< رىملىقلارغا 3 >

ئۇنداقتا، يەھۇدىي بولغاننىڭ يەھۇدىي ئەمەستىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بار؟ خەتنىلىك بولغاننىڭ نېمە پايدىسى بار؟ 1
Quid ergo amplius Iudaeo est? aut quae utilitas circumcisionis?
ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار. بىرىنچىدىن، خۇدانىڭ بېشارەتلىك سۆزلىرى يەھۇدىيلارغا ئامانەت قىلىنغان. 2
Multum per omnem modum. Primum quidem quia credita sunt illis eloquia Dei.
ئەمدى گەرچە ئۇلاردىن بەزىلىرى ئىشەنچسىز چىققان بولسىمۇ، بۇنىڭغا نېمە بولاتتى؟ ئۇلارنىڭ ئىشەنچسىزلىكى خۇدانىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى يوققا چىقىرىۋېتەرمۇ؟ 3
quid enim si quidam illorum non crediderunt? Numquid incredulitas illorum fidem Dei evacuavit? Absit.
ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ! خۇدا راستچىل ھېسابلىنىپ، ھەممە ئادەم يالغانچى ھېسابلانسۇن! خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ھەققىدە] يېزىلغىنىدەك: ــ «سۆزلىگىنىڭدە ئادىل دەپ ئىسپاتلانغايسەن، شىكايەتكە ئۇچرىغىنىڭدا غەلىبە قىلغايسەن». 4
Est autem Deus verax: omnis autem homo mendax, sicut scriptum est: Ut iustificeris in sermonibus tuis: et vincas cum iudicaris.
لېكىن بىزنىڭ ھەققانىيسىزلىقىمىز ئارقىلىق خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىلسە، بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ ھەققانىيسىزلىق ئۈستىگە غەزەپ تۆكىدىغان خۇدانى ھەققانىي ئەمەس دەيمىزمۇ (مەن ئىنسانچە سۆزلەيمەن)؟ 5
Si autem iniquitas nostra iustitiam Dei commendat, quid dicemus? Numquid iniquus est Deus, qui infert iram?
مۇنداق دېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ! ئەگەر ئۇنداق بولسا، خۇدا ئالەمنى قانداق سوراققا تارتىدۇ؟ 6
(secundum hominem dico.) Absit. alioquin quomodo iudicabit Deus hunc mundum?
[بەزىلەر يەنە]: «مېنىڭ يالغانچىلقىمدىن خۇدانىڭ ھەقىقەتلىكى تېخىمۇ ئوچۇق قىلىنسا، شۇنداقلا ئۇلۇغلۇقى تېخىمۇ يورۇتۇلسا، ئەمدى مەن يەنە نېمە ئۈچۈن گۇناھكار دەپ قارىلىپ سوراققا تارتىلىمەن؟» [دېيىشى مۇمكىن]. 7
Si enim veritas Dei in meo mendacio abundavit in gloriam ipsius: quid adhuc et ego tamquam peccator iudicor?
ئۇنداق بولغاندا نېمىشقا (بەزىلەر بىزگە تۆھمەت چاپلىماقچى بولۇپ، گەپلىرىمىزنى بۇرىۋەتكەندەك) «يامانلىق قىلايلى، بۇنىڭدىن ياخشىلىق چىقىپ قالار» ــ دېيىشكە بولمايدۇ؟ بۇنداق دېگۈچىلەرنىڭ جازالىنىشى ھەقلىقتۇر! 8
et non (sicut blasphemamur, et sicut aiunt quidam nos dicere) faciamus mala ut veniant bona: quorum damnatio iusta est.
ئەمدى نېمە دېيىش كېرەك؟ بىز [يەھۇدىيلار] [يەھۇدىي ئەمەسلەردىن] ئۈستۈن تۇرامدۇق؟ ياق، ھەرگىز! چۈنكى بىز يۇقۇرىدا يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلەر بولسۇن ھەممىسىنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ئەيىبلىدۇق. 9
Quid ergo? praecellimus eos? Nequaquam. Causati enim sumus Iudaeos, et Graecos omnes sub peccato esse,
دەرۋەقە، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: ــ «ھەققانىي ئادەم يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر، 10
sicut scriptum est: Quia non est iustus quisquam:
يورۇتۇلغان كىشى يوقتۇر، خۇدانى ئىزدىگىنىمۇ يوقتۇر. 11
non est intelligens, non est requirens Deum.
ھەممە ئادەم يولدىن چەتنىدى، ئۇلارنىڭ بارلىقى ئەرزىمەس بولۇپ چىقتى. مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر. 12
Omnes declinaverunt, simul inutiles facti sunt, non est qui faciat bonum, non est usque ad unum.
ئۇلارنىڭ گېلى ئېچىلغان قەبرىدەك سېسىقتۇر، تىللىرى كاززاپلىق قىلماقتا؛ كوبرا يىلاننىڭ زەھىرى لەۋلىرى ئاستىدا تۇرىدۇ؛ 13
Sepulchrum patens est guttur eorum, linguis suis dolose agebant: Venenum aspidum sub labiis eorum:
ئۇلارنىڭ زۇۋانى قارغاش ھەم زەردىگە تولغان. 14
Quorum os maledictione, et amaritudine plenum est:
«پۇتلىرى قان توكۈشكە ئالدىرايدۇ؛ 15
Veloces pedes eorum ad effundendum sanguinem:
بارغانلا يېرىدە ۋەيرانچىلىق ۋە پاجىئەلىك ئىشلار باردۇر. 16
Contritio, et infelicitas in viis eorum:
تىنچلىق-ئاراملىق يولىنى ئۇلار ھېچ تونۇغان ئەمەس». 17
et viam pacis non cognoverunt:
«ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خۇدادىن قورقىدىغان ئىش يوقتۇر». 18
Non est timor Dei ante oculos eorum.
