< رىملىقلارغا 5 >
شۇڭا ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنغان ئىكەنمىز، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتتە بولىمىز. | 1 |
BEING justified therefore by faith, we have peace with God through our Lord Jesus Christ:
ئۇ ئارقىلىق ئېتىقاد يولىدا بىزنى چىڭ تۇرغۇزىدىغان بۇ مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئىچىگە كىرىش ھوقۇقىغا مۇيەسسەر بولدۇق، شۇنىڭدەك خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە باغلىغان ئۈمىدىمىزدىن شاد-خۇرام بولىمىز. | 2 |
by whom also we have had an introduction through faith into this grace in which we have stood fast, and are rejoicing in hope of the glory of God.
شۇنداق بولۇپلا قالماي، مۈشكۈل ئەھۋاللار ئىچىدە شادلىنىمىز؛ چۈنكى مۈشكۈللۈك سەۋرچانلىقنى، سەۋرچانلىق چىداملىقنى، چىداملىق ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ بىلىمىز. | 3 |
And not only so, but we glory also in tribulations: knowing that tribulation produceth patience;
and patience, proof; and proof, hope;
ۋە بۇ ئۈمىد بىزنى يەرگە قارىتىپ قويمايدۇ، چۈنكى بىزگە ئاتا قىلىنغان مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئاللىبۇرۇن قەلبىمىزگە قۇيۇلۇپ ئېشىپ تاشتى. | 5 |
and hope doth not make us ashamed; because the love of God is poured out into our hearts by the Holy Ghost which is given to us.
چۈنكى بىز پەقەت ئامالسىز قالغىنىمىزدا، مەسىھ بىز ئىخلاسسىزلار ئۈچۈن [خۇدا] بېكىتكەن ۋاقىتتا ئۆزىنى پىدا قىلدى. | 6 |
For even then when we were without strength, Christ died in due time for the ungodly.
بىرسىنىڭ ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئىش؛ بەزىدە ياخشى ئادەم ئۈچۈن بىرسى پىدا بولۇشقا جۈرئەت قىلىشىمۇ مۇمكىن؛ | 7 |
For scarcely for a righteous person will any one die: though for a good man perhaps some one might even dare to die.
لېكىن خۇدا ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى بىزگە شۇنىڭدا كۆرسىتىدۇكى، بىز تېخى گۇناھكار ۋاقتىمىزدا، مەسىھ بىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلدى. | 8 |
But God commendeth his own love towards us, that, though we were yet sinners, Christ died in our stead.
ھازىر بىز ئۇنىڭ قېنى بىلەن ھەققانىي قىلىنغان ئىكەنمىز، ئەمدى ئۇ ئارقىلىق [كېلىدىغان] غەزەپتىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ جەزمەندۇر. | 9 |
Therefore much more, being justified already by his blood, shall we be saved by him from wrath.
چۈنكى بۇرۇن خۇداغا دۈشمەن بولغان بولساقمۇ، ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق بىزنى ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرغان يەردە، ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەمدى [ئوغلىنىڭ] ھاياتى ئارقىلىق بىز تېخىمۇ قۇتۇلدۇرۇلمامدۇق؟! | 10 |
For if, being enemies, we have been reconciled to God by the death of his son, much more, having been reconciled, shall we be saved by his life.
بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ھازىر بىز رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلدۇق، ئۇ ئارقىلىقمۇ خۇدانىڭ ئۆزىدىن شادلىنىمىز. | 11 |
And not so only, but we exult in God through our Lord Jesus Christ, through whom already we have received reconciliation.
شۇنىڭدەك، گۇناھنىڭ دۇنياغا كىرىشى بىرلا ئادەم ئارقىلىق بولدى، ئۆلۈمنىڭ دۇنياغا كىرىشى گۇناھ ئارقىلىق بولدى؛ شۇنىڭ بىلەن گۇناھ ئارقىلىق ئۆلۈم ھەممە ئادەمگە تارقالدى؛ چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلدى | 12 |
Therefore, as by one man sin entered into the world, and by sin death; even so death passed into all men through him, in whom all have sinned.
(چۈنكى تەۋرات قانۇنىدىن ئىلگىرىمۇ گۇناھ دۇنيادا بار ئىدى، ئەلۋەتتە؛ ھالبۇكى، قانۇن بولمىسا گۇناھنىڭ ھېسابى ئېلىنمايدۇ. | 13 |
For until the law sin was in the world: but sin is not imputed if there be no law.
