< رىملىقلارغا 16 >
كەنقرىيا شەھىرىدىكى جامائەتنىڭ خىزمەتچىسى سىڭلىمىز فىبىنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلىپ تونۇشتۇرىمەن؛ | 1 |
Priporočam vam pa Febo sestro našo, ktera je služabnica cerkve Kenhrejske,
ئۇنى مۇقەددەس بەندىلەرگە لايىق رەبنىڭ مۇھەببىتىدە قوبۇل قىلىپ كۈتۈۋالغايسىلەر، ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشتا سىلەرگە ھاجىتى چۈشسە، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغايسىلەر. چۈنكى ئۇ ئۆزىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە، جۈملىدىن ماڭىمۇ چوڭ ياردەمچى بولغان. | 2 |
Da bi jo sprejeli v Gospodu spodobno za svete in jej pomogli, v kterejkoli stvari bi vas potrebovala, ker je tudi ona mnogim pomogla in tudi samemu meni.
مەن بىلەن بىرگە ئىشلىگەن، مەسىھ ئەيسادا بولغان خىزمەتداشلىرىم پرىسكا بىلەن ئاكۋىلاغا سالام ئېيتقايسىلەر | 3 |
Pozdravite Priscilo in Akvila pomagalca moja v Kristusu Jezusu,
(ئۇلار مېنى دەپ ئۆز ھاياتىنىڭ خېيىم-خەتىرىگە قارىمىدى. ھەم يالغۇز مەنلا ئەمەس، بەلكى ئەللەردىكى بارلىق جامائەتلەرمۇ ئۇلاردىن مىننەتداردۇر). | 4 |
(Ktera sta za dušo mojo svoj vrat podvrgla; kterima se ne samo jaz zahvaljujem, nego tudi vse cerkve poganske),
ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە جەم بولىدىغان جامائەتكىمۇ سالام ئېيتقايسىلەر. ئاسىيا ئۆلكىسىدىن مەسىھكە ئېتىقادتا ئەڭ دەسلەپكى مېۋە بولۇپ چىققان، سۆيۈملۈكۈم ئېپەنىتكە سالام ئېيتقايسىلەر. | 5 |
In njih domačo cerkev. Pozdravite Epeneta, ljubljenega mojega, kteri je prvina iz Ahaje v Kristusu.
سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن مەريەمگە سالام ئېيتقايسىلەر. | 6 |
Pozdravite Marijo, ktera se je mnogo potrudila za nas;
مەن بىلەن زىندانداش بولغان، يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم ئاندرونىكۇس ۋە يۇنياغا سالام ئېيتقايسىلەر. ئۇلار مەندىن ئاۋۋال مەسىھتە بولغان بولۇپ، روسۇللار ئارىسىدىمۇ ئابرۇيلۇقتۇر. | 7 |
Pozdravite Andronika in Junija, moja sorodnika in moja sojetnika, ktera sta znamenita med aposteljni, ktera sta tudi bila pred menoj v Kristusu.
رەببىمىزدە بولغان سۆيۈملۈكۈم ئامپلىياتقا سالام ئېيتقايسىلەر. | 8 |
Pozdravite Amplija, ljubljenega mojega v Gospodu;
بىز بىرگە ئىشلىگەن مەسىھتە بولغان خىزمەتدىشىمىز ئۇربانۇس ۋە سۆيۈملۈكۈم ستاخۇسلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. | 9 |
Pozdravite Urbana, pomagalca našega v Kristusu, in Stahija, ljubljenega mojega,
سىناقلاردىن ئۆتكەن، مەسىھتە سادىق ئىسپاتلىنىپ كەلگەن ئاپېلىسقا سالام ئېيتقايسىلەر. ئارىستوۋۇلۇسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر. | 10 |
Pozdravite Apela, izkušenega v Kristusu, pozdravite domače Aristobulove;
يەھۇدىي قېرىندىشىم ھېرودىيونغا، ناركىسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن رەبدە بولغانلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. | 11 |
Pozdravite Herodijona, sorodnika mojega. Pozdravite domače Narcisove, kteri so v Gospodu.
رەبنىڭ خىزمىتىدە جاپا تارتىۋاتقان ترىفېنا ۋە ترىفوسا خانىمغا سالام ئېيتقايسىلەر. رەبنىڭ خىزمىتىدە نۇرغۇن جاپا تارتقان سۆيۈملۈك [سىڭلىم] پەرسىسقا سالام ئېيتقايسىلەر. | 12 |
Pozdravite Trifeno in Trifoso, kteri sta se potrudili v Gospodu. Pozdravite Persido ljubljeno, ktera se je mnogo potrudila v Gospodu.
رەبدە تاللانغان رۇفۇسقا ۋە ئۇنىڭ ماڭىمۇ ئانا بولغان ئانىسىغا سالام ئېيتقايسىلەر. | 13 |
Pozdravite Rufa, izbranega v Gospodu, in mater njegovo in mojo.
ئاسىنكرىتۇس، فىلىگون، ھەرمىس، پاتروباس، ھېرماس ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى قېرىنداشلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. | 14 |
Pozdravite Asinkrita, Flegonta, Herma, Patroba, Hermeja in brate, kteri so ž njimi.
