< رىملىقلارغا 3 >
ئۇنداقتا، يەھۇدىي بولغاننىڭ يەھۇدىي ئەمەستىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بار؟ خەتنىلىك بولغاننىڭ نېمە پايدىسى بار؟ | 1 |
τι ουν το περισσον του ιουδαιου η τις η ωφελεια της περιτομης
ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار. بىرىنچىدىن، خۇدانىڭ بېشارەتلىك سۆزلىرى يەھۇدىيلارغا ئامانەت قىلىنغان. | 2 |
πολυ κατα παντα τροπον πρωτον μεν γαρ οτι επιστευθησαν τα λογια του θεου
ئەمدى گەرچە ئۇلاردىن بەزىلىرى ئىشەنچسىز چىققان بولسىمۇ، بۇنىڭغا نېمە بولاتتى؟ ئۇلارنىڭ ئىشەنچسىزلىكى خۇدانىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى يوققا چىقىرىۋېتەرمۇ؟ | 3 |
τι γαρ ει ηπιστησαν τινες μη η απιστια αυτων την πιστιν του θεου καταργησει
ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ! خۇدا راستچىل ھېسابلىنىپ، ھەممە ئادەم يالغانچى ھېسابلانسۇن! خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ھەققىدە] يېزىلغىنىدەك: ــ «سۆزلىگىنىڭدە ئادىل دەپ ئىسپاتلانغايسەن، شىكايەتكە ئۇچرىغىنىڭدا غەلىبە قىلغايسەن». | 4 |
μη γενοιτο γινεσθω δε ο θεος αληθης πας δε ανθρωπος ψευστης καθως γεγραπται οπως αν δικαιωθης εν τοις λογοις σου και νικησεις εν τω κρινεσθαι σε
لېكىن بىزنىڭ ھەققانىيسىزلىقىمىز ئارقىلىق خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىلسە، بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ ھەققانىيسىزلىق ئۈستىگە غەزەپ تۆكىدىغان خۇدانى ھەققانىي ئەمەس دەيمىزمۇ (مەن ئىنسانچە سۆزلەيمەن)؟ | 5 |
ει δε η αδικια ημων θεου δικαιοσυνην συνιστησιν τι ερουμεν μη αδικος ο θεος ο επιφερων την οργην κατα ανθρωπον λεγω
مۇنداق دېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ! ئەگەر ئۇنداق بولسا، خۇدا ئالەمنى قانداق سوراققا تارتىدۇ؟ | 6 |
μη γενοιτο επει πως κρινει ο θεος τον κοσμον
[بەزىلەر يەنە]: «مېنىڭ يالغانچىلقىمدىن خۇدانىڭ ھەقىقەتلىكى تېخىمۇ ئوچۇق قىلىنسا، شۇنداقلا ئۇلۇغلۇقى تېخىمۇ يورۇتۇلسا، ئەمدى مەن يەنە نېمە ئۈچۈن گۇناھكار دەپ قارىلىپ سوراققا تارتىلىمەن؟» [دېيىشى مۇمكىن]. | 7 |
ει γαρ η αληθεια του θεου εν τω εμω ψευσματι επερισσευσεν εις την δοξαν αυτου τι ετι καγω ως αμαρτωλος κρινομαι
ئۇنداق بولغاندا نېمىشقا (بەزىلەر بىزگە تۆھمەت چاپلىماقچى بولۇپ، گەپلىرىمىزنى بۇرىۋەتكەندەك) «يامانلىق قىلايلى، بۇنىڭدىن ياخشىلىق چىقىپ قالار» ــ دېيىشكە بولمايدۇ؟ بۇنداق دېگۈچىلەرنىڭ جازالىنىشى ھەقلىقتۇر! | 8 |
και μη καθως βλασφημουμεθα και καθως φασιν τινες ημας λεγειν οτι ποιησωμεν τα κακα ινα ελθη τα αγαθα ων το κριμα ενδικον εστιν
ئەمدى نېمە دېيىش كېرەك؟ بىز [يەھۇدىيلار] [يەھۇدىي ئەمەسلەردىن] ئۈستۈن تۇرامدۇق؟ ياق، ھەرگىز! چۈنكى بىز يۇقۇرىدا يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلەر بولسۇن ھەممىسىنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ئەيىبلىدۇق. | 9 |
