< رىملىقلارغا 6 >
ئۇنداقتا، نېمە دېگۈلۈك؟ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى تېخىمۇ ئاشسۇن دەپ گۇناھ ئىچىدە ياشاۋېرەمدۇق؟ | 1 |
Undaⱪta, nemǝ degülük? Hudaning meⱨir-xǝpⱪiti tehimu axsun dǝp gunaⱨ iqidǝ yaxawerǝmduⱪ?
ياق، ھەرگىز! گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلگەن بىزلەر قانداقمۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ياشاۋېرىمىز؟ | 2 |
Yaⱪ, ⱨǝrgiz! Gunaⱨⱪa nisbǝtǝn ɵlgǝn bizlǝr ⱪandaⱪmu uning iqidǝ yaxawerimiz?
ياكى سىلەر بىلمەمسىلەر؟ ھەرقايسىمىز مەسىھ ئەيساغا كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلگەن بولساق، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىچىگە چۆمۈلدۈرۈلدۇق؟ | 3 |
Yaki silǝr bilmǝmsilǝr? Ⱨǝrⱪaysimiz Mǝsiⱨ Əysaƣa kirixkǝ qɵmüldürülgǝn bolsaⱪ, Uning ɵlümi iqigǝ qɵmüldürülduⱪ?
بىز چۆمۈلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىچىگە كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆمۈلدۇق؛ بۇنىڭ مەقسىتى، مەسىھ ئاتىنىڭ شان-شەرىپى ئارقىلىق ئۆلۈمدىن تىرىلگىنىدەك، بىزنىڭمۇ يېڭى ھاياتتا مېڭىشىمىز ئۈچۈندۇر. | 4 |
Biz qɵmüldürüx arⱪiliⱪ Uning ɵlümi iqigǝ kirip, Uning bilǝn billǝ kɵmülduⱪ; buning mǝⱪsiti, Mǝsiⱨ Atining xan-xǝripi arⱪiliⱪ ɵlümdin tirilginidǝk, bizningmu yengi ⱨayatta mengiximiz üqündur.
چۈنكى [مەسىھنىڭ] ئۆلۈمىگە ئوخشاش بىر ئۆلۈمدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باغلانغانىكەنمىز، ئەمدى بىز چوقۇم ئۇنىڭ تىرىلىشىگە ئوخشاش بىر تىرىلىشتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىمىز. | 5 |
Qünki [Mǝsiⱨning] ɵlümigǝ ohxax bir ɵlümdǝ Uning bilǝn birgǝ baƣlanƣanikǝnmiz, ǝmdi biz qoⱪum Uning tirilixigǝ ohxax bir tirilixtimu Uning bilǝn birgǝ bolimiz.
شۇنى بىلىمىزكى، گۇناھنىڭ ماكانى بولغان تېنىمىز كاردىن چىقىرىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدا يەنە بولماسلىقىمىز ئۈچۈن، «كونا ئادەم»ىمىز مەسىھ بىلەن بىللە كرېستلىنىپ ئۆلگەن | 6 |
Xuni bilimizki, gunaⱨning makani bolƣan tenimiz kardin qiⱪirilip, gunaⱨning ⱪulluⱪida yǝnǝ bolmasliⱪimiz üqün, «kona adǝm»imiz Mǝsiⱨ bilǝn billǝ krestlinip ɵlgǝn
(چۈنكى ئۆلگەن كىشى گۇناھتىن خالاس بولغان بولىدۇ). | 7 |
(qünki ɵlgǝn kixi gunaⱨtin halas bolƣan bolidu).
مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەن بولساق، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ياشايدىغانلىقىمىزغىمۇ ئىشىنىمىز. | 8 |
Mǝsiⱨ bilǝn billǝ ɵlgǝn bolsaⱪ, uning bilǝn tǝng yaxaydiƣanliⱪimizƣimu ixinimiz.
چۈنكى مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن قايتا ئۆلمەيدىغانلىقى، ئۆلۈمنىڭ ئەمدى ئۇنىڭ ئۈستىدىن يەنە ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدىغانلىقى بىزگە مەلۇم. | 9 |
Qünki Mǝsiⱨning ɵlümdin tirilgǝndin keyin ⱪayta ɵlmǝydiƣanliⱪi, ɵlümning ǝmdi Uning üstidin yǝnǝ ⱨɵkümranliⱪ ⱪilalmaydiƣanliⱪi bizgǝ mǝlum.
