< رىملىقلارغا 15 >
ئەمدى ئېتىقادىمىز كۈچلۈك بولغان بىزلەر ئۆزىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشنىلا ئويلىماي، بەلكى ئېتىقادى ئاجىزلارنىڭمۇ ئاجىزلىقلىرىنى كۆتۈرىشىمىز كېرەك. | 1 |
We then who are strong, ought to bear the infirmity of the weak, and not to please ourselves.
ھەربىرىمىز ئۆز يېقىنىمىزنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بەخت-بەرىكىتىنى كۆزلەپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىشقا ئىنتىلەيلى. | 2 |
But each of us should please his neighbor, in good things, as conducive to edification.
چۈنكى ھەتتا مەسىھمۇ ئۆزىنى قاندۇرۇشنى ئويلىمىغانىدى. بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق پۈتۈلگەن: «سەن [خۇدانى] ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرى مېنىڭ ئۈستۈمگە چۈشتى». | 3 |
Because Messiah also did not please himself; but, as it is written: The reviling of thy revilers fell upon me.
چۈنكى بۇرۇندا [ۋەھىي بىلەن] پۈتۈلگەن يازمىلاردىكى ھەرقايسى سۆزلەر بىزگە ئۆگىتىش ئۈچۈن يېزىلغان بولۇپ، مەقسىتى مۇقەددەس كىتابلاردىن كەلگەن سەۋر-تاقەت ۋە ئىلھامبەخش ئارقىلىق بىزدە ئازرۇ-ئۈمىدنىڭ بولۇشى ئۈچۈندۇر. | 4 |
For every thing written of old, was written for our instruction; that we, by patience and by the consolation of the scriptures, might possess hope.
ئەمدى سەۋر-تاقەت ۋە ئىلھامبەخشنىڭ ئىگىسى خۇدا سىلەرنى مەسىھ ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزئارا بىر ئوي-نىيەتكە كەلتۈرگەي؛ | 5 |
And may the God of patience and of consolation, grant to you, to think in harmony one with another, in Jesus Messiah;
بۇنىڭ بىلەن سىلەر خۇدانى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىنى بىر جان بىر دىل بىلەن بىر ئېغىزدىن ئۇلۇغلىغايسىلەر. | 6 |
so that with one mind and one mouth, ye may glorify God, the Father of our Lord Jesus Messiah.
شۇڭا، مەسىھ سىلەرنى قوبۇل قىلىپ، خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار. | 7 |
Wherefore, receive ye and bear up one another, as also Messiah received you, to the glory of God.
چۈنكى سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ئاتا-بوۋىلارغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، شۇ ئارقىلىق ئەللەرمۇ خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىنى كۆرۈپ ئۇنى ئۇلۇغلىشى ئۈچۈن، خەتنە قىلىنغانلارغا خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى يەتكۈزگۈچى خىزمەتكار سۈپىتىدە تەيىنلەندى. بۇ خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا]: ــ «شۇڭا ساڭا ئەللەر ئارىسىدا مەدھىيە ئوقۇيمەن، ۋە سېنىڭ نامىڭنى كۈيلەيمەن» ــ دەپ يېزىلغانىدى. | 8 |
Now I say, that Jesus Messiah ministered to the circumcision, in behalf of the truth of God, in order to confirm the promise made to the fathers;
and that the Gentiles might glorify God for his mercies upon them, as it is written: I will confess to thee among the Gentiles, and to thy name will I sing psalms.
ۋە ئۇ يەنە: ــ «ئەي ئەللەر، [خۇدا]نىڭ خەلقى بىلەن بىللە شاد-خۇرام بولۇڭلار!» ــ دەيدۇ. | 10 |
And again he said: Rejoice, ye Gentiles, with his people.
ۋە يەنە ئۇ: ــ «ئەي بارلىق ئەللەر، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار، ئەي پۈتكۈل قوۋملەر، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار!» ــ دەيدۇ. | 11 |
And again he said: Praise the Lord, all ye Gentiles; and laud him, all ye nations.
