< رىملىقلارغا 1 >
روسۇللۇققا تاللاپ چاقىرىلغان، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا ئايرىپ تەيىنلەنگەن، مەسىھ ئەيسانىڭ قۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سالام! | 1 |
예수 그리스도의 종 바울은 사도로 부르심을 받아 하나님의 복음을 위하여 택정함을 입었으니
خۇدا بۇ خۇش خەۋەرنىڭ كېلىشىنى خېلى بۇرۇنلا پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق مۇقەددەس يازمىلاردا ۋەدە قىلغانىدى. | 2 |
이 복음은 하나님이 선지자들로 말미암아 그의 아들에 관하여 성경에 미리 약속하신 것이라
بۇ خۇش خەۋەر ئۆز ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىدۇر؛ جىسمانىي جەھەتتىن ئۇ داۋۇتنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان؛ بىردىنبىر پاك-مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلۈش ئارقىلىق «كۈچ-قۇدرەت ئىگىسى خۇدانىڭ ئوغلى» دەپ كۆرسىتىلىپ بېكىتىلگەن؛ | 3 |
이 아들로 말하면 육신으로는 다윗의 혈통에서 나셨고
성결의 영으로는 죽은 가운데서 부활하여 능력으로 하나님의 아들로 인정되셨으니 곧 우리 주 예수 그리스도시니라
ئۇ ئارقىلىق، شۇنداقلا ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن بارلىق ئەللەر ئارىسىدا خۇداغا ئېتىقادتىن بولغان ئىتائەتمەنلىك ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشكە بىز مېھىر-شەپقەتكە ۋە روسۇللۇققا مۇيەسسەر بولدۇق؛ | 5 |
그로 말미암아 우리가 은혜와 사도의 직분을 받아 그 이름을 위하여 모든 이방인 중에서 믿어 순종케 하나니
سىلەر ئۇلار ئارىسىدا، ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن چاقىرىلغانسىلەر. | 6 |
너희도 그들 중에 있어 예수 그리스도의 것으로 부르심을 입은 자니라
شۇڭا، خۇدا سۆيگەن ۋە ئۇ «مۇقەددەس بەندىلىرىم» دەپ چاقىرغان رىم شەھىرىدىكى ھەممىڭلارغا، ئاتىمىز خۇدادىن ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھتىن مېھىر-شەپقەت ۋە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! | 7 |
로마에 있어 하나님의 사랑하심을 입고 성도로 부르심을 입은 모든 자에게 하나님 우리 아버지와 주 예수 그리스도로 좇아 은혜와 평강이 있기를 원하노라
ئالدى بىلەن مەن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەممىڭلار ئۈچۈن خۇدايىمغا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ چۈنكى سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار پۈتكۈل ئالەمگە پۇر كەتتى. | 8 |
첫째는 내가 예수 그리스도로 말미암아 너희 모든 사람을 인하여 내 하나님께 감사함은 너희 믿음이 온 세상에 전파됨이로다
ئۆز ئوغلى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەردە چىن روھ-قەلبىم بىلەن مەن خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خۇدا ئۆزى مېنىڭ دۇئالىرىمدا سىلەرنى شۇنچە ئۈزلۈكسىز ئەسلەپ تۇرغانلىقىمغا گۇۋاھتۇر. | 9 |
내가 그의 아들의 복음 안에서 내 심령으로 섬기는 하나님이 나의 증인이 되시거니와 항상 내 기도에 쉬지 않고 너희를 말하며
مەن دۇئالىرىمدا، مۇمكىن قەدەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشقا ئاخىر مۇيەسسەر بولۇشقا ھەمىشە ئۆتۈنىمەن. | 10 |
어떠하든지 이제 하나님의 뜻 안에서 너희에게로 나아갈 좋은 길 얻기를 구하노라
چۈنكى مەن سىلەرنى بىرەر روھىي ئىلتىپاتقا ئىگە قىلىش ئارقىلىق مۇستەھكەملەش ئۈچۈن سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىنتايىن تەقەززامەن؛ | 11 |
내가 너희 보기를 심히 원하는 것은 무슨 신령한 은사를 너희에게 나눠 주어 너희를 견고케 하려 함이니
يەنى، مەن ئاراڭلاردا بولسام، بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىدىن ئۆزئارا تەسەللى ۋە ئىلھام ئالالايمىز دېمەكچىمەن. | 12 |
