< رىملىقلارغا 14 >
ئېتىقادى ئاجىزلارنى قوبۇل قىلىڭلار، لېكىن ئۇلار بىلەن پىكىردە تالاش-تارتىش قىلماڭلار. | 1 |
Etiⱪadi ajizlarni ⱪobul ⱪilinglar, lekin ular bilǝn pikirdǝ talax-tartix ⱪilmanglar.
بىرسى ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېيىشكە بولىدىغىنىغا ئىشىنىدۇ؛ لېكىن يەنە ئېتىقادى ئاجىز بىرسى پەقەت كۆكتاتلارنىلا يەيدۇ. | 2 |
Birsi ⱨǝrⱪandaⱪ yemǝklikni yeyixkǝ bolidiƣiniƣa ixinidu; lekin yǝnǝ etiⱪadi ajiz birsi pǝⱪǝt kɵktatlarnila yǝydu.
ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان كىشى يېمەيدىغان كىشىنى كەمسىتمىسۇن؛ ھەمدە [بەزى نەرسىنى] يېمەيدىغان كىشى ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلمىسۇن. چۈنكى خۇدا ئۇنى قوبۇل قىلغان. | 3 |
Ⱨǝrⱪandaⱪ yemǝkliklǝrni yǝydiƣan kixi yemǝydiƣan kixini kǝmsitmisun; ⱨǝmdǝ [bǝzi nǝrsini] yemǝydiƣan kixi ⱨǝrⱪandaⱪ yemǝkliklǝrni yǝydiƣan kixi üstidin ⱨɵküm ⱪilmisun. Qünki Huda uni ⱪobul ⱪilƣan.
باشقا بىرسىنىڭ خىزمەتكارى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى سەن كىم ئىدىڭ؟ خىزمەتكارنىڭ تىك تۇرۇشى ياكى يىقىلىپ كېتىشىگە پەقەتلا ئۆز خوجايىنى مەسئۇلدۇر. ھەمدە [شۇ خىزمەتكارمۇ] تىك تۇرىدىغان قىلىنىدۇ ــ چۈنكى [خۇجايىنى] رەب ئۇنى تىك تۇرغۇزۇشقا قادىردۇر. | 4 |
Baxⱪa birsining hizmǝtkari üstidin ⱨɵküm ⱪilƣuqi sǝn kim iding? Hizmǝtkarning tik turuxi yaki yiⱪilip ketixigǝ pǝⱪǝtla ɵz hojayini mǝs’uldur. Ⱨǝmdǝ [xu hizmǝtkarmu] tik turidiƣan ⱪilinidu — qünki [hujayini] Rǝb uni tik turƣuzuxⱪa ⱪadirdur.
مەلۇم بىرسى مەلۇم بىر كۈننى يەنە بىر كۈندىن ئۈستۈن كۆرىدۇ، يەنە بىرسى ھەممە كۈننى ئوخشاش دەپ قارايدۇ. ھەركىم ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىغا تولۇق ئىشەنچى بولسۇن. | 5 |
Mǝlum birsi mǝlum bir künni yǝnǝ bir kündin üstün kɵridu, yǝnǝ birsi ⱨǝmmǝ künni ohxax dǝp ⱪaraydu. Ⱨǝrkim ɵzining kɵzⱪarixiƣa toluⱪ ixǝnqi bolsun.
مەلۇم كۈننى قەدىرلەيدىغان كىشى بۇنىڭ بىلەن رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە ئۇنى قەدىرلەيدۇ. بىر نەرسىنى يەيدىغان كىشىمۇ رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە يەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز رىزقى ئۈچۈن خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ. مەلۇم نەرسىنى يېمەيدىغان كىشى يېمەيدىغانلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە يېمەيدۇ، ئۇمۇ شۇنداقلا خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ. | 6 |
Mǝlum künni ⱪǝdirlǝydiƣan kixi buning bilǝn Rǝbbining ⱨɵrmitidǝ uni ⱪǝdirlǝydu. Bir nǝrsini yǝydiƣan kiximu Rǝbbining ⱨɵrmitidǝ yǝydu, qünki u ɵz rizⱪi üqün Hudaƣa tǝxǝkkür eytidu. Mǝlum nǝrsini yemǝydiƣan kixi yemǝydiƣanliⱪi bilǝn ɵzining Rǝbbining ⱨɵrmitidǝ yemǝydu, umu xundaⱪla Hudaƣa tǝxǝkkür eytidu.
