< رىملىقلارغا 12 >
شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدانىڭ رەھىمدىللىقى بىلەن سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، تېنىڭلارنى مۇقەددەس، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلاڭلار. مانا بۇ سىلەرنىڭ [خۇداغا] قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر. | 1 |
hē bhrātara īśvarasya kr̥payāhaṁ yuṣmān vinayē yūyaṁ svaṁ svaṁ śarīraṁ sajīvaṁ pavitraṁ grāhyaṁ balim īśvaramuddiśya samutsr̥jata, ēṣā sēvā yuṣmākaṁ yōgyā|
بۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا كىرىپ قالماڭلار، بەلكى ئوي-پىكرىڭلارنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن ئۆزگەرتىلىڭلار؛ ئۇنداق قىلغاندا خۇدانىڭ ياخشى، قوبۇل قىلارلىق ۋە مۇكەممەل ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىلەلەيسىلەر. (aiōn ) | 2 |
aparaṁ yūyaṁ sāṁsārikā iva mācarata, kintu svaṁ svaṁ svabhāvaṁ parāvartya nūtanācāriṇō bhavata, tata īśvarasya nidēśaḥ kīdr̥g uttamō grahaṇīyaḥ sampūrṇaścēti yuṣmābhiranubhāviṣyatē| (aiōn )
ماڭا ئاتا قىلىنغان شاپائەتكە ئاساسەن ھەربىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۆزۈڭلار توغرۇلۇق ئۆزەڭلاردا بار بولغىنىدىن ئارتۇق ئويلىماي، بەلكى خۇدا ھەربىرىڭلارغا تەقسىم قىلغان ئىشەنچنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن سالماقلىق بىلەن ئۆزۈڭلارنى دەڭسەپ كۆرۈڭلار. | 3 |
kaścidapi janō yōgyatvādadhikaṁ svaṁ na manyatāṁ kintu īśvarō yasmai pratyayasya yatparimāṇam adadāt sa tadanusāratō yōgyarūpaṁ svaṁ manutām, īśvarād anugrahaṁ prāptaḥ san yuṣmākam ēkaikaṁ janam ityājñāpayāmi|
چۈنكى تېنىمىز كۆپلىگەن ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ھەمدە ھەربىر ئەزايىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان رولى بولغاندەك، | 4 |
yatō yadvadasmākam ēkasmin śarīrē bahūnyaṅgāni santi kintu sarvvēṣāmaṅgānāṁ kāryyaṁ samānaṁ nahi;
بىزمۇ كۆپ بولغىنىمىز بىلەن مەسىھتە بىر تەن بولۇپ بىر-بىرىمىزگە باغلىنىشلىق ئەزا بولىمىز. | 5 |
tadvadasmākaṁ bahutvē'pi sarvvē vayaṁ khrīṣṭē ēkaśarīrāḥ parasparam aṅgapratyaṅgatvēna bhavāmaḥ|
شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ئاتا قىلىنغان مېھىر-شەپقەت بويىچە، ھەرخىل روھىي ئىلتىپاتلىرىمىزمۇ بار بولدى. بىرسىگە ئاتا قىلىنغان ئىلتىپات ۋەھىينى يەتكۈزۈش بولسا، ئىشەنچىسىنىڭ دائىرىسىدە ۋەھىينى يەتكۈزسۇن؛ | 6 |
asmād īśvarānugrahēṇa viśēṣaṁ viśēṣaṁ dānam asmāsu prāptēṣu satsu kōpi yadi bhaviṣyadvākyaṁ vadati tarhi pratyayasya parimāṇānusārataḥ sa tad vadatu;
باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش بولسا، خىزمەت قىلسۇن؛ تەلىم بېرىش بولسا، تەلىم بەرسۇن؛ | 7 |
yadvā yadi kaścit sēvanakārī bhavati tarhi sa tatsēvanaṁ karōtu; athavā yadi kaścid adhyāpayitā bhavati tarhi sō'dhyāpayatu;
رىغبەتلەندۈرۈش بولسا، رىغبەتلەندۈرسۇن؛ سەدىقە بېرىش بولسا، مەردلىك بىلەن سەدىقە بەرسۇن؛ يېتەكلەش بولسا، ئەستايىدىللىق بىلەن يېتەكلىسۇن؛ خەيرخاھلىق كۆرسىتىش بولسا، خۇشال-خۇراملىق بىلەن قىلسۇن. | 8 |
tathā ya upadēṣṭā bhavati sa upadiśatu yaśca dātā sa saralatayā dadātu yastvadhipatiḥ sa yatnēnādhipatitvaṁ karōtu yaśca dayāluḥ sa hr̥ṣṭamanasā dayatām|
مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ساختا بولمىسۇن؛ رەزىللىكتىن نەپرەتلىنىڭلار، ياخشىلىققا چىڭ باغلىنىڭلار؛ | 9 |
aparañca yuṣmākaṁ prēma kāpaṭyavarjitaṁ bhavatu yad abhadraṁ tad r̥tīyadhvaṁ yacca bhadraṁ tasmin anurajyadhvam|
بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە قىزغىن مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سۆيۈڭلار؛ بىر-بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەپ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇڭلار. | 10 |
aparaṁ bhrātr̥tvaprēmnā parasparaṁ prīyadhvaṁ samādarād ēkō'parajanaṁ śrēṣṭhaṁ jānīdhvam|
ئىنتىلىشىڭلاردا ئېرىنمەڭلار، روھ-قەلبىڭلار يالقۇنلاپ كۆيۈپ تۇرۇپ، رەبكە قۇللارچە خىزمەت قىلىڭلار. | 11 |
tathā kāryyē nirālasyā manasi ca sōdyōgāḥ santaḥ prabhuṁ sēvadhvam|
ئۈمىدتە بولۇپ شادلىنىپ يۈرۈڭلار؛ مۇشەققەت-قىيىنچىلىقلارغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇڭلار؛ دۇئايىڭلارنى ھەرقانداق ۋاقىتتا توختاتماڭلار. | 12 |
aparaṁ pratyāśāyām ānanditā duḥkhasamayē ca dhairyyayuktā bhavata; prārthanāyāṁ satataṁ pravarttadhvaṁ|
مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىڭلار؛ مېھماندوستلۇققا ئىنتىلىڭلار؛ | 13 |
pavitrāṇāṁ dīnatāṁ dūrīkurudhvam atithisēvāyām anurajyadhvam|
سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا بەخت تىلەڭلار؛ پەقەت بەخت تىلەڭلاركى، ئۇلارنى قارغىماڭلار. | 14 |
yē janā yuṣmān tāḍayanti tān āśiṣaṁ vadata śāpam adattvā daddhvamāśiṣam|
شادلانغانلار بىلەن بىللە شادلىنىڭلار؛ قايغۇرۇپ يىغلىغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇپ يىغلاڭلار. | 15 |
yē janā ānandanti taiḥ sārddham ānandata yē ca rudanti taiḥ saha rudita|
بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈپ ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولۇڭلار؛ نەزىرىڭلارنى ئۈستۈن قىلماڭلار، بەلكى تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىڭلار. ئۆزۈڭلارنى دانىشمەن دەپ چاغلىماڭلار. | 16 |
aparañca yuṣmākaṁ manasāṁ parasparam ēkōbhāvō bhavatu; aparam uccapadam anākāṅkṣya nīcalōkaiḥ sahāpi mārdavam ācarata; svān jñāninō na manyadhvaṁ|
ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭلار. بارلىق كىشىنىڭ ئالدىدا ئىشلىرىڭلار پەزىلەتلىك بولۇشقا كۆڭۈل قويۇڭلار. | 17 |
parasmād apakāraṁ prāpyāpi paraṁ nāpakuruta| sarvvēṣāṁ dr̥ṣṭitō yat karmmōttamaṁ tadēva kuruta|
ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار؛ | 18 |
yadi bhavituṁ śakyatē tarhi yathāśakti sarvvalōkaiḥ saha nirvvirōdhēna kālaṁ yāpayata|
ئىنتىقام ئالماڭلار، ئى سۆيۈملۈكلىرىم؛ ئۇنى خۇداغا تاپشۇرۇپ ئۇنىڭ غەزىپىگە يول قويۇڭلار، چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، [يامانلىق] مەن قايتۇرىمەن». | 19 |
hē priyabandhavaḥ, kasmaicid apakārasya samucitaṁ daṇḍaṁ svayaṁ na daddhvaṁ, kintvīśvarīyakrōdhāya sthānaṁ datta yatō likhitamāstē paramēśvaraḥ kathayati, dānaṁ phalasya matkarmma sūcitaṁ pradadāmyahaṁ|
شۇڭا ئەكسىچە «دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنى تويدۇر، ئۇسسىغان بولسا، قاندۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن «ئۇنىڭ بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن». | 20 |
itikāraṇād ripu ryadi kṣudhārttastē tarhi taṁ tvaṁ prabhōjaya| tathā yadi tr̥ṣārttaḥ syāt tarhi taṁ paripāyaya| tēna tvaṁ mastakē tasya jvaladagniṁ nidhāsyasi|
يامانلىق ئالدىدا باش ئەگمەڭلار، بەلكى يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار. | 21 |
kukriyayā parājitā na santa uttamakriyayā kukriyāṁ parājayata|