이는 곧 내가 너희 가운데서 너희와 나의 믿음을 인하여 피차 안위함을 얻으려 함이라
قېرىنداشلار، مەن سىلەرنىڭ شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى، باشقا يەردىكى ئەللىكلەرنىڭ ئارىسىدا خىزمىتىم مېۋە بەرگەندەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ خىزمىتىمنىڭ مېۋە بېرىشى ئۈچۈن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم نىيەت قىلدىم، لېكىن بۈگۈنگىچە توسالغۇغا ئۇچراپ كېلىۋاتىمەن. | 13 |
형제들아 내가 여러 번 너희에게 가고자 한 것을 너희가 모르기를 원치 아니하노니 이는 너희 중에서도 다른 이방인 중에서와 같이 열매를 맺게 하려 함이로되 지금까지 길이 막혔도다
مەن ھەرقانداق ئادەملەرگە، مەيلى يۇنانلىقلار ۋە يات تائىپىلەرگە، دانىشمەن ۋە نادانلارغا بولسۇن، ھەممىسىگە قەرزدارمەن. | 14 |
헬라인이나 야만이나 지혜 있는 자나 어리석은 자에게 다 내가 빚진 자라
شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمكانىيەت ماڭا يار بەرسىلا مەن رىمدىكى سىلەرگىمۇ خۇش خەرۋەرنى يەتكۈزۈپ بايان قىلىشقا قىزغىنمەن. | 15 |
그러므로 나는 할 수 있는대로 로마에 있는 너희에게도 복음 전하기를 원하노라
چۈنكى مەن مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەردىن ھەرگىز خىجىل بولمايمەن! چۈنكى ئۇ ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارنى، ئاندىن كېيىن گرېكلەرنى نىجاتقا ئېرىشتۈرىدىغان خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر! | 16 |
내가 복음을 부끄러워하지 아니하노니 이 복음은 모든 믿는 자에게 구원을 주시는 하나님의 능력이 됨이라 첫째는 유대인에게요 또한 헬라인에게로다
چۈنكى [خۇش خەۋەردە] ئېتىقادقا ئاساسلانغان، خۇدانىڭ بىرخىل ھەققانىيلىقى ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ۋەھىي قىلىنغاندۇر. [مۇقەددەس يازمىلاردا] يېزىلغىنىدەك: ــ «ھەققانىي ئادەم ئىشەنچ-ئېتىقادى بىلەن ھايات بولىدۇ». | 17 |
복음에는 하나님의 의가 나타나서 믿음으로 믿음에 이르게 하나니 기록된 바 오직 의인은 믿음으로 말미암아 살리라 함과 같으니라
چۈنكى ھەققانىيەتسىزلىك بىلەن ھەقىقەتنى باسىدىغان ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىپلاسلىقىغا ۋە ھەققانىيەتسىزلىكىگە نىسبەتەن خۇدانىڭ قاراتقان غەزىپى ئەرشتىن ئوچۇق ۋەھىي قىلىنماقتا. | 18 |
하나님의 진노가 불의로 진리를 막는 사람들의 모든 경건치 않음과 불의에 대하여 하늘로 좇아 나타나나니
چۈنكى ئىنسانلار خۇدا توغرىسىدا بىلەلەيدىغان ئىشلار ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ھەممىنى ئۇلارغا ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن | 19 |
이는 하나님을 알만한 것이 저희 속에 보임이라 하나님께서 이를 저희에게 보이셨느니라
(چۈنكى دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئۆزگىچىلىكلىرى، يەنى مەڭگۈلۈك قۇدرىتى ۋە بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ئارقىلىق ئوچۇق كۆرۈلمەكتە، شۇنداقلا بۇنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىنسانلار ھېچ باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ) (aïdios ) | 20 |
창세로부터 그의 보이지 아니하는 것들 곧 그의 영원하신 능력과 신성이 그 만드신 만물에 분명히 보여 알게 되나니 그러므로 저희가 핑계치 못할지니라 (aïdios )
ــ چۈنكى ئىنسانلار خۇدانى بىلسىمۇ، ئۇنى خۇدا دەپ ئۇلۇغلىمىدى، ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتمىدى؛ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرى بىمەنە بولۇپ، نادان قەلبى قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. | 21 |
하나님을 알되 하나님으로 영화롭게도 아니하며 감사치도 아니하고 오히려 그 생각이 허망하여지며 미련한 마음이 어두워졌나니