يەنە، يەشايا [پەيغەمبەرمۇ] مۇنداق دەيدۇ: ــ «يەسسەنىڭ يىلتىزى بولغان كىشى مەيدانغا چىقىدۇ، ئەللەرگە ھاكىملىق قىلىدىغان زات ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ ئەللەر دەرۋەقە ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايدۇ». | 12 |
And again Isaiah said: There will be a root of Jesse; and he that shall arise, will be a prince for the Gentiles; and in him will the Gentiles hope.
ئەمدى ئۈمىدنىڭ ئىگىسى خۇدا ئۆزىگە ئىشىنىۋاتقانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلارنى تولۇق شاد-خۇراملىق ۋە تىنچ-خاتىرجەملىككە تولدۇرغاي، شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۈمىدكە تولۇپ تاشقايسىلەر. | 13 |
Now may the God of hope fill you with all joy and peace, by faith; that ye may abound in his hope, by the power of the Holy Spirit.
ئى قېرىنداشلىرىم، كۆڭلۈڭلارنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن تولغانلىقىغا، مول بىلىملەر بىلەن تولۇق بېزەلگەنلىكىگە، شۇنداقلا بىر-بىرىڭلارغا ئۆزئارا جېكىلەپ بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغىمۇ قايىلمەن. | 14 |
Now I am persuaded, my Brethren, even I, concerning you; that ye too are full of goodness, and are replenished with all knowledge, and are able also to instruct others.
شۇنداق بولسىمۇ، خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان شاپائەت تۈپەيلىدىن مەن سىلەرگە بىر قىسىم تەرەپلەردىن نەچچە ئىشلارنى ئەسلىتىپ قويۇشقا سەل جۈرەتلىك بولۇپ ئۇشبۇ خەتنى يازماقتىمەن. | 15 |
Yet I have written rather boldly to you, my Brethren, that I might put you in remembrance; because of the grace which is given to me by God,
شۇ شاپائەت بىلەن مەن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ كاھىندەك ئۇنىڭ ئىبادىتىنى ھەممە يەردە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش خىزمىتىدە [يەھۇدىي ئەمەس] ئەللەرگە مەسىھ ئەيسانىڭ خىزمەتكارى بولۇپ تەيىنلەندىم. بۇ خىزمىتىمنىڭ مەقسىتى ئەللەرنىڭ خۇداغا سۇنىدىغان ئىبادىتى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنىپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشىغا لايىق بولۇشى ئۈچۈندۇر. | 16 |
that I should be a minister of Jesus Messiah among the Gentiles, and should subserve the gospel of God, that the oblation of the Gentiles might be acceptable, and be sanctified by the Holy Spirit.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەسىھ ئەيسادا بولغانلىقىمدىن خۇدانىڭ ماڭا تاپشۇرغانلىرىدىن پەخىرلىنىمەن. | 17 |
I have therefore a glorying in Jesus Messiah, before God.
چۈنكى ئەللەرنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن مەسىھنىڭ ماڭا قىلدۇرغانلىرىدىن باشقا ھېچنېمىنى تىلغا ئېلىشقا ھەددىم ئەمەس. سۆز ۋە ئەمەللەر ئارقىلىق، ئالامەتلىك مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر ئارقىلىق، مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن يېرۇسالېمدىن باشلاپ ئىللىرىكون ئۆلكىسگىچە ئايلىنىپ ھەممە يەردە مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى تولۇق جاكارلىدىم. | 18 |
Yet I presume not to speak of any thing done for the obedience of the Gentiles, which Messiah hath not wrought by me, in word and in deeds,
by the power of signs and wonders, and by the power of the Holy Spirit; so that from Jerusalem I have made a circuit quite to Illyricum, and have fulfilled the announcement of the Messiah;
شۇنداق قىلىپ باشقىلار سالغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە بىنا سالماسلىق ئۈچۈن، ئەزەلدىن مەسىھنىڭ نامى ئاڭلانمىغان يەرلەردە بۇ خۇش خەۋەرنى جاكارلاشقا ئىنتىلىپ كەلدىم. | 20 |
while I was careful not to preach where the name of Messiah had been invoked, lest I should build upon another man's foundation;
بۇ توغرىسىدا [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئېيتىلغىنىدەك: ــ «ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولغانلار ئۇنى كۆرىدۇ، ئاڭلىمىغانلار ئاڭلاپ چۈشىنىدۇ». | 21 |
but, it is written: They, to whom mention of him had not been made, will see him; and they, who had not heard, will be obedient.
