< رىملىقلارغا 4 >
ئۇنداقتا، بىز [يەھۇدىيلارنىڭ] جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ئېرىشكىنى توغرىسىدا نېمە دەيمىز؟ | 1 |
Τί οὖν ἐροῦμεν Ἀβραὰμ τὸν πατέρα ἡμῶν εὑρηκέναι κατὰ σάρκα;
ئەگەر ئىبراھىم ئەمەللىرى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلانغان بولسا، ئۇنىڭدا ماختانغۇدەك ئىش بولاتتى (بەرىبىر خۇدانىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ماختىنىش ھەققى يوق ئىدى). | 2 |
Εἰ γὰρ Ἀβραὰμ ἐξ ἔργων ἐδικαιώθη, ἔχει καύχημα, ἀλλ᾽ οὐ πρὸς τὸν Θεόν.
چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا نېمە دېيىلگەن؟ ــ «ئىبراھىم خۇداغا ئېتىقاد قىلدى؛ بۇ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى» دېيىلىدۇ. | 3 |
Τί γὰρ ἡ γραφὴ λέγει; Ἐπίστευσε δὲ Ἀβραὰμ τῷ Θεῷ, καὶ ἐλογίσθη αὐτῷ εἰς δικαιοσύνην.
ئىشلىگۈچىگە بېرىلىدىغان ھەق «مېھىر-شەپقەت» ھېسابلانمايدۇ، بەلكى بىرخىل «قەرز قايتۇرۇش» ھېسابلىنىدۇ. | 4 |
Τῷ δὲ ἐργαζομένῳ ὁ μισθὸς οὐ λογίζεται κατὰ χάριν, ἀλλὰ κατὰ ὀφείλημα.
بىراق، ھېچ ئىش-ئەمەل قىلماي، پەقەت نومۇسسىز گۇناھكارلارنى ھەققانىي قىلغۇچى خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىنىڭ بولسا، ئۇنىڭ ئېتىقادى ھەققانىيلىق دەپ ھېسابلىنىدۇ! | 5 |
Τῷ δὲ μὴ ἐργαζομένῳ, πιστεύοντι δὲ ἐπὶ τὸν δικαιοῦντα τὸν ἀσεβῆ, λογίζεται ἡ πίστις αὐτοῦ εἰς δικαιοσύνην.
خۇدا قىلغان ئەمەللىرىگە قارىماي، ھەققانىي دەپ ھېسابلىغان كىشىنىڭ بەختى توغرۇلۇق داۋۇت [پەيغەمبەرمۇ] مۇنداق دېگەن: ــ | 6 |
Καθάπερ καὶ Δαυὶδ λέγει τὸν μακαρισμὸν τοῦ ἀνθρώπου, ᾧ ὁ Θεὸς λογίζεται δικαιοσύνην χωρὶς ἔργων,
«ئىتائەتسىزلىكلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان، گۇناھلىرى يېپىلغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىكتۇر! | 7 |
Μακάριοι ὧν ἀφέθησαν αἱ ἀνομίαι, καὶ ὧν ἐπεκαλύφθησαν αἱ ἁμαρτίαι.
پەرۋەردىگار گۇناھلىرى بىلەن ھېچ ھېسابلاشمايدىغانلار نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!». | 8 |
Μακάριος ἀνὴρ ᾧ οὐ μὴ λογίσηται Κύριος ἁμαρτίαν.
ئەمدى بەخت يالغۇز خەتنە قىلىنغانلارغىلا مەنسۇپ بولامدۇ، ياكى خەتنە قىلىنمىغانلارغىمۇ مەنسۇپ بولامدۇ؟ چۈنكى: «ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادى ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى دەپ ھېسابلاندى» دەۋاتىمىز. | 9 |
Ὁ μακαρισμὸς οὖν οὗτος ἐπὶ τὴν περιτομήν, ἢ καὶ ἐπὶ τὴν ἀκροβυστίαν; Λέγομεν γὰρ ὅτι Ἐλογίσθη τῷ Ἀβραὰμ ἡ πίστις εἰς δικαιοσύνην.