τι ουν προεχομεθα ου παντως προητιασαμεθα γαρ ιουδαιους τε και ελληνας παντας υφ αμαρτιαν ειναι
دەرۋەقە، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: ــ «ھەققانىي ئادەم يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر، | 10 |
καθως γεγραπται οτι ουκ εστιν δικαιος ουδε εις
يورۇتۇلغان كىشى يوقتۇر، خۇدانى ئىزدىگىنىمۇ يوقتۇر. | 11 |
ουκ εστιν ο συνιων ουκ εστιν ο εκζητων τον θεον
ھەممە ئادەم يولدىن چەتنىدى، ئۇلارنىڭ بارلىقى ئەرزىمەس بولۇپ چىقتى. مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر. | 12 |
παντες εξεκλιναν αμα ηχρειωθησαν ουκ εστιν ποιων χρηστοτητα ουκ εστιν εως ενος
ئۇلارنىڭ گېلى ئېچىلغان قەبرىدەك سېسىقتۇر، تىللىرى كاززاپلىق قىلماقتا؛ كوبرا يىلاننىڭ زەھىرى لەۋلىرى ئاستىدا تۇرىدۇ؛ | 13 |
ταφος ανεωγμενος ο λαρυγξ αυτων ταις γλωσσαις αυτων εδολιουσαν ιος ασπιδων υπο τα χειλη αυτων
ئۇلارنىڭ زۇۋانى قارغاش ھەم زەردىگە تولغان. | 14 |
ων το στομα αρας και πικριας γεμει
«پۇتلىرى قان توكۈشكە ئالدىرايدۇ؛ | 15 |
οξεις οι ποδες αυτων εκχεαι αιμα
بارغانلا يېرىدە ۋەيرانچىلىق ۋە پاجىئەلىك ئىشلار باردۇر. | 16 |
συντριμμα και ταλαιπωρια εν ταις οδοις αυτων
تىنچلىق-ئاراملىق يولىنى ئۇلار ھېچ تونۇغان ئەمەس». | 17 |
και οδον ειρηνης ουκ εγνωσαν
«ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خۇدادىن قورقىدىغان ئىش يوقتۇر». | 18 |
ουκ εστιν φοβος θεου απεναντι των οφθαλμων αυτων
تەۋراتتىكى بارلىق سۆزلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغانلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقى بىزگە ئايان. بۇلارنىڭ مەقسىتى، ھەر ئىنساننىڭ ئاغزى باھانە كۆرسىتەلمەي تۇۋاقلىنىپ، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر خۇدانىڭ سورىقىدا ئەيىبكار ئىكەن دەپ ئايان قىلىنسۇن، دېگەنلىكتۇر. | 19 |
οιδαμεν δε οτι οσα ο νομος λεγει τοις εν τω νομω λαλει ινα παν στομα φραγη και υποδικος γενηται πας ο κοσμος τω θεω
شۇڭا، ھېچقانداق ئەت ئىگىسى تەۋرات-قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن [خۇدانىڭ] ئالدىدا ھەققانىي ھېسابلانمايدۇ؛ چۈنكى تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق ئىنسان ئۆز گۇناھىنى تونۇپ يېتىدۇ. | 20 |
διοτι εξ εργων νομου ου δικαιωθησεται πασα σαρξ ενωπιον αυτου δια γαρ νομου επιγνωσις αμαρτιας
بىراق، ھازىر قانۇن يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆزىدىن كەلگەن بىرخىل ھەققانىيلىق ئاشكارىلاندى! بۇ خىل ھەققانىيلىققا قانۇننىڭ ئۆزى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ [يازمىلىرىمۇ] گۇۋاھلىق بەرگەندۇر؛ | 21 |
νυνι δε χωρις νομου δικαιοσυνη θεου πεφανερωται μαρτυρουμενη υπο του νομου και των προφητων
يەنى، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ ئىشەنچ-ساداقەتلىكى ئارقىلىق ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىچىگە ھەم ئۈستىگە يەتكۈزىدىغان ھەققانىيلىقىدۇر! بۇ ئىشتا ئايرىمچىلىق يوقتۇر | 22 |
