< رىملىقلارغا 15 >

ئەمدى ئېتىقادىمىز كۈچلۈك بولغان بىزلەر ئۆزىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشنىلا ئويلىماي، بەلكى ئېتىقادى ئاجىزلارنىڭمۇ ئاجىزلىقلىرىنى كۆتۈرىشىمىز كېرەك. 1
A MAK eta, kitail kelail akan, en sauasa me luet akan, ap der peren ki pein kitail.
ھەربىرىمىز ئۆز يېقىنىمىزنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بەخت-بەرىكىتىنى كۆزلەپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىشقا ئىنتىلەيلى. 2
Amen amen kitail en pok ong men impa, pwen kamauiala i.
چۈنكى ھەتتا مەسىھمۇ ئۆزىنى قاندۇرۇشنى ئويلىمىغانىدى. بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق پۈتۈلگەن: «سەن [خۇدانى] ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرى مېنىڭ ئۈستۈمگە چۈشتى». 3
Pwe Kristus pil sota kin pok ong pein i, a duen intingidier: Pakainak en me kainaki komui, me I dikidier raui.
چۈنكى بۇرۇندا [ۋەھىي بىلەن] پۈتۈلگەن يازمىلاردىكى ھەرقايسى سۆزلەر بىزگە ئۆگىتىش ئۈچۈن يېزىلغان بولۇپ، مەقسىتى مۇقەددەس كىتابلاردىن كەلگەن سەۋر-تاقەت ۋە ئىلھامبەخش ئارقىلىق بىزدە ئازرۇ-ئۈمىدنىڭ بولۇشى ئۈچۈندۇر. 4
Pwe karos me intingidier mas o, me intingidier, pwen padaki dong kitail, pweki kanongama o kamait en kisin likau kan kitail en kaporopor.
ئەمدى سەۋر-تاقەت ۋە ئىلھامبەخشنىڭ ئىگىسى خۇدا سىلەرنى مەسىھ ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزئارا بىر ئوي-نىيەتكە كەلتۈرگەي؛ 5
Ari, Kot en kanongama o kamait en kaminimin komail pena duen Kristus Iesus.
بۇنىڭ بىلەن سىلەر خۇدانى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىنى بىر جان بىر دىل بىلەن بىر ئېغىزدىن ئۇلۇغلىغايسىلەر. 6
Pwe komail en kalinganada Kot o Sam en atail Kaun Iesus Kristus ni lamalam ta pot o au ta ieu.
شۇڭا، مەسىھ سىلەرنى قوبۇل قىلىپ، خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار. 7
I me komail en apapwali pena dueta Kristus me kotin kasamo komail ong lingan en Kot.
چۈنكى سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ئاتا-بوۋىلارغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، شۇ ئارقىلىق ئەللەرمۇ خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىنى كۆرۈپ ئۇنى ئۇلۇغلىشى ئۈچۈن، خەتنە قىلىنغانلارغا خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى يەتكۈزگۈچى خىزمەتكار سۈپىتىدە تەيىنلەندى. بۇ خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا]: ــ «شۇڭا ساڭا ئەللەر ئارىسىدا مەدھىيە ئوقۇيمەن، ۋە سېنىڭ نامىڭنى كۈيلەيمەن» ــ دەپ يېزىلغانىدى. 8
Pwe ngai inda, me Iesus Kristus wialar papan sirkomsais pweki melel en Kot, pwen kapwaiada inau kan ong sam akan.
9
Pwe men liki kan en kalinganada Kot pweki a mak duen a intingidier: I me I pan kadededa komui ren men liki kan o kauleki mar omui.
ۋە ئۇ يەنە: ــ «ئەي ئەللەر، [خۇدا]نىڭ خەلقى بىلەن بىللە شاد-خۇرام بولۇڭلار!» ــ دەيدۇ. 10
O pil eu me a kotin masani: En popol komail men liki kan iangaki sapwilim a aramas!
ۋە يەنە ئۇ: ــ «ئەي بارلىق ئەللەر، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار، ئەي پۈتكۈل قوۋملەر، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار!» ــ دەيدۇ. 11
O pil eu: Kapinga Kaun o, komail men liki kan karos o kalinganada i, komail wei karos!
