< رىملىقلارغا 13 >
ھەممە ئادەم ئۆزلىرىنى ئىدارە قىلغۇچى ھوقۇق ئىگىلىرىگە بويسۇنسۇن. چۈنكى خۇدا تىكلىمىگەن ھۆكۈمەت يوق؛ قايسى ھوقۇق-ھۆكۈمەت مەۋجۇت بولسىلا خۇدا تەرىپىدىن تىكلەنگەندۇر. | 1 |
ᎾᏂᎥᏉ ᏚᏃᎯᏳᏎᏍᏗ ᎠᏰᎵ ᏕᎪᏢᏩᏗᏒᎢ. ᎥᏝᏰᏃ ᎠᏰᎵ ᏳᏙᏢᎭ ᎤᏁᎳᏅᎯ ᏅᏓᏳᏓᎴᏅᎯ ᏂᎨᏒᎾ; ᎠᏰᎵ ᏥᏕᎪᏢᎭ ᎤᏁᎳᏅᎯ ᎤᏓᏅᏖᎸᎯ ᏗᎪᏢᏅᎯ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوقۇق-ھۆكۈمەتكە قارشىلىق قىلغۇچى كىشى خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارشىلىق قىلغان بولىدۇ. قارشىلىق قىلغۇچىلار سوراققا تارتىلىدۇ | 2 |
ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏍᏗ ᎩᎶ ᏓᎦᏘᎴᎨᏍᏗ ᎠᏰᎵ ᎪᏢᏒᎢ, ᏓᎦᏘᎴᎨᏍᏗ ᎤᏁᎳᏅᎯ ᎤᏓᏅᏖᎸᎯ ᎪᏢᏅᎯ ᎨᏒᎢ; ᎾᏍᎩᏃ ᏗᏂᎦᏘᎴᎩ ᏧᎾᏚᎪᏓᏁᏗᏱ ᎠᏂᏩᏛᏗᏍᎨᏍᏗ.
(چۈنكى ھۆكۈمرانلار ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى يامانلىق قىلغۇچىلارغا قورقۇنچ كەلتۈرىدۇ). ھۆكۈمرانلاردىن قورقۇشنى خالىمايمەن دېسەڭ، ئۇنداقتا ياخشى ئەمەل قىل. ئۇ چاغدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىدىن تەرىپلىنىسەن. | 3 |
ᏄᏂᎬᏫᏳᏌᏕᎩᏰᏃ ᎥᏝ ᏗᎦᎾᏰᎯᏍᏗ ᏱᎩ ᎣᏍᏛ ᏱᏙᎸᏫᏍᏓᏁᎭ, ᎤᏲᏍᎩᏂ ᏱᏙᎸᏫᏍᏓᏁᎭ. ᏣᏚᎵᏍᎪᏃ ᏣᎾᏰᎯᏍᏗᏱ ᏂᎨᏒᎾ ᎠᏰᎵ ᎪᏢᏒᎢ? ᎣᏍᏛ ᎿᎭᏛᏁᎮᏍᏗ, ᎾᏍᎩᏃ ᏣᎸᏉᏙᏗ ᎨᏎᏍᏗ.
چۈنكى ھۆكۈمرانلار سېنىڭ مەنپەئىتىڭ ئۈچۈن خۇدانىڭ خىزمەتچىسىدۇر. لېكىن يامانلىق قىلساڭ، ئۇنىڭدىن قورقۇشۇڭ كېرەك! [ھۆكۈمران] قىلىچنى بىكارغا ئېسىۋالمايدۇ، ئۇ يامانلىق قىلغۇچىغا خۇدانىڭ غەزىپىنى كۆرسىتىدىغان جازا بەرگۈچى سۈپىتىدە خۇدانىڭ خىزمەتچىسىدۇر. | 4 |
ᎾᏍᎩᏰᏃ [ ᏄᎬᏫᏳᏌᏕᎩ ] ᎤᏁᎳᏅᎯ ᎤᏅᏏᏓᏍᏗ ᏂᎯ ᎣᏍᏛ ᎢᏣᎵᏍᏓᏁᏗ ᏧᎸᏫᏍᏓᏁᎯ. ᎢᏳᏍᎩᏂ ᎤᏲᏉ ᏙᏣᎸᏫᏍᏓᏁᎮᏍᏗ, ᎯᏍᎦᎢᎮᏍᏗ; ᎥᏝᏰᏃ ᎠᏎᏃ ᏱᎦᏁᎭ ᎠᏰᎳᏍᏗ-ᎦᏅᎯᏛ; ᎤᏁᎳᏅᎯᏰᏃ ᎤᏅᏏᏓᏍᏗ ᎾᏍᎩ, ᎤᏞᎩ, ᎠᏍᏛᏗᏍᏗᏍᎩ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᎤᏲ ᏧᎸᏫᏍᏓᏁᎯ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھۆكۈمرانلارغا بويسۇنۇش كېرەك. بۇ، پەقەت جازالىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پاك ۋىجدانلىق بولۇش ئۈچۈندۇر. | 5 |
ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏍᏗ ᎠᏎ ᎢᏦᎯᏳᏗ ᎨᏎᏍᏗ, ᎥᏝ ᎤᏓᏍᏛᏗᏍᏗᏉ ᎨᏒ ᎢᏳᏍᏗ, ᏦᏓᏅᏛᏍᎩᏂ ᎾᏍᏉ ᎣᏎᎮᎲ ᎢᏳᏍᏗ.