چۈنكى ھېچقايسىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ياشىمايمىز ۋە ھېچقايسىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ئۆلمەيمىز؛ | 7 |
Qünki ⱨeqⱪaysimiz ɵzimiz üqün yaximaymiz wǝ ⱨeqⱪaysimiz ɵzimiz üqün ɵlmǝymiz;
بەلكى ئەگەر ياشىساق، رەببىمىز ئۈچۈن ياشايمىز؛ ئۆلسەك، رەببىمىز ئۈچۈن ئۆلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ياشىساقمۇ، ئۆلسەكمۇ رەببىمىزگە مەنسۇپتۇرمىز. | 8 |
Bǝlki ǝgǝr yaxisaⱪ, Rǝbbimiz üqün yaxaymiz; ɵlsǝk, Rǝbbimiz üqün ɵlimiz. Xuning üqün yaxisaⱪmu, ɵlsǝkmu Rǝbbimizgǝ mǝnsupturmiz.
چۈنكى مەسىھنىڭ ئۆلۈشى ۋە تىرىلىشىدەل شۇ مەقسەت بىلەن بولدىكى، ئۇنىڭ ئۆلۈكلەرنىڭ ھەم تىرىكلەرنىڭ رەببى بولۇشى ئۈچۈندۇر. | 9 |
Qünki Mǝsiⱨning ɵlüxi wǝ tirilixi dǝl xu mǝⱪsǝt bilǝn boldiki, Uning ɵlüklǝrning ⱨǝm tiriklǝrning Rǝbbi boluxi üqündur.
ئۇنداقتا، سەن نېمە ئۈچۈن قېرىندىشىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىسەن؟ ياكى نېمە ئۈچۈن قېرىندىشىڭنى مەنسىتمەيسەن؟ چۈنكى ھەممىمىز خۇدانىڭ سوراق تەختى ئالدىدا تۇرىشىمىز كېرەك بولىدۇ. | 10 |
Undaⱪta, sǝn nemǝ üqün ⱪerindixing üstidin ⱨɵküm ⱪilisǝn? Yaki nemǝ üqün ⱪerindixingni mǝnsitmǝysǝn? Qünki ⱨǝmmimiz Hudaning soraⱪ tǝhti aldida turiximiz kerǝk bolidu.
چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئېيتىلغىنىدەك: ــ «پەرۋەردىگار دەيدۇكى: ــ ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، ماڭا بارلىق تىزلار پۈكۈلىدۇ، بارلىق تىللار مېنى ئېتىراپ قىلىپ مەدھىيە ئوقۇيدۇ». | 11 |
Qünki [muⱪǝddǝs yazmilarda] eytilƣinidǝk: — «Pǝrwǝrdigar dǝyduki: — Ɵz ⱨayatim bilǝn ⱪǝsǝm iqimǝnki, Manga barliⱪ tizlar pükülidu, Barliⱪ tillar Meni etirap ⱪilip mǝdⱨiyǝ oⱪuydu».
شۇڭا، ھەربىرىمىز خۇدا ئالدىدا ئۆزىمىز توغرۇلۇق ھېساب بېرىمىز. | 12 |
Xunga, ⱨǝrbirimiz Huda aldida ɵzimiz toƣruluⱪ ⱨesab berimiz.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر-بىرىمىزنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى ئىككىنچى بىرى بولمايلى. بۇنىڭ ئورنىغا شۇنداق ھۆكۈم-قارارغا كېلىڭلاركى، ھەرقانداق قېرىنداشقا گۇناھقا يىقىتىدىغان بىر نەرسىنى ياكى تۇزاقنى قويماسلىق كېرەك. | 13 |
Xuning üqün, bir-birimizning üstidin ⱨɵküm ⱪilƣuqi ikkinqi biri bolmayli. Buning orniƣa xundaⱪ ⱨɵküm-ⱪararƣa kelinglarki, ⱨǝrⱪandaⱪ ⱪerindaxⱪa gunaⱨⱪa yiⱪitidiƣan bir nǝrsini yaki tuzaⱪni ⱪoymasliⱪ kerǝk.
رەببىمىز ئەيسادا بولغانلىقىمدىن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشەندۈرۈلۈپ بىلىمەنكى، ھەرقانداق نەرسە ئۆزلىكىدىن ھارام ئەمەستۇر؛ لېكىن بىر نەرسىنى ھارام دەپ قارىغان كىشى ئۈچۈن، ئۇ ئۇنىڭغا ھارامدۇر. | 14 |
Rǝbbimiz Əysada bolƣanliⱪimdin xuningƣa ⱪǝt’iy ixǝndürülüp bilimǝnki, ⱨǝrⱪandaⱪ nǝrsǝ ɵzlikidin ⱨaram ǝmǝstur; lekin bir nǝrsini ⱨaram dǝp ⱪariƣan kixi üqün, u uningƣa ⱨaramdur.
ئەگەر يېمەكلىكىڭ تۈپەيلىدىن قېرىندىشىڭنى ئازابقا قويغان بولساڭ، مېھىر-مۇھەببەت يولىدا ماڭمىغان بولىسەن. مەسىھ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىپ ئۆلگەن، بۇ [قېرىندىشىڭنى] يېمەكلىكىڭ بىلەن نابۇت قىلما! | 15 |
Əgǝr yemǝkliking tüpǝylidin ⱪerindixingni azabⱪa ⱪoyƣan bolsang, meⱨir-muⱨǝbbǝt yolida mangmiƣan bolisǝn. Mǝsiⱨ uning üqün Ɵz jenini pida ⱪilip ɵlgǝn, bu [ⱪerindixingni] yemǝkliking bilǝn nabut ⱪilma!