δικαιοσυνη δε θεου δια πιστεως ιησου χριστου εις παντας και επι παντας τους πιστευοντας ου γαρ εστιν διαστολη
(چۈنكى بارلىق ئىنسانلار گۇناھ سادىر قىلىپ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە يېتەلمەي، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولدى) | 23 |
παντες γαρ ημαρτον και υστερουνται της δοξης του θεου
چۈنكى ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى مەسىھ ئەيسادا بولغان نىجات-ھۆرلۈك ئارقىلىق، [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتى بىلەن بەدەلسىز ھەققانىي قىلىنىدۇ. | 24 |
δικαιουμενοι δωρεαν τη αυτου χαριτι δια της απολυτρωσεως της εν χριστω ιησου
خۇدا ئۇنى گۇناھلارنىڭ جازاسىنى كۆتۈرگۈچى كافارەت قۇربانلىقى سۈپىتىدە تەيىنلىدى؛ [ئىنسانلارنىڭ] ئۇنىڭ [قۇربانلىق] قېنىغا ئىشەنچ باغلىشى بىلەن [قۇربانلىق] ئىناۋەتلىكتۇر. خۇدا بۇ ئارقىلىق بۇرۇنقى زاماندىكىلەرنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرىغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، جازالىماي ئۆتكۈزۈۋېتىشىنىڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. | 25 |
ον προεθετο ο θεος ιλαστηριον δια της πιστεως εν τω αυτου αιματι εις ενδειξιν της δικαιοσυνης αυτου δια την παρεσιν των προγεγονοτων αμαρτηματων
بۇنىڭغا ئوخشاش بۇ [قۇربانلىق] ئارقىلىق ئۇ ھازىرقى زاماندا بولغان ھەققانىيلىقىنىمۇ كۆرسەتكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىنىڭ ھەم ھەققانىي ئىكەنلىكىنى ھەم ئەيسانىڭ ئېتىقادىدا بولغۇچىنى ھەققانىي قىلغۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ نامايان قىلدى. | 26 |
εν τη ανοχη του θεου προς ενδειξιν της δικαιοσυνης αυτου εν τω νυν καιρω εις το ειναι αυτον δικαιον και δικαιουντα τον εκ πιστεως ιησου
ئۇنداق بولسا، ئىنساننىڭ نېمە ماختانغۇچىلىكى بار؟ ماختىنىش يوق قىلىندى! ــ نېمە پرىنسىپقا ئاساسەن؟ قانۇنغا ئىنتىلىش پرىنسىپى بىلەنمۇ؟ ــ ياق! «ئېتىقاد» پرىنسىپى بىلەن! | 27 |
που ουν η καυχησις εξεκλεισθη δια ποιου νομου των εργων ουχι αλλα δια νομου πιστεως
چۈنكى «ئىنسان تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ» دەپ ھېسابلايمىز! | 28 |
λογιζομεθα ουν πιστει δικαιουσθαι ανθρωπον χωρις εργων νομου
ئەجەبا، خۇدا پەقەتلا يەھۇدىيلارنىڭلا خۇداسىمۇ؟ ئۇ ئەللەرنىڭمۇ خۇداسى ئەمەسمۇ؟ شۇنداق، ئۇ ئەللەرنىڭمۇ خۇداسىدۇر. | 29 |
η ιουδαιων ο θεος μονον ουχι δε και εθνων ναι και εθνων
خۇدا بولسا بىردۇر، ئۇ خەتنە قىلىنغانلارنى ئېتىقاد بىلەن ھەمدە خەتنە قىلىنمىغانلارنىمۇ ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىدۇ. | 30 |
επειπερ εις ο θεος ος δικαιωσει περιτομην εκ πιστεως και ακροβυστιαν δια της πιστεως
ئەمدى ئېتىقاد پرىنسىپى بىلەن تەۋرات قانۇنىنى بىكار قىلىۋېتىمىزمۇ؟ ياق، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇنى كۈچكە ئىگە قىلىمىز. | 31 |
νομον ουν καταργουμεν δια της πιστεως μη γενοιτο αλλα νομον ιστωμεν