< رىملىقلارغا 7 >
ئى قېرىنداشلار، مەن ھازىر تەۋرات قانۇنىنى بىلگەنلەرگە سۆزلەۋاتىمەن؛ سىلەر قانۇننىڭ پەقەت ھايات ۋاقتىدىلا ئىنسان ئۈستىگە ھۆكۈمران بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ | 1 |
兄弟等よ、我律法を知れる人々に謂へば、汝等律法に人の司らるるは活ける間のみなる事を知らざるか。
مەسىلەن، ئېرى بار ئايال، ئېرى ھاياتلا بولىدىكەن، قانۇن بويىچە ئېرىگە باغلانغان؛ لېكىن ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، [ئۆزىنى ئېرىگە باغلىغان] نىكاھ قانۇنىدىن ئازاد قىلىنىدۇ. | 2 |
蓋夫ある婦は、夫の存命中律法を以て之に繋がると雖も、夫死すれば之に對する律法を解かるるなり。
شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئايال ئېرى ھايات ۋاقتىدا باشقا بىر ئەرگە باغلانسا، زىناخور ئايال دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ [نىكاھ] قانۇنىدىن ئەركىن بولىدۇ؛ شۇ چاغدا باشقا بىر ئەرگە تەگسە، زىنا قىلغان بولمايدۇ. | 3 |
然れば夫の存命中他の人に就けば姦婦と呼ばるべきも、夫死したる時は其律法より釈され、他の人に就くも姦婦には非ざるなり。
خۇددى شۇنىڭدەك، قېرىنداشلار، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ [قۇربانلىق] تېنى ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈڭلار. بۇنىڭ مەقسىتى سىلەرنىڭ باشقا بىرسىگە، يەنى ئۆلۈمدىن تىرىلگۈچىگە باغلىنىشىڭلار ۋە شۇنىڭ بىلەن خۇداغا مېۋە بېرىشىڭلاردىن ئىبارەتتۇر. | 4 |
然れば我兄弟等よ、汝等もキリストの[死]體に由りて、律法に對して死したる者となれり。是死者の中より復活し給ひし他のものに属して、我等が神に果を結ばん為なり。
چۈنكى بىز «ئەت»نىڭ ئىلكىدە ۋاقتىمىزدا، تەۋرات قانۇنى گۇناھنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى تېخىمۇ قوزغاپ، تېنىمىزدىكى ئەزالاردا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان مېۋىنى چىقارغانىدى؛ | 5 |
蓋我等肉に在りし時、律法に據れる罪科の諸慾、死の果を結ばせんとて、我等の五體の中に働きたりしが、
لېكىن، ھازىر بىز تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدىن ئەركىن بولدۇق. چۈنكى ئۆزىمىزنى بوغۇپ تۇرىدىغان بۇ قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن بولۇپ، قانۇننىڭ دەستۇرىنىڭ كونا يولىدا ئەمەس، بەلكى روھنىڭ يېڭى يولىدا [خۇدانىڭ] قۇللۇقىدا بولىمىز. | 6 |
今や我等は既に繋がれたりし死の律法より釈されて、儀文の古きによらず、霊の新しきに由りて事へ奉るに至れり。
ئۇنداقتا نېمە دېگۈلۈك؟ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆزى گۇناھمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! دەرۋەقە، قانۇننىڭ كۆرسەتمىلىرى بولمىسا، گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. قانۇن «نەپسانىيەتچىلىك قىلما» دېمىگەن بولسا، نەپسانىيەتچىلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولاتتىم. | 7 |
第二款 堕落者に於る律法 然らば我等何をか云はん、律法は罪なるか、然らず。然りながら律法に據らずしては我罪を知らざりき。蓋律法が「貪ること勿れ」と云はざれば我貪を知らざりしに、
لېكىن گۇناھ قانۇننىڭ ئەمرى ئارقىلىق پۇرسەت تېپىپ، ئىچىمدە ھەرخىل نەپسانىيەتچىلىكلەرنى قوزغىدى. تەۋرات قانۇنى بولمىسا، گۇناھمۇ ئۆلۈكتەك جانسىز بولاتتى. | 8 |
罪は機會に乗じ、掟によりて、我中に所有慾望を惹起せり。即ち律法なき時、罪は死したるものにして、
بىر چاغلاردا قانۇننىڭ سىرتىدا ياشىغىنىمدا ھايات ئىدىم، لېكىن قانۇن ئەمرىنى بىلىشىم بىلەنلا، گۇناھمۇ جانلىنىپ، مېنى ئۆلۈمگە ئېلىپ باردى. | 9 |
我は昔時律法なくて活きたりしが、掟來りしかば、罪は生回りて、
ئەسلىدە كىشىگە ھاياتلىق ئېلىپ كەلسۇن دەپ بۇيرۇلغان قانۇننىڭ ئەمرى ئەكسىچە ماڭا ئۆلۈم ئېلىپ كەلدى. | 10 |
我は死せり、斯て我を活かさんとて與へられたる掟は、死を來すものとなれり。