ھەققانىيلىق قانداق ئەھۋالدا ئۇنىڭغا ھېسابلاندى؟ خەتنە قىلىنىشتىن ئىلگىرىمۇ ياكى خەتنە قىلىنىشتىن كېيىنمۇ؟ ئۇ خەتنە قىلىنغان ھالدا ئەمەس، بەلكى خەتنە قىلىنمىغان ھالدا ھېسابلاندى! | 10 |
Πῶς οὖν ἐλογίσθη; Ἐν περιτομῇ ὄντι, ἢ ἐν ἀκροβυστίᾳ; Οὐκ ἐν περιτομῇ, ἀλλ᾽ ἐν ἀκροβυστίᾳ·
ئۇنىڭ خەتنىنى قوبۇل قىلغىنى بولسا، ئۇنى خەتنە قىلىنىشتىن بۇرۇنلا ئېتىقادى ئارقىلىق ئىگە بولغان ھەققانىيلىققا مۆھۈر بەلگىسى سۈپىتىدە بولغانىدى. دېمەك، ئۇ خەتنىسىز تۇرۇپ خۇداغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاتىسى بولدى ــ ئۇلارمۇ [ئېتىقادى بىلەن] ھەققانىي ھېسابلىنىدۇ! | 11 |
καὶ σημεῖον ἔλαβε περιτομῆς, σφραγῖδα τῆς δικαιοσύνης τῆς πίστεως τῆς ἐν τῇ ἀκροβυστίᾳ· εἰς τὸ εἶναι αὐτὸν πατέρα πάντων τῶν πιστευόντων δι᾽ ἀκροβυστίας, εἰς τὸ λογισθῆναι καὶ αὐτοῖς τὴν δικαιοσύνην·
ئۇ يەنە خەتنە قىلىنغانلارنىڭمۇ ئاتىسىدۇر؛ دېمەك، خەتنە قىلىنغان بولۇشى بىلەن تەڭلا خەتنە قىلىنمىغان ۋاقتىدىمۇ ئېتىقادلىق يول ماڭغان ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ئىزلىرىنى بېسىپ ماڭغانلارنىڭمۇ ئاتىسى بولغاندۇر. | 12 |
καὶ πατέρα περιτομῆς τοῖς οὐκ ἐκ περιτομῆς μόνον, ἀλλὰ καὶ τοῖς στοιχοῦσι τοῖς ἴχνεσι τῆς πίστεως τῆς ἐν τῇ ἀκροβυστίᾳ τοῦ πατρὸς ἡμῶν Ἀβραάμ.
چۈنكى [خۇدانىڭ] ئىبراھىمغا ۋە نەسلىگە دۇنياغا مىراسخور بولۇش توغرىسىدىكى ۋەدە بېرىشى ئىبراھىمنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلگىنىدىن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىقتىن كەلگەن. | 13 |
Οὐ γὰρ διὰ νόμου ἡ ἐπαγγελία τῷ Ἀβραὰμ ἢ τῷ σπέρματι αὐτοῦ, τὸ κληρονόμον αὐτὸν εἶναι τοῦ κόσμου, ἀλλὰ διὰ δικαιοσύνης πίστεως.
چۈنكى ئەگەر قانۇنغا ئىنتىلىدىغانلار مىراسخور بولىدىغان بولسا ئېتىقاد بىكار نەرسە بولۇپ قالاتتى، خۇدانىڭ ۋەدىسىمۇ يوققا چىقىرىلغان بولاتتى. | 14 |
Εἰ γὰρ οἱ ἐκ νόμου κληρονόμοι, κεκένωται ἡ πίστις, καὶ κατήργηται ἡ ἐπαγγελία·
چۈنكى تەۋرات قانۇنى [خۇدانىڭ] غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى قانۇن بولمىسا، ئىتائەتسىزلىك دېگەن ئىشمۇ بولمايدۇ. | 15 |
ὁ γὰρ νόμος ὀργὴν κατεργάζεται· οὗ γὰρ οὐκ ἔστι νόμος, οὐδὲ παράβασις.
شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ۋەدىسىنىڭ [پەقەت] ئۆز مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن، ئۇ ئېتىقادقىلا ئاساسلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋەدە ئىبراھىمنىڭ بارلىق ئەۋلادلىرىغا، پەقەت تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرىدىغانلارغىلا ئەمەس، بەلكى ئىبراھىمچە ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگىمۇ كاپالەتلىك قىلىنغان. چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: «سېنى نۇرغۇن قوۋمنىڭ ئاتىسى قىلدىم» دەپ يېزىلغىنىدەك، ئىبراھىم ھەممىمىزنىڭ ئاتىسىدۇر. دەرھەقىقەت، ئۇ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان، مەۋجۇت بولمىغاننى بار دەپ مەۋجۇت قىلىدىغان، ئۆزى ئېتىغاد باغلىغان خۇدا ئالدىدا ھەممىمىزنىڭ ئاتىسى بولدى. | 16 |
Διὰ τοῦτο ἐκ πίστεως, ἵνα κατὰ χάριν, εἰς τὸ εἶναι βεβαίαν τὴν ἐπαγγελίαν παντὶ τῷ σπέρματι, οὐ τῷ ἐκ τοῦ νόμου μόνον, ἀλλὰ καὶ τῷ ἐκ πίστεως Ἀβραάμ, ὅς ἐστι πατὴρ πάντων ἡμῶν—
καθὼς γέγραπται ὅτι Πατέρα πολλῶν ἐθνῶν τέθεικά σε—κατέναντι οὗ ἐπίστευσε Θεοῦ, τοῦ ζῳοποιοῦντος τοὺς νεκρούς, καὶ καλοῦντος τὰ μὴ ὄντα ὡς ὄντα.
ھېچقانداق ئۈمىد قالمىسىمۇ ئۇ يەنىلا ئۈمىدتە ئېتىقاد قىلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: «سېنىڭ نەسلىڭ [سان-ساناقسىز] بولىدۇ» دەپ ئالدىن ئېيتىلغاندەك نۇرغۇن قوۋمنىڭ ئاتىسى بولدى. | 18 |
Ὃς παρ᾽ ἐλπίδα ἐπ᾽ ἐλπίδι ἐπίστευσεν, εἰς τὸ γενέσθαι αὐτὸν πατέρα πολλῶν ἐθνῶν, κατὰ τὸ εἰρημένον, Οὕτως ἔσται τὸ σπέρμα σου.
ئۇ يۈز ياشقا يېقىنلاپ، تېنىنى ئۆلگەن ھېسابلىسىمۇ، شۇنداقلا ئايالى ساراھنىڭمۇ بالىياتقۇسىنى ئۆلدى دەپ قارىسىمۇ، يەنىلا ئېتىقادتا ئاجىزلاشمىدى؛ | 19 |
Καὶ μὴ ἀσθενήσας τῇ πίστει, οὐ κατενόησε τὸ ἑαυτοῦ σῶμα ἤδη νενεκρωμένον—ἑκατονταέτης που ὑπάρχων—καὶ τὴν νέκρωσιν τῆς μήτρας Σάρρας·
خۇدانىڭ ۋەدىسىگە نىسبەتەن ئېتىقادسىزلىق قىلىپ ھېچ ئىككىلەنمىدى، ئەكسىچە ئۇ ئېتىقادى ئارقىلىق كۈچەيتىلدى ۋە خۇدانى ئۇلۇغلىدى، | 20 |
εἰς δὲ τὴν ἐπαγγελίαν τοῦ Θεοῦ οὐ διεκρίθη τῇ ἀπιστίᾳ, ἀλλ᾽ ἐνεδυναμώθη τῇ πίστει, δοὺς δόξαν τῷ Θεῷ,
«ئۇ نېمىنى ۋەدە قىلغان بولسا شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قۇدرىتىگە ئىگىدۇر» دەپ تولۇق ئىشەندۈرۈلدى. | 21 |
καὶ πληροφορηθεὶς ὅτι ὃ ἐπήγγελται, δυνατός ἐστι καὶ ποιῆσαι.
شۇنىڭ بىلەن بۇ «ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى». | 22 |
Διὸ καὶ ἐλογίσθη αὐτῷ εἰς δικαιοσύνην.
بۇ، «ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى» دېگەن سۆز يالغۇز ئۇنىڭ ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇداغا ئېتىقاد قىلىشىمىز بىلەن ھەققانىي ھېسابلىنىدىغان بىزلەر ئۈچۈنمۇ يېزىلغان؛ [مەسىھ] بولسا ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ئۈچۈن پىدا يولىغا تاپشۇرۇلدى ۋە ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلدى. | 23 |
Οὐκ ἐγράφη δὲ δι᾽ αὐτὸν μόνον, ὅτι ἐλογίσθη αὐτῷ·
ἀλλὰ καὶ δι᾽ ἡμᾶς, οἷς μέλλει λογίζεσθαι, τοῖς πιστεύουσιν ἐπὶ τὸν ἐγείραντα Ἰησοῦν τὸν Κύριον ἡμῶν ἐκ νεκρῶν,
ὃς παρεδόθη διὰ τὰ παραπτώματα ἡμῶν, καὶ ἠγέρθη διὰ τὴν δικαίωσιν ἡμῶν.