چۈنكى ئۇنىڭ ئۆلۈمى، ئۇ گۇناھنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن پەقەت بىر قېتىملىق ئۆلدى؛ ئۇنىڭ ھازىر ياشاۋاتقان ھاياتى بولسا، ئۇ خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتقان ھاياتتۇر. | 10 |
Qünki Uning ɵlümi, U gunaⱨni bir tǝrǝp ⱪilix üqün pǝⱪǝt bir ⱪetimliⱪ ɵldi; Uning ⱨazir yaxawatⱪan ⱨayati bolsa, U Hudaƣa yüzlinip yaxawatⱪan ⱨayattur.
شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلگەن، ئەمما مەسىھ ئەيسادا بولۇپ خۇداغا يۈزلىنىپ تىرىك دەپ ھېسابلاڭلار. | 11 |
Xuningƣa ohxax, silǝrmu ɵzünglarni gunaⱨⱪa nisbǝtǝn ɵlgǝn, ǝmma Mǝsiⱨ Əysada bolup Hudaƣa yüzlinip tirik dǝp ⱨesablanglar.
شۇڭا گۇناھنىڭ ئۆلىدىغان تېنىڭلاردا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا يول قويماڭلار، ئۇنىڭ رەزىل ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە بويسۇنماڭلار، | 12 |
Xunga gunaⱨning ɵlidiƣan teninglarda ⱨɵkümranliⱪ ⱪilixiƣa yol ⱪoymanglar, uning rǝzil arzu-ⱨǝwǝslirigǝ boysunmanglar,
شۇنىڭدەك تېنىڭلارنىڭ ھېچ ئەزاسىنى ھەققانىيەتسىزلىققا قورال قىلىپ گۇناھقا تۇتۇپ بەرمەڭلار. ئەكسىچە، ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەنلەردەك، ئۆزۈڭلارنى خۇداغا ئاتاڭلار ھەمدە تېنىڭلاردىكى ئەزالارنى ھەققانىيەتنىڭ قورالى قىلىپ خۇداغا ئاتاڭلار. | 13 |
xuningdǝk teninglarning ⱨeq ǝzasini ⱨǝⱪⱪaniyǝtsizliⱪⱪa ⱪoral ⱪilip gunaⱨⱪa tutup bǝrmǝnglar. Əksiqǝ, ɵlümdin tirildürülgǝnlǝrdǝk, ɵzünglarni Hudaƣa atanglar ⱨǝmdǝ teninglardiki ǝzalarni ⱨǝⱪⱪaniyǝtning ⱪorali ⱪilip Hudaƣa atanglar.
گۇناھ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا ھېچ ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ؛ چۈنكى سىلەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ئاستىدا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىسىلەر. | 14 |
Gunaⱨ silǝrning üstünglarƣa ⱨeq ⱨɵkümranliⱪ ⱪilmaydu; qünki silǝr Tǝwrat ⱪanunining astida ǝmǝs, bǝlki Hudaning meⱨir-xǝpⱪiti astida yaxawatisilǝr.
ئۇنداقتا، قانداق قىلىش كېرەك؟ قانۇننىڭ ئاستىدا ئەمەس، مېھىر-شەپقەت ئاستىدا بولغانلىقىمىز ئۈچۈن گۇناھ سادىر قىلىۋەرسەك بولامدۇ؟ ياق، ھەرگىز! | 15 |
Undaⱪta, ⱪandaⱪ ⱪilix kerǝk? Ⱪanunning astida ǝmǝs, meⱨir-xǝpⱪǝt astida bolƣanliⱪimiz üqün gunaⱨ sadir ⱪiliwǝrsǝk bolamdu? Yaⱪ, ⱨǝrgiz!
ئۆزلىرىڭلارنى ئىتائەتمەن قۇللاردەك بىرىگە تۇتۇپ بەرسەڭلار، شۇ كىشىنىڭ قۇلى بولغانلىقىڭلارنى بىلمەمسىلەر ــ ياكى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان گۇناھنىڭ قۇللىرى، ياكى خۇدا ئالدىدا ھەققانىيلىققا ئېلىپ بارىدىغان ئىتائەتمەنلىكنىڭ قۇللىرى بولۇشۇڭلار مۇخەررەر. | 16 |
Ɵzliringlarni itaǝtmǝn ⱪullardǝk birigǝ tutup bǝrsǝnglar, xu kixining ⱪuli bolƣanliⱪinglarni bilmǝmsilǝr — yaki ɵlümgǝ elip baridiƣan gunaⱨning ⱪulliri, yaki Huda aldida ⱨǝⱪⱪaniyliⱪⱪa elip baridiƣan itaǝtmǝnlikning ⱪulliri boluxunglar muⱪǝrrǝr?
