< رىملىقلارغا 16 >

كەنقرىيا شەھىرىدىكى جامائەتنىڭ خىزمەتچىسى سىڭلىمىز فىبىنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلىپ تونۇشتۇرىمەن؛ 1
我对你们举荐我们的姊妹非比;她是坚革哩教会中的女执事。
ئۇنى مۇقەددەس بەندىلەرگە لايىق رەبنىڭ مۇھەببىتىدە قوبۇل قىلىپ كۈتۈۋالغايسىلەر، ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشتا سىلەرگە ھاجىتى چۈشسە، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغايسىلەر. چۈنكى ئۇ ئۆزىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە، جۈملىدىن ماڭىمۇ چوڭ ياردەمچى بولغان. 2
请你们为主接待她,合乎圣徒的体统。她在何事上要你们帮助,你们就帮助她;因她素来帮助许多人,也帮助了我。
مەن بىلەن بىرگە ئىشلىگەن، مەسىھ ئەيسادا بولغان خىزمەتداشلىرىم پرىسكا بىلەن ئاكۋىلاغا سالام ئېيتقايسىلەر 3
问百基拉和亚居拉安。他们在基督耶稣里与我同工,
(ئۇلار مېنى دەپ ئۆز ھاياتىنىڭ خېيىم-خەتىرىگە قارىمىدى. ھەم يالغۇز مەنلا ئەمەس، بەلكى ئەللەردىكى بارلىق جامائەتلەرمۇ ئۇلاردىن مىننەتداردۇر). 4
也为我的命将自己的颈项置之度外。不但我感谢他们,就是外邦的众教会也感谢他们。
ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە جەم بولىدىغان جامائەتكىمۇ سالام ئېيتقايسىلەر. ئاسىيا ئۆلكىسىدىن مەسىھكە ئېتىقادتا ئەڭ دەسلەپكى مېۋە بولۇپ چىققان، سۆيۈملۈكۈم ئېپەنىتكە سالام ئېيتقايسىلەر. 5
又问在他们家中的教会安。问我所亲爱的以拜尼土安;他在亚细亚是归基督初结的果子。
سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن مەريەمگە سالام ئېيتقايسىلەر. 6
又问马利亚安;她为你们多受劳苦。
مەن بىلەن زىندانداش بولغان، يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم ئاندرونىكۇس ۋە يۇنياغا سالام ئېيتقايسىلەر. ئۇلار مەندىن ئاۋۋال مەسىھتە بولغان بولۇپ، روسۇللار ئارىسىدىمۇ ئابرۇيلۇقتۇر. 7
又问我亲属与我一同坐监的安多尼古和犹尼亚安;他们在使徒中是有名望的,也是比我先在基督里。
رەببىمىزدە بولغان سۆيۈملۈكۈم ئامپلىياتقا سالام ئېيتقايسىلەر. 8
又问我在主里面所亲爱的暗伯利安。
بىز بىرگە ئىشلىگەن مەسىھتە بولغان خىزمەتدىشىمىز ئۇربانۇس ۋە سۆيۈملۈكۈم ستاخۇسلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. 9
又问在基督里与我们同工的耳巴奴,并我所亲爱的士大古安。
سىناقلاردىن ئۆتكەن، مەسىھتە سادىق ئىسپاتلىنىپ كەلگەن ئاپېلىسقا سالام ئېيتقايسىلەر. ئارىستوۋۇلۇسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر. 10
又问在基督里经过试验的亚比利安。问亚利多布家里的人安。
يەھۇدىي قېرىندىشىم ھېرودىيونغا، ناركىسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن رەبدە بولغانلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. 11
又问我亲属希罗天安。问拿其数家在主里的人安。
رەبنىڭ خىزمىتىدە جاپا تارتىۋاتقان ترىفېنا ۋە ترىفوسا خانىمغا سالام ئېيتقايسىلەر. رەبنىڭ خىزمىتىدە نۇرغۇن جاپا تارتقان سۆيۈملۈك [سىڭلىم] پەرسىسقا سالام ئېيتقايسىلەر. 12
又问为主劳苦的土非拿氏和土富撒氏安。问可亲爱为主多受劳苦的彼息氏安。
رەبدە تاللانغان رۇفۇسقا ۋە ئۇنىڭ ماڭىمۇ ئانا بولغان ئانىسىغا سالام ئېيتقايسىلەر. 13
又问在主蒙拣选的鲁孚和他母亲安;他的母亲就是我的母亲。
ئاسىنكرىتۇس، فىلىگون، ھەرمىس، پاتروباس، ھېرماس ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى قېرىنداشلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. 14
又问亚逊其土、弗勒干、黑米、八罗巴、黑马,并与他们在一处的弟兄们安。
فىلولوگۇس ۋە يۇلياغا، نېرىئۇس ۋە سىڭلىسىغا، ئولىمپاس ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر. 15