مۇشۇ سەۋەبتىنمۇ باج تاپشۇرۇڭلار؛ ھۆكۈمرانلار بولسا، خۇدانىڭ مەخسۇس بۇ ئىشلارنى باشقۇرۇشقا بېكىتكەن خىزمەتكارلىرىدۇر. | 6 |
ᎾᏍᎩ ᎾᏍᏉ ᏅᏗᎦᎵᏍᏙᏗᏍᎨᏍᏗ ᎠᏰᎵ ᎠᎫᏴᏗ ᎨᏒ ᎢᏣᎫᏱᏍᎨᏍᏗ; ᎤᏁᎳᏅᎯᏰᏃ ᏧᏅᏏᏓᏍᏗ ᎾᏍᎩ, ᏚᏂᎸᏫᏍᏓᏁᎭ ᏂᎪᎯᎸ ᎾᏍᎩ ᎯᎠ.
ھەركىمگە ئۆز تېگىشلىك ھەققىنى تۆلەڭلار؛ غەللە-پاراق تاپشۇرۇۋالغۇچىغا غەللە-پاراقنى، باج يىغقۇچىلارغا باجنى تاپشۇرۇڭلار؛ ئېھتىرامغا تېگىشلىك بولغانلارغا ئېھتىرام قىلىڭلار، ھۆرمەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغاننى ھۆرمەت قىلىڭلار. | 7 |
ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏍᏗ ᏂᎦᏗᏳ ᏗᎫᏴᎡᏗ ᎨᏒ ᏕᏣᎫᏴᎡᎮᏍᏗ; ᎠᏰᎵ ᎡᏣᎫᏴᎡᏗ ᎨᏒ ᎠᏰᎵ ᎡᏣᎫᏴᎡᎮᏍᏗ; ᎢᏥᏃᏔᏅᏗᏱ ᎢᏣᎵᏍᎪᎸᏓᏁᎸ ᎡᏣᎫᏴᎡᏗ ᎨᏒ ᎡᏣᎫᏴᎡᎮᏍᏗ; ᎾᏍᎩ ᎡᏥᎾᏰᎢᏍᏗ ᎨᏒ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᎡᏥᎾᏰᏍᎨᏍᏗ; ᎾᏍᎩ ᎡᏥᎸᏉᏙᏗ ᎨᏒ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᎡᏥᎸᏉᏕᏍᏗ.
بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈشتىن باشقا، ھېچكىمگە ھېچنەرسىدىن قەرزدار بولماڭلار. چۈنكى باشقىلارنى سۆيگەن كىشى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىدۇ. | 8 |
ᏞᏍᏗ ᎩᎶ ᏱᏥᏚᎨᏍᏗ ᎪᎱᏍᏗ, ᏗᏣᏓᎨᏳᏗᏱ ᎤᏩᏒ; ᎩᎶᏰᏃ ᏅᏩᏓᎴ ᏳᎨᏳᎭ ᎤᎧᎵᎸ ᏗᎧᎿᎭᏩᏛᏍᏗ ᏂᎦᏪᏍᎬᎢ.
چۈنكى «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، نەپسانىيەتچىلىك قىلما» دېگەن پەرھىزلەر ۋە بۇلاردىن باشقا ھەرقانداق پەرزلەرمۇ، «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن» دېگەن بۇ ئەمرگە يىغىنچاقلانغان. | 9 |
ᎯᎠᏰᏃ ᎾᏍᎩ [ ᏗᎧᎿᎭᏩᏛᏍᏗ, ] ᏞᏍᏗ ᏣᏓᏲᏁᎸᎩ, ᏞᏍᏗ ᏣᏓᎸᎩ, ᏞᏍᏗ ᏣᏃᏍᎩᏒᎩ, ᏞᏍᏗ ᎦᏰᎪᎩ ᏣᏃᎮᎸᎩ, ᏞᏍᏗ ᎪᎱᏍᏗ ᏱᏣᎬᎥᏍᎨᏍᏗ, ᎠᎴ ᏂᎦᎥ ᏅᏩᏓᎴ ᏗᎧᎿᎭᏩᏛᏍᏗ, ᎯᎠᏉ ᎢᎦᏪᏛ ᏥᎩ ᎾᎿᎭᎠᏙᏣᎸᏍᎦ ᎤᏍᏆᎳ ᎧᏁᎢᏍᏗ ᎨᏒᎢ, ᏨᏒ ᏂᏣᏓᎨᏳᏒ ᎾᏍᎩᏯ ᏂᎨᏳᏎᏍᏗ ᎾᎥ ᎢᏗᏍᏓᏓᎳ.
