< رىملىقلارغا 7 >

ئى قېرىنداشلار، مەن ھازىر تەۋرات قانۇنىنى بىلگەنلەرگە سۆزلەۋاتىمەن؛ سىلەر قانۇننىڭ پەقەت ھايات ۋاقتىدىلا ئىنسان ئۈستىگە ھۆكۈمران بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ 1
Or do you not know, brothers (for I speak to those who know the law), that the law has authority over a person for as long as he lives?
مەسىلەن، ئېرى بار ئايال، ئېرى ھاياتلا بولىدىكەن، قانۇن بويىچە ئېرىگە باغلانغان؛ لېكىن ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، [ئۆزىنى ئېرىگە باغلىغان] نىكاھ قانۇنىدىن ئازاد قىلىنىدۇ. 2
For the married woman is bound by law to her husband as long as he lives. But if her husband dies, she is released from the law concerning the husband.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئايال ئېرى ھايات ۋاقتىدا باشقا بىر ئەرگە باغلانسا، زىناخور ئايال دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ [نىكاھ] قانۇنىدىن ئەركىن بولىدۇ؛ شۇ چاغدا باشقا بىر ئەرگە تەگسە، زىنا قىلغان بولمايدۇ. 3
So then if, while the husband lives, she is joined to another man, she is called an adulteress. But if the husband dies, she is free from the law, so that she is not an adulteress, though she is joined to another man.
خۇددى شۇنىڭدەك، قېرىنداشلار، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ [قۇربانلىق] تېنى ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈڭلار. بۇنىڭ مەقسىتى سىلەرنىڭ باشقا بىرسىگە، يەنى ئۆلۈمدىن تىرىلگۈچىگە باغلىنىشىڭلار ۋە شۇنىڭ بىلەن خۇداغا مېۋە بېرىشىڭلاردىن ئىبارەتتۇر. 4
Therefore, my brothers, you also were made dead to the law through the body of Christ, that you would be joined to another, to him who was raised from the dead, that we may bear fruit to God.
چۈنكى بىز «ئەت»نىڭ ئىلكىدە ۋاقتىمىزدا، تەۋرات قانۇنى گۇناھنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى تېخىمۇ قوزغاپ، تېنىمىزدىكى ئەزالاردا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان مېۋىنى چىقارغانىدى؛ 5
For when we were in the flesh, the sinful passions which were through the law, worked in our members to bring forth fruit for death.
لېكىن، ھازىر بىز تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدىن ئەركىن بولدۇق. چۈنكى ئۆزىمىزنى بوغۇپ تۇرىدىغان بۇ قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن بولۇپ، قانۇننىڭ دەستۇرىنىڭ كونا يولىدا ئەمەس، بەلكى روھنىڭ يېڭى يولىدا [خۇدانىڭ] قۇللۇقىدا بولىمىز. 6
But now we have been released from the law, having died to that which held us captive, so that we serve in newness of the Spirit, and not in oldness of the letter.
ئۇنداقتا نېمە دېگۈلۈك؟ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆزى گۇناھمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! دەرۋەقە، قانۇننىڭ كۆرسەتمىلىرى بولمىسا، گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. قانۇن «نەپسانىيەتچىلىك قىلما» دېمىگەن بولسا، نەپسانىيەتچىلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولاتتىم. 7
What should we say then? Is the law sin? Absolutely not. However, I would not have known sin, except through the law. For I would not have known covetousness, unless the law had said, "Do not covet."
لېكىن گۇناھ قانۇننىڭ ئەمرى ئارقىلىق پۇرسەت تېپىپ، ئىچىمدە ھەرخىل نەپسانىيەتچىلىكلەرنى قوزغىدى. تەۋرات قانۇنى بولمىسا، گۇناھمۇ ئۆلۈكتەك جانسىز بولاتتى. 8
But sin, taking opportunity through the commandment, produced in me all kinds of covetousness. For apart from the law, sin is dead.
بىر چاغلاردا قانۇننىڭ سىرتىدا ياشىغىنىمدا ھايات ئىدىم، لېكىن قانۇن ئەمرىنى بىلىشىم بىلەنلا، گۇناھمۇ جانلىنىپ، مېنى ئۆلۈمگە ئېلىپ باردى. 9
I was alive apart from the law once, but when the commandment came, sin became alive, and I died.
ئەسلىدە كىشىگە ھاياتلىق ئېلىپ كەلسۇن دەپ بۇيرۇلغان قانۇننىڭ ئەمرى ئەكسىچە ماڭا ئۆلۈم ئېلىپ كەلدى. 10
The commandment, which was for life, this I found to be for death;
چۈنكى گۇناھ قانۇننىڭ ئەمرى بىلەن ھۇجۇم پۇرسىتىنى تېپىپ، مېنى ئازدۇردى ۋە ئەمر ئارقىلىق مېنى ئۆلتۈردى. 11
for sin, taking the opportunity through the commandment, deceived me, and through it killed me.