يەنە، يەشايا [پەيغەمبەرمۇ] مۇنداق دەيدۇ: ــ «يەسسەنىڭ يىلتىزى بولغان كىشى مەيدانغا چىقىدۇ، ئەللەرگە ھاكىملىق قىلىدىغان زات ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ ئەللەر دەرۋەقە ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايدۇ». 12
O pil eu me Iesaia masani: Ip en Iese pan pwarado, a pan pwarado, pwen kaunda men liki kan, i me men liki kan pan kaporoporeki.
ئەمدى ئۈمىدنىڭ ئىگىسى خۇدا ئۆزىگە ئىشىنىۋاتقانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلارنى تولۇق شاد-خۇراملىق ۋە تىنچ-خاتىرجەملىككە تولدۇرغاي، شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۈمىدكە تولۇپ تاشقايسىلەر. 13
Ari, Kot en kaporopor en kadire kin komail peren o popol karos ni poson, pwe omail kaporopor en laudeki manaman en Ngen saraui.
ئى قېرىنداشلىرىم، كۆڭلۈڭلارنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن تولغانلىقىغا، مول بىلىملەر بىلەن تولۇق بېزەلگەنلىكىگە، شۇنداقلا بىر-بىرىڭلارغا ئۆزئارا جېكىلەپ بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغىمۇ قايىلمەن. 14
A ngai asa mau duen komail ri ai kan, me komail dir en kamau o audaudeki erpit, o koiokki ong panapanaui pena amen amen.
شۇنداق بولسىمۇ، خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان شاپائەت تۈپەيلىدىن مەن سىلەرگە بىر قىسىم تەرەپلەردىن نەچچە ئىشلارنى ئەسلىتىپ قويۇشقا سەل جۈرەتلىك بولۇپ ئۇشبۇ خەتنى يازماقتىمەن. 15
Ari so, ri ai kan, i inting wong komail er duen met, pwen kataman kin komail mak eu, me Kot kotiki ong ia er.
شۇ شاپائەت بىلەن مەن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ كاھىندەك ئۇنىڭ ئىبادىتىنى ھەممە يەردە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش خىزمىتىدە [يەھۇدىي ئەمەس] ئەللەرگە مەسىھ ئەيسانىڭ خىزمەتكارى بولۇپ تەيىنلەندىم. بۇ خىزمىتىمنىڭ مەقسىتى ئەللەرنىڭ خۇداغا سۇنىدىغان ئىبادىتى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنىپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشىغا لايىق بولۇشى ئۈچۈندۇر. 16
Pwe i en papan Kristus Iesus ong men liki kan, padapadaki wong ir rongamau en Kot, pwe men liki en wiala mairong eu, me konekon, me kasaraui kila Ngen saraui.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەسىھ ئەيسادا بولغانلىقىمدىن خۇدانىڭ ماڭا تاپشۇرغانلىرىدىن پەخىرلىنىمەن. 17
I me i kak suaiki pan Kristus Iesus pweki meakan me sapwilim en Kot.
چۈنكى ئەللەرنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن مەسىھنىڭ ماڭا قىلدۇرغانلىرىدىن باشقا ھېچنېمىنى تىلغا ئېلىشقا ھەددىم ئەمەس. سۆز ۋە ئەمەللەر ئارقىلىق، ئالامەتلىك مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر ئارقىلىق، مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن يېرۇسالېمدىن باشلاپ ئىللىرىكون ئۆلكىسگىچە ئايلىنىپ ھەممە يەردە مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى تولۇق جاكارلىدىم. 18
Pwe i sota pori ong inda meakot, me Kristus sota kotiki ong ia, i en kalua men liki ong peik, ki ai padak o wiawia kan.
19
O kilel o manaman akan, en Ngen saraui. Ari, i me i kadire kila rongamau en Kristus sap karos, tapiada Ierusalem, ap lel ong Ilirien.
شۇنداق قىلىپ باشقىلار سالغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە بىنا سالماسلىق ئۈچۈن، ئەزەلدىن مەسىھنىڭ نامى ئاڭلانمىغان يەرلەردە بۇ خۇش خەۋەرنى جاكارلاشقا ئىنتىلىپ كەلدىم. 20
Ngai nantiong ni ai padaki rongamau wasa me saikenta asa duen Kristus pwe i de kauada pon pason en amen.
بۇ توغرىسىدا [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئېيتىلغىنىدەك: ــ «ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولغانلار ئۇنى كۆرىدۇ، ئاڭلىمىغانلار ئاڭلاپ چۈشىنىدۇ». 21
A duen a intingidier: Me saik kalok ong irail pan kilang, o me sota rong, re pan weweki.