مېھىر-مۇھەببەتكە بېرىلگەن [كىشى] ئۆز يېقىنىغا ھېچقانداق يامانلىق يۈرگۈزمەيدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، مېھىر-مۇھەببەت تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇر. | 10 |
ᎠᏓᎨᏳᏗ ᎨᏒ ᎥᏝ ᎤᏲ ᏱᏄᏩᏁᎰ ᎾᎥ ᎢᏳᎾᏓᎳ; ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏍᏗ ᎠᏓᎨᏳᏗ ᎨᏒ ᎠᎧᎵᎢᎭ ᏗᎧᎿᎭᏩᏛᏍᏗ ᏂᎦᏪᏍᎬᎢ.
ھازىرقى ۋاقىتنىڭ جىددىيلىقىنى بىلىپ، شۇلارنى قىلىڭلار. چۈنكى بىز ئۈچۈن ئاللىقاچان ئۇيقۇدىن ئويغىنىش ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى. چۈنكى دەسلەپكى ئېتىقاد قىلغان ۋاقتىمىزغا نىسبەتەن نىجاتىمىز تېخىمۇ يېقىنلاپ قالدى. | 11 |
ᎠᎴ ᎾᏍᎩ, ᏥᏗᎦᏔᎭ ᎢᏴᏛ ᎠᎵᏱᎵᏒᎢ, ᎾᏍᎩ ᎾᎯᏳ ᎠᏰᎢᏍᏗᏱ ᎢᏗᎵᎲ ᎿᎭᏉ ᎤᎵᏰᎢᎶᎸ; ᎪᎯᏰᏃ ᎡᎩᏍᏕᎸᏗᏱ ᎨᏒ ᎤᏟ ᎾᎥᏂᏳ ᎠᏃ ᎢᎬᏱᏱ ᏗᎪᎯᏳᏅᎢ.
كېچە ئۆتۈشكە ئاز قالدى، كۈندۈز يېقىنلاشتى. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىشلىرىنى تاشلاپ، يورۇقلۇقنىڭ قورال-ياراقلىرىنى كىيەيلى. | 12 |
ᏒᏃᏱ ᎠᏍᏆᎶᎦ, ᎿᎭᏉ ᎤᎩᏨᏂᏗ; ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏍᏗ ᎢᏴᏛ ᏂᏛᎦ ᎤᎵᏏᎬ ᏗᎦᎸᏫᏍᏓᏁᏗ ᎨᏒᎢ, ᎠᎴ ᎢᏓᏄᏬᏍᏓ ᎠᎵᏍᎦᏍᏙᏙ ᎢᎦ-ᎦᏛ ᎡᎯ.
كۈندۈزگە مۇۋاپىق دىيانەتلىك ھايات كەچۈرەيلى، ئەيش-ئىشرەت ۋە شارابخورلۇققا، زىنا ۋە كەيپ-ساپاغا، جېدەل-ماجىرا ۋە ھەسەتخورلۇققا بېرىلمەيلى؛ | 13 |
ᏚᏳᎪᏛ ᎨᏎᏍᏗ ᎢᏕᎲᎢ, ᎢᎦ ᏂᎨᏐ ᎾᏍᎩᏯᎢ; ᎥᏝᏍᏗᏃ ᎠᎵᏍᎦᎾᏩᏍᏗ ᎨᏒᎢ, ᎠᎴ ᎤᏓᏴᏍᏕᏍᏗ ᎨᏒᎢ, ᎠᎴ ᎤᏕᎵᏛ ᏗᏂᏏᏗ ᎨᏒᎢ, ᎠᎴ ᏃᎵᏏᎾᎯᏍᏛᎾ ᎠᎴᏂᏓᏍᏗ ᎨᏒᎢ, ᎥᏞᏍᏗᏃ ᎠᏗᏒᏍᏗ ᎨᏒᎢ ᎠᎴ ᏗᏓᏛᏳᏤᏗ ᎨᏒᎢ.
ئەكسىچە ئۆزۈڭلارغا رەب ئەيسا مەسىھنى كىيىۋېلىڭلار ۋە گۇناھكار ئەتتىكى ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قانداق قاندۇرۇشنى ھېچ ئويلىماڭلار. | 14 |
ᎤᎬᏫᏳᎯᏍᎩᏂ ᏥᏌ ᎦᎶᏁᏛ ᎡᏣᏄᏬᏍᏓ, ᎠᎴ ᏞᏍᏗ ᏱᏣᏛᏅᎢᏍᏓᏁᎴᏍᏗ ᎤᏇᏓᎵ ᎨᏒᎢ, ᎾᏍᎩ ᎤᎬᎥᏍᎬ ᎢᏣᏛᏁᏗᏱ.