< رىملىقلارغا 9 >
مەن مەسىھتە ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، يالغان گەپ ئېيتمايمەن، ۋىجدانىم مۇقەددەس روھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ ئۆزەمگە گۇۋاھلىق قىلماقتا ــ | 1 |
Es patiesību saku iekš Kristus, es nemeloju, jo mana sirdsapziņa man liecību dod iekš Svēta Gara,
قەلبىمدە زور دەرد-ئەلەم ۋە تۈگىمەس ئازاب بار. | 2 |
Ka man ir lielas skumjas un nemitīgas sāpes manā sirdī.
چۈنكى مېنىڭ بۇرادەرلىرىم، يەنى جىسمانىي جەھەتتىكى قېرىنداشلىرىم بولغان ئىسرائىللارنى [نىجات تاپقۇزالىسام] [خۇدانىڭ] لەنىتىگە قېلىپ مەسىھتىن مەھرۇم قىلىنىشىمنى تىلەشكە رازى ئىدىم؛ ئۇلار ئىسرائىللار! ــ ئۇلارغا ئوغۇللۇق ھوقۇقى، [خۇدانىڭ] شان-شەرىپىنىڭ ئايان قىلىنىشى، ئەھدىلىرى، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئامانەت بولۇشى، ئىبادەت خىزمەتلىرى ۋە [تەۋرات] ۋەدىلىرى نېسىۋە قىلىندى. | 3 |
Jo es būtu vēlējies pats būt nolādēts no Kristus par maniem brāļiem, kas ir mani radi pēc miesas;
Tie ir Israēlieši, tiem pieder tā bērnība un tā godība un tās derības un tā bauslība un Tā Dieva kalpošana un tās apsolīšanas,
ئۇلۇغ [ئىبرانىي] ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارنىڭكىدۇر؛ جىسمانىي جەھەتتە مەسىھ ئۇلارنىڭ ئەجدادىدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگۈچى، مەڭگۈ مۇبارەك خۇدادۇر. ئامىن! (aiōn ) | 5 |
Tiem tie tēvi, no kuriem arī Kristus pēc miesas; tas ir Dievs pār visiem, augsti teicams mūžīgi. Āmen. (aiōn )
ــ بىراق خۇدانىڭ [ئىسرائىلغا بولغان] سۆزى بىكار بولدى، دېمەيمەن؛ چۈنكى ئىسرائىلدىن بولغانلارنىڭ ھەممىسىلا ھەقىقىي ئىسرائىل ھېسابلانمايدۇ؛ | 6 |
Tomēr ne tā, tā kā Dieva vārds būtu pakritis; jo ne visi, kas no Israēla, ir Israēls,
شۇنىڭدەك، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولسىمۇ، ھەممىسىلا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا ئىبراھىمغا]: «ئىسھاقتىن تۆرەلگەنلەرلا سېنىڭ نەسلىڭ ھېسابلىنىدۇ» ــ دېيىلگەن. | 7 |
Nedz tie visi tādēļ bērni, ka tie ir Ābrahāma dzimums, bet: “Iekš Īzaka tev dzimums taps dēvēts.”
دېمەك، جىسمانىي جەھەتتىن [ئىبراھىمدىن] تۆرەلگەن پەرزەنتلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولىۋەرمەيدۇ، بەلكى [خۇدانىڭ] ۋەدىسى ئارقىلىق تۆرەلگەنلەر [ئىبراھىمنىڭ] ھەقىقىي نەسلى ھېسابلىنىدۇ. | 8 |
Tas ir: ne tie miesas bērni ir Dieva bērni, bet tie apsolīšanas bērni top turēti par dzimumu.
چۈنكى خۇدانىڭ بەرگەن ۋەدىسى مۇنداق ئىدى: «[كېلەر يىلى] مۇشۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن، ساراھ بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ». | 9 |
Jo tas apsolīšanas vārds ir šis: ap šo pašu laiku Es nākšu, tad Sārai būs dēls.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، رىۋكاھ بىر ئەردىن، يەنى ئەجدادىمىز ئىسھاقتىن [قوشكېزەكگە] ھامىلىدار بولغاندا، | 10 |
Un ne vien šī, bet arī Rebeka, kad bija grūta no viena, no Īzaka, mūsu tēva -
پەرزەنتلىرى تېخى تۇغۇلمىغاندا، ھېچقانداق ياخشى ياكى يامان ئىشنىمۇ قىلماستا، خۇدا ئۆزىنىڭ ئادەملەرنى تاللاشتىكى مۇددىئاسىنىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىش-ئەمەللىرىگە ئەمەس، پەقەت چاقىرغۇچى بولغاننىڭ ئىرادىسىگە ئاساسلانغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، رىۋكاھغا: «چوڭى كىچىكىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ» ــ دېيىلگەنىدى. | 11 |
Jo kad tie bērni vēl nebija dzimuši, nedz darījuši ne laba ne ļauna, lai Dieva nodoms, kā Viņš izredzējis, pastāvētu, ne pēc darbiem, bet pēc Tā aicinātāja;
Tad viņai kļuva sacīts: lielākais kalpos mazākajam;
خۇددى يەنە مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك: «ياقۇپنى سۆيدۈم، ئەساۋدىن نەپرەتلەندىم». | 13 |
Tā kā ir rakstīts: Es Jēkabu esmu mīlējis un Ēsavu ienīdējis.
