнца тай подлэлас када, со тэлэдэлас ды колэ, кала постидыне ячмени тай див. Джювэлас вой тунчи пэхкиря сасуяса.