خۇداغا تەشەككۈر! بۇرۇن گۇناھنىڭ قۇلى بولغانسىلەر، بىراق [مەسىھنىڭ] تەلىمىگە باشلىنىپ، بۇ تەلىم كۆرسەتكەن نەمۇنىگە چىن دىلىڭلاردىن ئىتائەت قىلدىڭلار. | 17 |
Hudaƣa tǝxǝkkür! Burun gunaⱨning ⱪuli bolƣansilǝr, biraⱪ [Mǝsiⱨning] tǝlimigǝ baxlinip, bu tǝlim kɵrsǝtkǝn nǝmunigǝ qin dilinglardin itaǝt ⱪildinglar.
سىلەر گۇناھنىڭ كۈچىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، ھەققانىيلىقنىڭ قۇللىرى بولدۇڭلار. | 18 |
Silǝr gunaⱨning küqidin ⱪutuldurulup, ⱨǝⱪⱪaniyliⱪning ⱪulliri boldunglar.
ئەتلىرىڭلار ئاجىز بولغاچقا، سىلەرگە ئىنسانچە سۆزلەۋاتىمەن: ــ ئىلگىرى سىلەر تەن ئەزايىڭلارنى ناپاك ئىشلارغا ۋە ئەخلاقسىزلىققا قۇللاردەك تۇتۇپ بېرىشىڭلار بىلەن تېخىمۇ ئەخلاقسىزلىقلارنى قىلغاندەك، ئەمدى ھازىر تەن-ئەزالىرىڭلارنى پاك-مۇقەددەسلىككە باشلايدىغان ھەققانىيلىققا قۇللاردەك تۇتۇپ بېرىڭلار. | 19 |
Ətliringlar ajiz bolƣaqⱪa, silǝrgǝ insanqǝ sɵzlǝwatimǝn: — ilgiri silǝr tǝn ǝzayinglarni napak ixlarƣa wǝ ǝhlaⱪsizliⱪⱪa ⱪullardǝk tutup berixinglar bilǝn tehimu ǝhlaⱪsizliⱪlarni ⱪilƣandǝk, ǝmdi ⱨazir tǝn-ǝzaliringlarni pak-muⱪǝddǝslikkǝ baxlaydiƣan ⱨǝⱪⱪaniyliⱪⱪa ⱪullardǝk tutup beringlar.
سىلەر گۇناھنىڭ قۇللىرى بولغان ۋاقتىڭلاردا، ھەققانىيلىقنىڭ ئىلكىدە ئەمەس ئىدىڭلار. | 20 |
Silǝr gunaⱨning ⱪulliri bolƣan waⱪtinglarda, ⱨǝⱪⱪaniyliⱪning ilkidǝ ǝmǝs idinglar.
ھازىر نومۇس دەپ قارىغان بۇرۇنقى ئىشلاردىن شۇ چاغدا سىلەر زادى قانداق مېۋە كۆردۈڭلار؟ ئۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋېتى ئۆلۈمدۈر. | 21 |
Ⱨazir nomus dǝp ⱪariƣan burunⱪi ixlardin xu qaƣda silǝr zadi ⱪandaⱪ mewǝ kɵrdünglar? U ixlarning aⱪiweti ɵlümdür.
بىراق، ھازىر سىلەر گۇناھتىن ئەركىن قىلىنىپ، خۇدانىڭ قۇللىرى بولغان ئىكەنسىلەر، سىلەردە ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەسلىككە ئېلىپ بارىدىغان مېۋە بار، ئۇنىڭ نەتىجىسى مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر. (aiōnios ) | 22 |
Biraⱪ, ⱨazir silǝr gunaⱨtin ǝrkin ⱪilinip, Hudaning ⱪulliri bolƣan ikǝnsilǝr, silǝrdǝ ɵzünglarni pak-muⱪǝddǝslikkǝ elip baridiƣan mewǝ bar, uning nǝtijisi mǝnggülük ⱨayattur. (aiōnios )
چۈنكى گۇناھنىڭ ئىش ھەققى يەنىلا ئۆلۈمدۇر، بىراق خۇدانىڭ رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان سوۋغىتى بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر. (aiōnios ) | 23 |
Qünki gunaⱨning ix ⱨǝⱪⱪi yǝnila ɵlümdur, biraⱪ Hudaning Rǝbbimiz Mǝsiⱨ Əysada bolƣan sowƣiti bolsa mǝnggülük ⱨayattur. (aiōnios )