ئۇنداقتا، بۇلارغا نېمە دەيلى؟ خۇدادا ئادالەتسىزلىك بارمۇ؟ ھەرگىز يوق! | 14 |
Ko nu lai sakām? Vai netaisnība ir pie Dieva? Nebūt ne!
چۈنكى خۇدا مۇساغا مۇنداق دېگەن: ــ «كىمگە رەھىم قىلغۇم كەلسە، شۇنىڭغا رەھىم قىلىمەن، كىمگە ئىچ ئاغرىتقۇم كەلسە، شۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىمەن». | 15 |
Jo uz Mozu Viņš saka: Es žēlošu, ko žēloju, un apžēlošos, par ko apžēlojos.
دېمەك، بۇ ئىش ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە ياكى ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئەمەس، بەلكى رەھىمدىللىق كۆرسەتكۈچى خۇداغا باغلىقتۇر. | 16 |
Tad nu tas nav ne no cilvēka gribēšanas, ne no cilvēka skriešanas, bet no Dieva apžēlošanās.
چۈنكى خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا پىرئەۋنگە مۇنداق دېگەن: ــ «مېنىڭ سېنى تىكلىشىمدىكى مەقسەت دەل شۇكى، قۇدرىتىمنى ئۈستۈڭدە كۆرسىتىش ھەمدە نامىمنىڭ پۈتكۈل جاھانغا جاكارلىنىشى». | 17 |
Jo tas raksts saka uz Faraonu: itin tāpēc Es tevi esmu cēlis, ka Es pie tevis parādītu Savu spēku, un ka Mans Vārds taptu pasludināts visā pasaulē.
دېمەك، خۇدا خالىغىنىغا رەھىم قىلىدۇ، خالىغىنىنى تاش يۈرەك قىلىدۇ. | 18 |
Tad nu Viņš apžēlojās, par ko Tas grib, un apcietina, ko Tas grib.
ئەمدى بەلكىم سەن ماڭا: «خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ھېچكىم قارشى چىقالمايدىغان تۇرسا، ئۇنداقتا خۇدا نېمە ئۈچۈن ئىنساننى ئەيىبلەيدۇ؟» ــ دېيىشىڭ مۇمكىن. | 19 |
Tu nu gan uz mani sacīsi: ko tad Viņš vēl rāj? Jo kas Viņa prātam var pretī turēties?
بىراق، ئەي ئىنسان، خۇدا بىلەن تاكاللاشقۇدەك كىمسەن؟ قېلىپتا شەكىللەندۈرۈلىۋاتقان نەرسە ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچىگە: ــ «مېنى نېمە ئۈچۈن بۇنداق ياسىدىڭ؟» ــ دېيەلەمدۇ؟ | 20 |
Bet, ak cilvēciņ! Kas tu tāds esi, ka tu gribi ar Dievu tiesāties? Vai kāds darbs uz savu meistaru saka: kam tu mani tādu esi taisījis?
خۇمدانچىنىڭ ئوخشاش بىر كاللەك لايدىن ئېسىل ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ، شۇنداقلا ئادەتتىكى ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ ياساش ھوقۇقى يوقمۇ؟ | 21 |
Vai tad podniekam nav vara pār mālu, no tās pašas pītes taisīt citu trauku godam un citu negodam?
خۇدا ئۆز غەزىپىنى كۆرسىتىشنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى تونۇتۇشنى نىيەت قىلغان بولسا، غەزىپىگە لايىق بولغان، ھالاكەتكە تەييارلانغان «قاچىلار»غا ئادەتتىن تاشقىرى سەۋرچانلىق بىلەن كۆكسى-قارنىنى كەڭ قىلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟ | 22 |
Bet nu Dievs, gribēdams dusmību parādīt un Savu spēku zināmu darīt, ar lielu lēnprātību ir panesis tos dusmības traukus, sataisītus uz pazušanu,
ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ رەھىم-شەپقىتىنىڭ نىشانى قىلغان ۋە شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇشقا ئالدىنئالا تەييارلىغان «قاچىلار»دا، يەنى ئۆزى يەھۇدىيلار ئارىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئەللەر ئارىسىدىنمۇ چاقىرغان بىزلەردە شان-شەرىپىنىڭ چەكسىزلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىشنى خالىغان بولسا، بۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟ | 23 |
Un ka Tas Savas godības bagātību parādītu pie tiem žēlastības traukiem, ko Viņš iepriekš ir sataisījis uz godību.