مانا، شۇ [خىزمەتلىرىم] سەۋەبىدىن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن توسۇلغۇلارغا ئۇچراپ بارالمىدىم. 22
Nan i me karompwa ia pan pak toto, pwen sota kak pwar wong komail.
لېكىن ھازىر مۇشۇ ئەتراپلاردا [خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلمىگەن] يەرلەر ماڭا قالمىغانلىقتىن، ھەمدە كۆپ يىللاردىن بېرى سىلەرنى يوقلاپ بېرىش ئارزۇيۇم بولغانلىقتىن، ئىسپانىيەگە بېرىشىمدا سىلەرنىمۇ يوقلاپ ئۆتمەكچىمەن. سەپىرىمدە ئالدى بىلەن سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر مەزگىل ھەمراھلىقىڭلاردىن تولۇق خۇشاللىنىپ، ئاندىن سىلەرنىڭ ياردىمىڭلاردا سەپىرىمنى داۋاملاشتۇرۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن. 23
A met solar wasan dodok ni sap pukat, a par toto me i inong iong en pas wong komail.
24
I lao sailokelang Spanien, i pan pwar wong komail, pwe i kaporoporeki, me i pan sup wasa o ap kilang komail, a komail pan kalua ia lang wasa o murin ai kaserloleit re omail.
بىراق ھازىر بولسا يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا كېتىۋاتىمەن. 25
A met i pan sailokelang Ierusalem, pwen papa saraui kan.
چۈنكى ماكېدونىيە ۋە ئاقايا ئۆلكىلىرىدىكى جامائەتلەر يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس بەندىلەر ئارىسىدىكى يوقسۇللارغا ئىئانە توپلاپ ياردەم بېرىشنى لايىق كۆردى. 26
Pwe men Masetonien o Akaia kan mauki kisakisa wei ong saraui samama kan, me mi Ierusalem.
بۇ ئىشنى ئۇلار بەرھەق لايىق كۆردى؛ ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار يېرۇسالېمدىكىلەرگە قەرزداردۇر. چۈنكى ئەللەر [يەھۇدىي قېرىنداشلارنىڭ] روھىي بەختلىرىدىن بەھرىمەن بولغان بولسا، ماددىي جەھەتتىن ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. 27
Irail mauki pwe re pil pwaipwand ong irail, pwe ma men liki kan pwaisanekier arail pai ngenin, nan me kon ong, irail en pakisakis dong irail ar pai pali war.
مەن بۇ ئىشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنى [يېرۇسالېمدىكى] قېرىنداشلارنىڭ [جامائەتلەرنىڭ ئېتىقادىنىڭ] بۇ مېۋىسىنى قوبۇل قىلىشىنى جەزمەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، سىلەرنى يوقلاپ ئۆتۈپ ئىسپانىيەگە بارىمەن. 28
I lao kapwaiadar mepukat o ki ong irail er kisakis sapan wet, i ap pan sup re omail o daululang Spanien.
يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، مەسىھنىڭ تولۇق بەخت-بەرىكىتىنى سىلەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. 29
A i asadar, i lao pwaralang komail, i pan dir pai ki en Kristus.
قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ۋە [مۇقەددەس] روھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مەن ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىپ مەن بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلغايسىلەر ــ 30
A ri ai kan, i ap poeki komail pan atail Kaun Iesus Kristus o limpok en Ngen pwe komail en dauki pena ong ia omail kapakap kin ia ong Kot.
مېنىڭ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ يامان نىيەتلىرىدىن ساقلىنىشىم، شۇنىڭدەك يېرۇسالېمدا ئىنئامنى يەتكۈزۈش خىزمىتىمنىڭ شۇ يەردىكى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن 31
Pwe i en piti sang men Iudäa soposon akan, o pwe ai dodok ong Ierusalem en sauasa saraui kan.
ھەمدە ئاخىردا خۇدا بۇيرۇسا، پېقىرنىڭ شاد-خۇراملىق بىلەن يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن ئورتاق ئىستىراھەت قىلىشىمىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلغايسىلەر. 32
Pwe i en perenki lel ong komail pan kupur en Kot o iang komail tapwenda.
ئامانلىق-خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي! ئامىن! 33
Ari, Kot en popol en kotikot re omail karos! Amen.

< رىملىقلارغا 15 >