فىلولوگۇس ۋە يۇلياغا، نېرىئۇس ۋە سىڭلىسىغا، ئولىمپاس ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر. | 15 |
Pozdravite Filologa in Julijo, Nereja in sestro njegovo in Olimpana in vse svete, kteri so ž njimi.
بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. مەسىھنىڭ ھەممە جامائەتلىرىدىن سىلەرگە سالام! | 16 |
Pozdravite eden drugega v poljubku svetem. Pozdravljajo vas cerkve Kristusove.
قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، سىلەر ئۆگەنگەن تەلىمگە قارشى چىققان، ئاراڭلاردا ئىختىلاپلارنى پەيدا قىلىدىغان ۋە ئادەمنى ئېتىقاد يولىدىن تېيىلدۇرىدىغان كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار، ئۇلاردىن نېرى بولۇڭلار. | 17 |
Prosim vas pa, bratje, da gledate na tiste, kteri delajo razpore in pohujšanja proti nauku, kterega ste se vi naučili in izognite se jim.
بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز قارنىغا قۇل بولىدۇ؛ ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەت سۆزلىرى بىلەن ساددىلارنىڭ قەلبىنى ئازدۇرىدۇ. | 18 |
Kajti taki Gospodu našemu Jezusu Kristusu ne služijo, nego svojemu trebuhu, in z dobrikavim govorom in lepo besedo prekanjujejo srca nehudobnih,
سىلەرنىڭ رەبكە بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭلاردىن ھەممەيلەن خەۋەر تاپتى. شۇڭا ئەھۋالىڭلاردىن شادلىنىمەن؛ شۇنداقتىمۇ، ياخشى ئىشلار جەھەتتە ئاقىل بولۇشۇڭلارنى، يامان ئىشلارغا نىسبەتەن نادان بولۇشۇڭلارنى خالايمەن. | 19 |
Ker se je vaša poslušnost razšla med vse. Radujem se torej nad vami, pa hočem, da ste modri za dobro, a priprosti za hudo.
ئامانلىق-خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا ئۇزۇن ئۆتمەي شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا يەنجىيدۇ. رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي! | 20 |
Bog mira pak bo potrl satana pod vašimi nogami v hitrem. Milost Gospoda našega Jezusa Kristusa z vami! Amen.
خىزمەتدىشىم تىموتىي، يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم لۇكيۇس، ياسون ۋە سوسپاتىرلاردىن سىلەرگە سالام. | 21 |
Pozdravljajo vas Timotej, moj pomagalec, in Lucij in Jason in Sosipater, sorodniki moji.
(ئۇشبۇ خەتكە قەلەم تەۋرەتكۈچى مەنكى تەرتىيمۇ رەبدە سىلەرگە سالام يوللايمەن). | 22 |
Pozdravljam vas jaz Tercij, kteri sem napisal ta list, v Gospodu.
ماڭا ۋە ئۆيىدە دائىم يىغىلىدىغان پۈتۈن جامائەتكە ساھىبخانلىق قىلىدىغان گايۇستىن سىلەرگە سالام. شەھەرنىڭ خەزىنىچىسى ئېراستۇس سىلەرگە سالام يوللايدۇ، قېرىندىشىمىز كۇۋارتۇسمۇ شۇنداق. | 23 |
Pozdravlja vas Gaj, gostilnik moj in vse cerkve. Pozdravlja vas Erast, mestni ključar, in Kvart brat.
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي! ئامىن! | 24 |
Milost Gospoda našega Jezusa Kristusa z vsemi vami! Amen.
ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان سۈكۈتتە ساقلىنىپ كەلگەن سىرنىڭ ۋەھىي قىلىنىشى بويىچە، مېنىڭ ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بۇ خۇش خەۋەر، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ جاكارلىنىشى بىلەن سىلەرنى مۇستەھكەملەشكە قادىر بولغۇچىغا [شان-شەرەپ بولغاي]! (aiōnios ) | 25 |
Tistemu pa, kteri je mogoč vas utrditi po evangelji mojem in oznanjevanji Jezusa Kristusa, po odkritji skrivnosti od večnih časov zamolčane, (aiōnios )
سىر بولسا ئىنسانلارنى ئېتىقادتىكى ئىتائەتمەنلىك يولىغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئەمرىگە بىنائەن ھەم بىۋاسىتە ھەم بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ يېزىپ قالدۇرغانلىرى ئارقىلىق، ھازىر بارلىق ئەللەرگە ۋەھىي قىلىندى؛ (aiōnios ) | 26 |
a razodete sedaj po preroških pismih, poleg zapovedi večnega Boga, za poslušnost vere med vse pogane oznanjene, (aiōnios )
شۇنداق قىلغان بىردىنبىر دانا بولغۇچى خۇداغا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق شان-شەرەپ ئەبەدىلئەبەد بولغاي! ئامىن! (aiōn ) | 27 |
Samemu modremu Bogu po Jezusu Kristusu slava na veke! Amen. Rimljanom je napisan od Korinta po Febi služabnici cerkve Kenhrejske. (aiōn )