Tādus Viņš arī mūs ir aicinājis, ne vien no Jūdiem, bet arī no pagāniem.
بۇ خۇددى خۇدانىڭ ھوشىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك: ــ «ئەسلى خەلقىم ھېسابلانمىغان خەلقنى خەلقىم، ئەسلى سۆيمىگەنلەرنى سۆيگەنلىرىم دەيمەن»؛ | 25 |
Tā kā Viņš arī pie Hozejas saka: Es tos saukšu par Saviem ļaudīm, kas Mani ļaudis nebija, un par Savu mīļo, kas Man mīļa nebija;
ۋە يەنە: ــ «بۇرۇن ئۇلارغا: «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەسسىلەر» دېيىلگەن جايدا، كەلگۈسىدە دەل شۇ جايدا ئۇلارغا «تىرىك خۇدانىڭ ئوغۇللىرى!» دېگەن نام بېرىلىدۇ». | 26 |
Un notiks tanī vietā, kur uz tiem tika sacīts: Jūs neesat Mani ļaudis! Tur tie taps saukti Tā dzīvā Dieva bērni.
يەشايا پەيغەمبەرمۇ ئىسرائىل توغرۇلۇق مۇنداق جاكارلىغانىدى: ــ «ئىسرائىللارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ بولسىمۇ، لېكىن پەقەت بىرلا «قالدى» قۇتقۇزۇلىدۇ؛ | 27 |
Un Jesaja izsauc pār Israēli: ja Israēla bērnu skaits būtu kā jūras smiltis, tomēr tikai atlikums taps izglābts.
چۈنكى، پەرۋەردىگار ئۆز ئىشىنى تۈگىتىۋېتىپ، ھەققانىيلىق بىلەن تېزدىن ئۇنى ئىجرا قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ يەر يۈزىدە ھۆكۈمىنى تەلتۆكۈس ۋە تېز ئىجرا قىلىدۇ». | 28 |
Jo Viņš to vārdu piepilda un pasteidz iekš taisnības; jo drīz Tas Kungs to vārdu izdarīs virs zemes.
يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىن ئېيتقىنىدەك: ــ «ئەگەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىزگە بىر نەسىل قالدۇرمىغان بولسا، سودوم شەھىرىدەك، گوموررا شەھىرىدەك [يوقالغان] بولاتتۇق». | 29 |
Un itin kā Jesaja ir papriekš sacījis: ja Tas Kungs Cebaot mums nebūtu atlicinājis kādu sēklu, tad mēs būtu palikuši tā kā Sodoma un līdzīgi Gomorai.
ئۇنداقتا، بۇلارغا نېمە دېيىشىمىز كېرەك؟ ھەققانىيلىققا ئىنتىلمىگەن ئەللىكلەر ھەققانىيلىققا، يەنى ئېتىقادقا ئاساسلانغان بىرخىل ھەققانىيلىققا ئېرىشتى. | 30 |
Ko nu lai sakām? Ka pagāni, kas pēc taisnības nedzinās, taisnību dabūjuši, proti to taisnību no ticības;
لېكىن ئىسرائىل ھەققانىيلىقنى كۆرسەتكەن تەۋرات قانۇنىغا ئىنتىلگىنى بىلەن قانۇننىڭ تەلىپىگە يېتەلمىدى. | 31 |
Bet Israēls, pēc taisnības bauslības dzīdamies, to taisnības bauslību nav panācis.
نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ [ھەققانىيلىققا] ئىنتىلىشى ئېتىقاد بىلەن ئەمەس، بەلكى «ساۋابلىق ئىشلار» بىلەن ئىدى. ئۇلار «پۇتلىكاشاڭ تاش»قا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتى؛ | 32 |
Kādēļ? Tādēļ ka ne no ticības bet tā kā no bauslības darbiem (to meklēja); jo tie ir piedauzījušies pie tā piedauzīšanas akmens,
خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا] يېزىلغىنىدەك: «خەلقنى پۇتلىشىدىغان پۇتلىكاشاڭ تاشنى، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاشنى زىئونغا قويدۇم، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەرگىز يەرگە قارىتىلىپ قالماس». | 33 |
Itin kā ir rakstīts: redzi, Es lieku Ciānā piedauzīšanas akmeni un apgrēcības klinti, un kas uz Viņu tic nepaliks kaunā.