مانا، شۇ [خىزمەتلىرىم] سەۋەبىدىن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن توسۇلغۇلارغا ئۇچراپ بارالمىدىم. | 22 |
And on this account, I have been many times prevented from coming to you.
لېكىن ھازىر مۇشۇ ئەتراپلاردا [خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلمىگەن] يەرلەر ماڭا قالمىغانلىقتىن، ھەمدە كۆپ يىللاردىن بېرى سىلەرنى يوقلاپ بېرىش ئارزۇيۇم بولغانلىقتىن، ئىسپانىيەگە بېرىشىمدا سىلەرنىمۇ يوقلاپ ئۆتمەكچىمەن. سەپىرىمدە ئالدى بىلەن سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر مەزگىل ھەمراھلىقىڭلاردىن تولۇق خۇشاللىنىپ، ئاندىن سىلەرنىڭ ياردىمىڭلاردا سەپىرىمنى داۋاملاشتۇرۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن. | 23 |
But now, since I have no place in these regions, and as I have been desirous for many years past to come to you,
when I go to Spain, I hope to come and see you; and that ye will accompany me thither, when I shall have been satisfied, in some measure, with visiting you.
بىراق ھازىر بولسا يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا كېتىۋاتىمەن. | 25 |
But I am now going to Jerusalem, to minister to the saints.
چۈنكى ماكېدونىيە ۋە ئاقايا ئۆلكىلىرىدىكى جامائەتلەر يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس بەندىلەر ئارىسىدىكى يوقسۇللارغا ئىئانە توپلاپ ياردەم بېرىشنى لايىق كۆردى. | 26 |
For they of Macedonia and Achaia, have been willing to make up a contribution for the needy saints who are at Jerusalem.
بۇ ئىشنى ئۇلار بەرھەق لايىق كۆردى؛ ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار يېرۇسالېمدىكىلەرگە قەرزداردۇر. چۈنكى ئەللەر [يەھۇدىي قېرىنداشلارنىڭ] روھىي بەختلىرىدىن بەھرىمەن بولغان بولسا، ماددىي جەھەتتىن ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. | 27 |
They were willing, because they were also debtors to them: for if the Gentiles have been participators with them in the Spirit, they are debtors to serve them also in things of the flesh.
مەن بۇ ئىشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنى [يېرۇسالېمدىكى] قېرىنداشلارنىڭ [جامائەتلەرنىڭ ئېتىقادىنىڭ] بۇ مېۋىسىنى قوبۇل قىلىشىنى جەزمەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، سىلەرنى يوقلاپ ئۆتۈپ ئىسپانىيەگە بارىمەن. | 28 |
When therefore, I shall have accomplished this, and shall have sealed to them this fruit, I will pass by you into Spain.
يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، مەسىھنىڭ تولۇق بەخت-بەرىكىتىنى سىلەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. | 29 |
And I know that when I come to you, I shall come in the fullness of the blessing of the gospel of Messiah.
قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ۋە [مۇقەددەس] روھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مەن ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىپ مەن بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلغايسىلەر ــ | 30 |
And I beseech you, my Brethren, by our Lord Jesus Messiah, and by the love of the Spirit, that ye labor with me in prayer to God for me;
مېنىڭ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ يامان نىيەتلىرىدىن ساقلىنىشىم، شۇنىڭدەك يېرۇسالېمدا ئىنئامنى يەتكۈزۈش خىزمىتىمنىڭ شۇ يەردىكى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن | 31 |
that I may be delivered from them in Judaea, who believe not and that the ministration, which I carry to the saints in Jerusalem, may be well received;
ھەمدە ئاخىردا خۇدا بۇيرۇسا، پېقىرنىڭ شاد-خۇراملىق بىلەن يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن ئورتاق ئىستىراھەت قىلىشىمىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلغايسىلەر. | 32 |
and that, by the good pleasure of God, I may come to you with joy, and may take comfort with you.
ئامانلىق-خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي! ئامىن! | 33 |
And may the God of peace be with you all: Amen.