又问非罗罗古和犹利亚,尼利亚和他姊妹,同阿林巴并与他们在一处的众圣徒安。
بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. مەسىھنىڭ ھەممە جامائەتلىرىدىن سىلەرگە سالام! 16
你们亲嘴问安,彼此务要圣洁。基督的众教会都问你们安。
قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، سىلەر ئۆگەنگەن تەلىمگە قارشى چىققان، ئاراڭلاردا ئىختىلاپلارنى پەيدا قىلىدىغان ۋە ئادەمنى ئېتىقاد يولىدىن تېيىلدۇرىدىغان كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار، ئۇلاردىن نېرى بولۇڭلار. 17
弟兄们,那些离间你们、叫你们跌倒、背乎所学之道的人,我劝你们要留意躲避他们。
بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز قارنىغا قۇل بولىدۇ؛ ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەت سۆزلىرى بىلەن ساددىلارنىڭ قەلبىنى ئازدۇرىدۇ. 18
因为这样的人不服事我们的主基督,只服事自己的肚腹,用花言巧语诱惑那些老实人的心。
سىلەرنىڭ رەبكە بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭلاردىن ھەممەيلەن خەۋەر تاپتى. شۇڭا ئەھۋالىڭلاردىن شادلىنىمەن؛ شۇنداقتىمۇ، ياخشى ئىشلار جەھەتتە ئاقىل بولۇشۇڭلارنى، يامان ئىشلارغا نىسبەتەن نادان بولۇشۇڭلارنى خالايمەن. 19
你们的顺服已经传于众人,所以我为你们欢喜;但我愿意你们在善上聪明,在恶上愚拙。
ئامانلىق-خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا ئۇزۇن ئۆتمەي شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا يەنجىيدۇ. رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي! 20
赐平安的 神快要将撒但践踏在你们脚下。愿我主耶稣基督的恩常和你们同在!
خىزمەتدىشىم تىموتىي، يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم لۇكيۇس، ياسون ۋە سوسپاتىرلاردىن سىلەرگە سالام. 21
与我同工的提摩太,和我的亲属路求、耶孙、所西巴德,问你们安。
(ئۇشبۇ خەتكە قەلەم تەۋرەتكۈچى مەنكى تەرتىيمۇ رەبدە سىلەرگە سالام يوللايمەن). 22
我这代笔写信的德提,在主里面问你们安。
ماڭا ۋە ئۆيىدە دائىم يىغىلىدىغان پۈتۈن جامائەتكە ساھىبخانلىق قىلىدىغان گايۇستىن سىلەرگە سالام. شەھەرنىڭ خەزىنىچىسى ئېراستۇس سىلەرگە سالام يوللايدۇ، قېرىندىشىمىز كۇۋارتۇسمۇ شۇنداق. 23
那接待我、也接待全教会的该犹问你们安。
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي! ئامىن! 24
城内管银库的以拉都和兄弟括土问你们安。
ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان سۈكۈتتە ساقلىنىپ كەلگەن سىرنىڭ ۋەھىي قىلىنىشى بويىچە، مېنىڭ ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بۇ خۇش خەۋەر، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ جاكارلىنىشى بىلەن سىلەرنى مۇستەھكەملەشكە قادىر بولغۇچىغا [شان-شەرەپ بولغاي]! (aiōnios g166) 25
惟有 神能照我所传的福音和所讲的耶稣基督,并照永古隐藏不言的奥秘,坚固你们的心。 (aiōnios g166)
سىر بولسا ئىنسانلارنى ئېتىقادتىكى ئىتائەتمەنلىك يولىغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئەمرىگە بىنائەن ھەم بىۋاسىتە ھەم بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ يېزىپ قالدۇرغانلىرى ئارقىلىق، ھازىر بارلىق ئەللەرگە ۋەھىي قىلىندى؛ (aiōnios g166) 26
这奥秘如今显明出来,而且按着永生 神的命,借众先知的书指示万国的民,使他们信服真道。 (aiōnios g166)
شۇنداق قىلغان بىردىنبىر دانا بولغۇچى خۇداغا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق شان-شەرەپ ئەبەدىلئەبەد بولغاي! ئامىن! (aiōn g165) 27
愿荣耀,因耶稣基督,归与独一全智的 神,直到永远。阿们! (aiōn g165)

< رىملىقلارغا 16 >