ئۆزلىرىنى دانىشمەن قىلىپ كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ئەقىلسىز بولۇپ چىقتى؛ | 22 |
스스로 지혜 있다 하나 우둔하게 되어
چىرىماس خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ ئورنىغا چىرىپ ئۆلىدىغان ئادەمزاتقا، ئۇچار-قاناتلارغا، تۆت ئاياغلىق ھايۋانلارغا ۋە يەر بېغىرلىغۇچىلارغا ئوخشايدىغان بۇتلارنى ئالماشتۇرۇپ قويغانىدى. | 23 |
썩어지지 아니하는 하나님의 영광을 썩어질 사람과 금수와 버러지 형상의 우상으로 바꾸었느니라
شۇڭا خۇدا ئۇلارنى قەلبىدىكى شەھۋانىي ھەۋەسلىرى بىلەن ئىپلاسلىق قىلىشقا، شۇنداقلا بىر-بىرىنىڭ تەنلىرىنى نومۇسقا قالدۇرۇشقا قويۇپ بەردى. | 24 |
그러므로 하나님께서 저희를 마음의 정욕대로 더러움에 내어 버려두사 저희 몸을 서로 욕되게 하셨으니
ئۇلار خۇدا توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى يالغانغا ئايلاندۇردى، ياراتقۇچىنىڭ ئورنىغا يارىتىلغان نەرسىلەرگە چوقۇنۇپ، تاۋاپ-تائەت قىلغانىدى. ھالبۇكى، ياراتقۇچىغا تەشەككۈر-مەدھىيە مەڭگۈگە ئوقۇلماقتا! ئامىن! (aiōn ) | 25 |
이는 저희가 하나님의 진리를 거짓 것으로 바꾸어 피조물을 조물주 보다 더 경배하고 섬김이라 주는 곧 영원히 찬송할 이시로다 아멘 (aiōn )
مانا شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى پەسكەش شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە قويۇپ بەردى. ھەتتا ئاياللارمۇ تەبىئىي جىنسىي مۇناسىۋەتنى غەيرىي مۇناسىۋەتكە ئايلاندۇردى؛ | 26 |
이를 인하여 하나님께서 저희를 부끄러운 욕심에 내어 버려 두셨으니 곧 저희 여인들도 순리대로 쓸 것을 바꾸어 역리로 쓰며
شۇنىڭدەك، ئەرلەرمۇ ئاياللار بىلەن بولىدىغان تەبىئىي جىنسىي مۇناسىۋەتلەرنى تاشلاپ، باشقا ئەرلەرگە شەھۋانىي ھەۋەسلەر بىلەن كۆيۈپ پىشىدىغان بولدى. ئەرلەر ئەرلەر بىلەن شەرمەندىلىككە كىرىشتى ۋە نەتىجىدە ئۇلارنىڭ مۇخالىپ قىلمىشلىرى ئۆز بېشىغا چىقتى. | 27 |
이와 같이 남자들도 순리대로 여인 쓰기를 버리고 서로 향하여 음욕이 불 일듯하매 남자가 남자로 더불어 부끄러운 일을 행하여 저희의 그릇됨에 상당한 보응을 그 자신에 받았느니라
ئۇلار خۇدانى بىلىشتىن ۋاز كېچىشنى لايىق كۆرگەنلىكى تاللىغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى بۇزۇق نىيەتلەرگە ۋە نالايىق ئىشلارنى قىلىشقا قويۇپ بەردى. | 28 |
또한 저희가 마음에 하나님 두기를 싫어하매 하나님께서 저희를 그 상실한 마음대로 내어 버려 두사 합당치 못한 일을 하게 하셨으니
ئۇلار ھەرخىل ھەققانىيەتسىزلىك، رەزىللىك، نەپسانىيەتچىلىك، ئۆچمەنلىككە چۆمۈپ، ھەسەتخورلۇق، قاتىللىق، جېدەلخورلۇق، مەككارلىق ۋە ھەرخىل بەتنىيەتلەر بىلەن تولدى. ئۇلار ئىغۋاگەر، | 29 |
곧 모든 불의, 추악, 탐욕, 악의가 가득한 자요 시기, 살인, 분쟁, 사기, 악독이 가득한 자요, 수군수군 하는 자요
تۆھمەتخور، خۇداغا نەپرەتلىنىدىغان، كىبىرلىك، ماختانچاق، چوڭچى، ھەرخىل رەزىللىكلەرنى ئويلاپ چىقىرىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان، | 30 |
비방하는 자요, 하나님의 미워하시는 자요, 능욕하는 자요, 교만한 자요, 자랑하는 자요, 악을 도모하는 자요, 부모를 거역하는 자요
يورۇتۇلمىغان، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، كۆيۈمسىز ۋە رەھىمسىز ئىنسانلاردۇر. | 31 |
우매한 자요, 배약하는 자요, 무정한 자요, 무자비한 자라
ئۇلار خۇدانىڭ شۇلارغا بولغان ئادىل ھۆكۈمىنى، يەنى شۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ ئۆلۈمگە لايىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلسىمۇ، بۇ ئىشلارنى ئۆزلىرى قىلىپلا قالماي، بەلكى شۇنداق قىلىدىغان باشقىلاردىن سۆيۈنۈپ ئۇلارنى ئالقىشلايدۇ. | 32 |
저희가 이같은 일을 행하는 자는 사형에 해당하다고 하나님의 정하심을 알고도 자기들만 행할 뿐 아니라 또한 그 일을 행하는 자를 옳다 하느니라