تەۋراتتىكى بارلىق سۆزلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغانلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقى بىزگە ئايان. بۇلارنىڭ مەقسىتى، ھەر ئىنساننىڭ ئاغزى باھانە كۆرسىتەلمەي تۇۋاقلىنىپ، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر خۇدانىڭ سورىقىدا ئەيىبكار ئىكەن دەپ ئايان قىلىنسۇن، دېگەنلىكتۇر. 19
Scimus autem quoniam quaecumque lex loquitur, iis, qui in lege sunt, loquitur: ut omne os obstruatur, et subditus fiat omnis mundus Deo:
شۇڭا، ھېچقانداق ئەت ئىگىسى تەۋرات-قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن [خۇدانىڭ] ئالدىدا ھەققانىي ھېسابلانمايدۇ؛ چۈنكى تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق ئىنسان ئۆز گۇناھىنى تونۇپ يېتىدۇ. 20
quia ex operibus legis non iustificabitur omnis caro coram illo. Per legem enim cognitio peccati.
بىراق، ھازىر قانۇن يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆزىدىن كەلگەن بىرخىل ھەققانىيلىق ئاشكارىلاندى! بۇ خىل ھەققانىيلىققا قانۇننىڭ ئۆزى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ [يازمىلىرىمۇ] گۇۋاھلىق بەرگەندۇر؛ 21
Nunc autem sine lege iustitia Dei manifestata est: testificata a lege et Prophetis.
يەنى، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ ئىشەنچ-ساداقەتلىكى ئارقىلىق ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىچىگە ھەم ئۈستىگە يەتكۈزىدىغان ھەققانىيلىقىدۇر! بۇ ئىشتا ئايرىمچىلىق يوقتۇر 22
Iustitia autem Dei per fidem Iesu Christi in omnes, et super omnes, qui credunt in eum: non enim est distinctio:
(چۈنكى بارلىق ئىنسانلار گۇناھ سادىر قىلىپ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە يېتەلمەي، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولدى) 23
Omnes enim peccaverunt, et egent gloria Dei.
چۈنكى ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى مەسىھ ئەيسادا بولغان نىجات-ھۆرلۈك ئارقىلىق، [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتى بىلەن بەدەلسىز ھەققانىي قىلىنىدۇ. 24
Iustificati gratis per gratiam ipsius, per redemptionem, quae est in Christo Iesu,
خۇدا ئۇنى گۇناھلارنىڭ جازاسىنى كۆتۈرگۈچى كافارەت قۇربانلىقى سۈپىتىدە تەيىنلىدى؛ [ئىنسانلارنىڭ] ئۇنىڭ [قۇربانلىق] قېنىغا ئىشەنچ باغلىشى بىلەن [قۇربانلىق] ئىناۋەتلىكتۇر. خۇدا بۇ ئارقىلىق بۇرۇنقى زاماندىكىلەرنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرىغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، جازالىماي ئۆتكۈزۈۋېتىشىنىڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. 25
quem proposuit Deus propitiatorem per fidem in sanguine ipsius, ad ostensionem iustitiae suae propter remissionem praecedentium delictorum
بۇنىڭغا ئوخشاش بۇ [قۇربانلىق] ئارقىلىق ئۇ ھازىرقى زاماندا بولغان ھەققانىيلىقىنىمۇ كۆرسەتكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىنىڭ ھەم ھەققانىي ئىكەنلىكىنى ھەم ئەيسانىڭ ئېتىقادىدا بولغۇچىنى ھەققانىي قىلغۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ نامايان قىلدى. 26
in sustentatione Dei, ad ostensionem iustitiae eius in hoc tempore: ut sit ipse iustus, et iustificans eum, qui est ex fide Iesu Christi.
ئۇنداق بولسا، ئىنساننىڭ نېمە ماختانغۇچىلىكى بار؟ ماختىنىش يوق قىلىندى! ــ نېمە پرىنسىپقا ئاساسەن؟ قانۇنغا ئىنتىلىش پرىنسىپى بىلەنمۇ؟ ــ ياق! «ئېتىقاد» پرىنسىپى بىلەن! 27
Ubi est ergo gloriatio tua? Exclusa est. Per quam legem? Factorum? Non: sed per legem fidei.
چۈنكى «ئىنسان تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ» دەپ ھېسابلايمىز! 28
Arbitramur enim iustificari hominem per fidem sine operibus legis.
ئەجەبا، خۇدا پەقەتلا يەھۇدىيلارنىڭلا خۇداسىمۇ؟ ئۇ ئەللەرنىڭمۇ خۇداسى ئەمەسمۇ؟ شۇنداق، ئۇ ئەللەرنىڭمۇ خۇداسىدۇر. 29
An Iudaeorum Deus tantum? Nonne et Gentium? Immo et Gentium.
خۇدا بولسا بىردۇر، ئۇ خەتنە قىلىنغانلارنى ئېتىقاد بىلەن ھەمدە خەتنە قىلىنمىغانلارنىمۇ ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىدۇ. 30
Quoniam quidem unus est Deus, qui iustificat circumcisionem ex fide, et praeputium per fidem.
ئەمدى ئېتىقاد پرىنسىپى بىلەن تەۋرات قانۇنىنى بىكار قىلىۋېتىمىزمۇ؟ ياق، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇنى كۈچكە ئىگە قىلىمىز. 31
Legem ergo destruimus per fidem? Absit: sed legem statuimus.

< رىملىقلارغا 3 >