چۈنكى گۇناھ قانۇننىڭ ئەمرى بىلەن ھۇجۇم پۇرسىتىنى تېپىپ، مېنى ئازدۇردى ۋە ئەمر ئارقىلىق مېنى ئۆلتۈردى. | 11 |
蓋罪は掟の機會に乗じて我を惑はし、且之を以て我を殺せり。
بۇنىڭدىن قارىغاندا قانۇن ھەقىقەتەن پاك-مۇقەددەستۇر، ئۇنىڭ ئەمرىمۇ مۇقەددەس، توغرا-ئادالەتلىك ۋە ياخشىدۇر. | 12 |
然て律法は聖なり、掟も聖にして且正しく且善なり。
ئۇنداقتا، ياخشى بولغىنى ماڭا ئۆلۈم بولدىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! بەلكى، گۇناھنىڭ قەۋەتلا قەبىھ ئىكەنلىكى ئەمر ئارقىلىق ئوچۇق ئاشكارىلىنىشى ئۈچۈن، بۇ ياخشى ئەمرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن گۇناھ مەندە ئۆلۈم پەيدا قىلدى. | 13 |
然らば善なるもの我に死となりたるか、然らず、唯罪が罪と明に顕れん為に、善なるものを以て我に死を來し、掟によりて甚罪深きものとなるに至りしなり。
تەۋرات قانۇنىنىڭ «روھقا تەۋە» ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىراق مەن بولسام «ئەتكە تەۋە»دۇرمەن، دېمەك گۇناھقا قۇلدەك سېتىلغانمەن. | 14 |
我等律法の霊的なる事を知る、然れど我は肉的にして罪の下に売られたる者なり。
چۈنكى نېمە قىلىۋاتقىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. چۈنكى ئۆزۈم نىيەت قىلغان ئىشلارنى قىلمايمەن؛ ئەكسىچە، نەپرەتلىنىدىغىنىمنى قىلىمەن. | 15 |
蓋我が行ふ所は我之を知らず、其は志す善は之を為さずして、厭ふ惡は之を為せばなり。
لېكىن ئەگەر ئۆزۈم خالىمىغان ئىشلارنى قىلسام، ئۆزۈم قانۇننىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولىمەن. | 16 |
斯て我厭ふ事を為せば、律法と同意して自ら之を善なりとす、
شۇنداق ئىكەن، بۇ ئىشلارنى مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە مەۋجۇت بولغان گۇناھ قىلدۇرىدۇ. | 17 |
然れば今之を行ふ者は、最早我に非ずして我に宿れる罪なり。
ئىچىمدە، يەنى مېنىڭ ئەتلىرىمدە ھېچ ياخشىلىقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلىمەن؛ چۈنكى ياخشىلىق قىلىش نىيىتىم بار بولسىمۇ، ئۇنى قىلالمايمەن. | 18 |
蓋我之を知れり、善は我に、即ち我肉に宿れるに非ず、其は志す事我に近しと雖も、善を全うすることを得ず、
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈم خالىغان ياخشىلىقنى قىلماي، ئەكسىچە خالىمىغان يامانلىقنى قىلىمەن. | 19 |
志す善は之を為さず、厭ふ惡は却て之を為せばなり。
ئۆزۈم نىيەت قىلمىغان ئىشنى قىلسام، بۇنى قىلىدىغان مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە ماكان قىلغان گۇناھتۇر. | 20 |
斯て我自ら厭ふ事を為せば、最早之を行ふ者は、我に非ずして我に宿れる罪なり。
بۇنىڭدىن ئۆزۈمدىكى شۇنداق بىر قانۇنىيەتنى بايقايمەنكى، ياخشىلىقنى قىلماقچى بولغىنىمدا، يامانلىق ھامان ئىچىمدە ماڭا ھەمراھ بولىدۇ. | 21 |
然れば我善を為さんとする時は、法として、惡の我に近きを覚ゆ。
قەلبىمدە خۇدانىڭ قانۇنىدىن سۆيۈنىمەن؛ | 22 |
蓋精神に由りては神の律法を悦ぶと雖も、
بىراق تېنىمدىكى ئەزالىرىمدا باشقا بىر قانۇنىيەتنى سېزىمەن. بۇ قانۇنىيەت قەلبىمدىكى قانۇن بىلەن جەڭ قىلىپ، مېنى تېنىمدىكى ئەزالىرىمدىكى گۇناھ سادىر قىلدۇرغۇچى قانۇنىيەتكە ئەسىر قىلىدۇ. | 23 |
我五體に外の法ありて、我精神の法に敵對し、我を虜にして五體に在る法に從はしむるを認む。
نېمىدېگەن دەردمەن ئادەممەن-ھە! ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان بۇ تېنىمدىن كىممۇ مېنى قۇتقۇزار؟ | 24 |
嗚呼我は不幸の人なる哉、誰か此死の肉體より我を救ふべきぞ、
رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا تەشەككۈر بولسۇن! شۇنداق قىلىپ، قەلبىم بىلەن خۇدانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىمەن، لېكىن ئەتلىرىمدە گۇناھ سادىر قىلدۇرغۇچى قانۇنىيەتكە ئىتائەت قىلىمەن. | 25 |
我主イエズス、キリストに由れる神の恩寵是なり。故に我は自ら精神に由りては神の律法に事へ、肉身に由りては罪の法に仕ふ。