شۇنداقتىمۇ، ئۆلۈم ئادەمئاتا ۋاقتىدىن مۇسا پەيغەمبەر ۋاقتىغىچە ئىنسانلارغىمۇ ھۆكۈم سۈردى؛ ئۇلار گەرچە ئادەمئاتىنىڭ سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكىدەك گۇناھ سادىر قىلمىغان بولسىمۇ، بۇ ئىنسانلارمۇ ئۆلۈم ھۆكۈمىدىن خالىي بولمىدى). ئادەمئاتىنىڭ ئۆزى ــ كېيىن كېلىدىغان مەسىھنىڭ بىر بېشارەتلىك ئۈلگسىدۇر؛ | 14 |
But death reigned from Adam unto Moses, even over those who have not sinned after the similitude of the transgression of Adam, who is a type of him that was to come.
ھالبۇكى، [خۇدانىڭ] شاپائەتلىك سوۋغىتى ئادەمئاتىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىدۇر. چۈنكى بىرلا ئادەمنىڭ ئىتائەتسىزلىكى بىلەن نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن بولسا، ئەمدى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە شۇنىڭدەك بىرلا ئادەم، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق كەلگەن سوۋغات ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاچقا، نۇرغۇن ئادەمگە يەتكۈزۈلۈپ تېخىمۇ زور نەتىجە ھاسىل قىلدى! | 15 |
But not as the transgression, so also is the gift. For if by the transgression of one the many became dead, much more the grace of God, and the gift by grace, which is in that one man, Christ Jesus, hath abounded unto many.
شۇ شاپائەتلىك سوۋغاتنىڭ نەتىجىسى بولسا، شۇ بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنىڭ ئاقىۋىتىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىم ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكىدىن چىقارغان ھۆكۈم ئىنسانلارنى گۇناھكار دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما شۇ شاپائەتلىك سوۋغات بولسا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن ئىتائەتسىزلىكلىرىدىن «ھەققانىي قىلىنىش»قا ئېلىپ بارىدۇ. | 16 |
And the gift is not as for one who sinned: for the judgment indeed came by one to condemnation, but the free gift leads to justification from many offences.
ئەمدى بىر ئادەمنىڭ ئىتائەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن، ئەنە شۇ بىر ئادەم ئارقىلىق ئۆلۈم ھۆكۈمران بولغان يەردە، [خۇدانىڭ] مول مېھىر-شەپقىتىنى، شۇنداقلا ھەققانىيلىق بولغان شاپائەتلىك سوۋغىتىنى قوبۇل قىلغانلار بىر ئادەم، يەنى شۇ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتتا شۇنچە غالىبانە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار بولمامدۇ! | 17 |
For if by the offence of one, death reigned by that one; much more they who receive the abundance of grace, and of the gift of righteousness, shall reign in life by one, Christ Jesus.
شۇڭا، بىر قېتىملىق ئىتائەتسىزلىك تۈپەيلىدىن بارلىق ئىنسانلار گۇناھنىڭ جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان بولسا، ئوخشاشلا بىر قېتىملىق ھەققانىي ئەمەل بىلەن ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان ھەققانىيلىق پۈتكۈل ئىنسانلارغا يەتكۈزۈلگەن. | 18 |
Well then, as by the offence of one, judgment issued against all men unto condemnation; so also by the righteousness of one, the gift came to all men for justification unto life.
بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق ئىتائەتسىزلىكى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر دەرۋەقە گۇناھكار قىلىنىپ بېكىتىلگەندەك، بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق ئىتائەتمەنلىكى بىلەنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ھەققانىي قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ. | 19 |
For as by the disobedience of one man the many were constituted sinners; so also by the obedience of one shall the many be constituted righteous.
ئەمدى تەۋرات قانۇنى ئىنساننىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرى كۆپرەك ئاشكارلىنىپ بىلىنسۇن دەپ كىرگۈزۈلگەنىدى. لېكىن گۇناھ قەيەردە كۆپەيگەن بولسا، [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتىمۇ شۇ يەردە تېخىمۇ ئېشىپ تاشتى. | 20 |
But the law was introduced, that the offence might be more abundant. But where sin had abounded, there hath grace abounded more exceedingly:
شۇنىڭدەك، گۇناھ [ئىنسانىيەتنىڭ] ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ [ئۇلارنى] ئۆلۈمگە ئېلىپ بارغىنىدەك، [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتى ھەققانىيلىققا ئاساسلىنىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئىنساننى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ. (aiōnios ) | 21 |
that as sin had reigned by death, even so might grace reign through righteousness unto life eternal by Jesus Christ our Lord. (aiōnios )