ئەمدى سىلەر ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنىڭ يامان دېيىلىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالماڭلار. | 16 |
Əmdi silǝr yahxi dǝp ⱪariƣan ixlarning yaman deyilixigǝ sǝwǝbqi bolup ⱪalmanglar.
چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يېمەك-ئىچمەكتە ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھتا بولغان ھەققانىيلىق، ئىناقلىق-خاتىرجەملىك ۋە شادلىقتىدۇر. | 17 |
Qünki Hudaning padixaⱨliⱪi yemǝk-iqmǝktǝ ǝmǝs, bǝlki Muⱪǝddǝs Roⱨta bolƣan ⱨǝⱪⱪaniyliⱪ, inaⱪliⱪ-hatirjǝmlik wǝ xadliⱪtidur.
بۇلاردا ياشاپ مەسىھكە خىزمەت قىلغۇچى كىشى خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ تەرىپلىشىگە سازاۋەر بولىدۇ. | 18 |
Bularda yaxap Mǝsiⱨkǝ hizmǝt ⱪilƣuqi kixi Hudani hursǝn ⱪilidu wǝ insanlarning tǝriplixigǝ sazawǝr bolidu.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇپ چىقىدىغان ئىشلارغا ئاتايلى. | 19 |
Xuning üqün ɵzimizni inaⱪliⱪni ilgiri süridiƣan wǝ bir-birimizning etiⱪadini ⱪurup qiⱪidiƣan ixlarƣa atayli.
يېمەكلىكنى دەپ خۇدانىڭ ئەجرىنى نابۇت قىلماڭلار. ھەممە نەرسە دەرۋەقە ھالالدۇر؛ بىراق بىرسى يېگىنى بىلەن [ئېتىقادىدا] پۇتلاشسا، ئۇ ئۇنىڭغا يامان ھېسابلىنىدۇ. | 20 |
Yemǝklikni dǝp Hudaning ǝjrini nabut ⱪilmanglar. Ⱨǝmmǝ nǝrsǝ dǝrwǝⱪǝ ⱨalaldur; biraⱪ birsi yegini bilǝn [etiⱪadida] putlaxsa, u uningƣa yaman ⱨesablinidu.
شۇنىڭ ئۈچۈن گۆش يېيىش، شاراب ئىچىش، شۇنداقلا باشقا ھەرقانداق ئىشلارنى قىلىشىڭ قېرىندىشىڭنى گۇناھقا تېيىلدۇرىدىغان، ئازابقا قويىدىغان ياكى ئۇنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بولسا، بۇلارنى قىلمىغىنىڭ تۈزۈك. | 21 |
Xuning üqün gɵx yeyix, xarab iqix, xundaⱪla baxⱪa ⱨǝrⱪandaⱪ ixlarni ⱪilixing ⱪerindixingni gunaⱨⱪa teyilduridiƣan, azabⱪa ⱪoyidiƣan yaki uni ajizlaxturidiƣan bolsa, bularni ⱪilmiƣining tüzük.
سېنىڭ [مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشقا] ئىشەنچىڭ بارمۇ؟ ئەمدى بۇ ئىشەنچ خۇدا بىلەن سېنىڭ ئاراڭدىكى ئىشتۇر. ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنى توغرا دەپ قارىغان، شۇنىڭدىن ۋىجدانىمۇ ئەيىبكە بۇيرۇلمىغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! | 22 |
Sening [mǝlum bir ixni ⱪilixⱪa] ixǝnqing barmu? Əmdi bu ixǝnq Huda bilǝn sening arangdiki ixtur. Ɵzi ⱪiliwatⱪan ixni toƣra dǝp ⱪariƣan, xuningdin wijdanimu ǝyibkǝ buyrulmiƣan kixi nemidegǝn bǝhtlik-ⱨǝ!
لېكىن [يېمەكلىكتىن] گۇمانلىنىپ تۇرۇپ يەنە شۇنى يېگەن كىشى ئەيىبكە بۇيرۇلىدۇ، چۈنكى بۇنى ئىشەنچ بىلەن يېمىگەن. ئىشەنچتىن بولمىغان ھەرقانداق ئىش گۇناھتۇر. | 23 |
Lekin [yemǝkliktin] gumanlinip turup yǝnǝ xuni yegǝn kixi ǝyibkǝ buyrulidu, qünki buni ixǝnq bilǝn yemigǝn. Ixǝnqtin bolmiƣan ⱨǝrⱪandaⱪ ix gunaⱨtur.