بۇنىڭدىن قارىغاندا قانۇن ھەقىقەتەن پاك-مۇقەددەستۇر، ئۇنىڭ ئەمرىمۇ مۇقەددەس، توغرا-ئادالەتلىك ۋە ياخشىدۇر. 12
Therefore the law indeed is holy, and the commandment holy, and righteous, and good.
ئۇنداقتا، ياخشى بولغىنى ماڭا ئۆلۈم بولدىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! بەلكى، گۇناھنىڭ قەۋەتلا قەبىھ ئىكەنلىكى ئەمر ئارقىلىق ئوچۇق ئاشكارىلىنىشى ئۈچۈن، بۇ ياخشى ئەمرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن گۇناھ مەندە ئۆلۈم پەيدا قىلدى. 13
Did that which is good, then, become death to me? Absolutely not. But sin, that it might be shown to be sin, by working death to me through that which is good; that through the commandment sin might become exceeding sinful.
تەۋرات قانۇنىنىڭ «روھقا تەۋە» ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىراق مەن بولسام «ئەتكە تەۋە»دۇرمەن، دېمەك گۇناھقا قۇلدەك سېتىلغانمەن. 14
For we know that the law is spiritual, but I am fleshly, sold under sin.
چۈنكى نېمە قىلىۋاتقىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. چۈنكى ئۆزۈم نىيەت قىلغان ئىشلارنى قىلمايمەن؛ ئەكسىچە، نەپرەتلىنىدىغىنىمنى قىلىمەن. 15
For I do not know what I am doing. For I do not practice what I desire to do; but what I hate, that I do.
لېكىن ئەگەر ئۆزۈم خالىمىغان ئىشلارنى قىلسام، ئۆزۈم قانۇننىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولىمەن. 16
But if I do what I do not want to do, I agree with the law that it is good.
شۇنداق ئىكەن، بۇ ئىشلارنى مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە مەۋجۇت بولغان گۇناھ قىلدۇرىدۇ. 17
So now it is no more I that do it, but sin which dwells in me.
ئىچىمدە، يەنى مېنىڭ ئەتلىرىمدە ھېچ ياخشىلىقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلىمەن؛ چۈنكى ياخشىلىق قىلىش نىيىتىم بار بولسىمۇ، ئۇنى قىلالمايمەن. 18
For I know that in me, that is, in my flesh, dwells no good thing. For the desire is present in me, but the doing of the good is not.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈم خالىغان ياخشىلىقنى قىلماي، ئەكسىچە خالىمىغان يامانلىقنى قىلىمەن. 19
For the good which I desire, I do not do; but the evil which I do not desire, that I practice.
ئۆزۈم نىيەت قىلمىغان ئىشنى قىلسام، بۇنى قىلىدىغان مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە ماكان قىلغان گۇناھتۇر. 20
But if what I do not desire, that I do, it is no more I that do it, but sin which dwells in me.
بۇنىڭدىن ئۆزۈمدىكى شۇنداق بىر قانۇنىيەتنى بايقايمەنكى، ياخشىلىقنى قىلماقچى بولغىنىمدا، يامانلىق ھامان ئىچىمدە ماڭا ھەمراھ بولىدۇ. 21
I find then the law, that, to me, while I desire to do good, evil is present.
قەلبىمدە خۇدانىڭ قانۇنىدىن سۆيۈنىمەن؛ 22
For I delight in God's law in my inner being,
بىراق تېنىمدىكى ئەزالىرىمدا باشقا بىر قانۇنىيەتنى سېزىمەن. بۇ قانۇنىيەت قەلبىمدىكى قانۇن بىلەن جەڭ قىلىپ، مېنى تېنىمدىكى ئەزالىرىمدىكى گۇناھ سادىر قىلدۇرغۇچى قانۇنىيەتكە ئەسىر قىلىدۇ. 23
but I see a different law in my members, warring against the law of my mind, and bringing me into captivity under the law of sin which is in my members.
نېمىدېگەن دەردمەن ئادەممەن-ھە! ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان بۇ تېنىمدىن كىممۇ مېنى قۇتقۇزار؟ 24
What a wretched man I am. Who will deliver me out of the body of this death?
رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا تەشەككۈر بولسۇن! شۇنداق قىلىپ، قەلبىم بىلەن خۇدانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىمەن، لېكىن ئەتلىرىمدە گۇناھ سادىر قىلدۇرغۇچى قانۇنىيەتكە ئىتائەت قىلىمەن. 25
Thanks be to God through Jesus Christ, our Lord. So then with the mind, I myself serve God's law, but with the flesh, the sin's law.

< رىملىقلارغا 7 >