< رىملىقلارغا 11 >
ئۇنداقتا، شۇنى سورايمەنكى: ــ خۇدا ئۆز خەلقىدىن ۋاز كەچتىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! مەنمۇ ئىبراھىم ئەۋلادىدىن، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئىسرائىلغۇ! | 1 |
Undaqta, shuni soraymenki: — Xuda Öz xelqidin waz kechtimu? Hergiz undaq emes! Menmu Ibrahim ewladidin, Binyamin qebilisidin bolghan bir Israilghu!
خۇدا ئالدىن كۆڭلىگە پۈككەن ئۆز خەلقىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. مۇقەددەس يازمىلاردا ئىلياس [پەيغەمبەر] ھەققىدە نېمە دېيىلگەنلىكى سىلەرگە ئايان ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئىسرائىللاردىن ئازار چېكىپ خۇداغا يېلىنىپ: ــ | 2 |
Xuda aldin könglige pükken Öz xelqidin waz kechkini yoq. Muqeddes yazmilarda Ilyas [peyghember] heqqide néme déyilgenliki silerge ayan emesmu? U Israillardin azar chékip Xudagha yélinip: —
«ئى پەرۋەردىگار، ئۇلار سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى ئۆلتۈرۈشتى، قۇربانگاھلىرىڭنى چېقىشتى. پەقەت ئۆزۈم يالغۇزلا قالدىم، ئۇلار يەنە مېنىڭمۇ جېنىمنى ئالماقچى بولۇشۇۋاتىدۇ»، دېگەن. | 3 |
«I Perwerdigar, ular Séning peyghemberliringni öltürüshti, qurban’gahliringni chéqishti. Peqet özüm yalghuzla qaldim, ular yene méningmu jénimni almaqchi bolushuwatidu», dégen.
خۇدانىڭ ئۇنىڭغا قايتۇرغان كالامى قانداق بولدى؟ ئۇ: «بائالغا تىز پۈكمىگەن يەتتە مىڭ ئادەمنى ئۆزۈمگە ئېلىپ قالدىم» ــ دېگەن. | 4 |
Xudaning uninggha qayturghan kalami qandaq boldi? U: «Baalgha tiz pükmigen yette ming ademni Özümge élip qaldim» — dégen.
خۇددى شۇنىڭدەك، بۈگۈنكى كۈندىمۇ خۇدانىڭ شاپائىتى بىلەن [ئىسرائىلدىن] ئۆزى تاللىغان بىر «قالدى» بار. | 5 |
Xuddi shuningdek, bügünki kündimu Xudaning shapaiti bilen [Israildin] Özi tallighan bir «qaldi» bar.
[ئۇلارنىڭ تاللىنىشى] شاپائەت بىلەن بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆزلىرىنىڭ ئەجىر-ئەمىلى بىلەن بولغان ئەمەس. ئەمەللەردىن بولغان بولسا، شاپائەت شاپائەت بولماي قالاتتى. | 6 |
[Ularning tallinishi] shapaet bilen bolghan bolsa, undaqta özlirining ejir-emili bilen bolghan emes. Emellerdin bolghan bolsa, shapaet shapaet bolmay qalatti.
نەتىجىدە قانداق بولدى؟ ئىسرائىللار ئىزدىگىنىگە ئېرىشەلمىدى، لېكىن ئۇلاردىن تاللانغانلار ئېرىشتى. قالغانلارنىڭ بولسا، كۆڭۈللىرى بىخۇدلاشتۇرۇلدى. | 7 |
Netijide qandaq boldi? Israillar izdiginige érishelmidi, lékin ulardin tallan’ghanlar érishti. Qalghanlarning bolsa, köngülliri bixudlashturuldi.
خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك: ــ «خۇدا ئۇلارنىڭ روھ-قەلبىنى غەپلەتكە سالدى، بۈگۈنگە قەدەر كۆزلىرىنى كۆرمەس، قۇلاقلىرىنى ئاڭلىماس قىلدى». | 8 |
Xuddi muqeddes yazmilarda éytilghinidek: — «Xuda ularning roh-qelbini ghepletke saldi, Bügün’ge qeder közlirini körmes, Qulaqlirini anglimas qildi».
شۇنىڭدەك داۋۇت [پەيغەمبەرمۇ] مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ داستىخىنى ئۆزلىرىگە قاپقان ۋە تۇزاق بولۇپ، ئۇلارنى پۇتلاشتۇرۇپ، قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرسۇن! | 9 |
Shuningdek Dawut [peyghembermu] mundaq dégen: «Ularning dastixini özlirige qapqan we tuzaq bolup, Ularni putlashturup, qilmishlirini öz béshigha chüshürsun!
كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ، كۆرەلمىسۇن؛ بەللىرىنى مەڭگۈ رۇسلاتماي پۈكۈلدۈرگەيسەن!» | 10 |
Közliri qarangghuliship, körelmisun; Bellirini menggü ruslatmay püküldürgeysen!»
ئۇنداقتا، شۇنىمۇ سورايكى: [ئىسرائىللار] يىقىلىپ قايتىدىن تۇرغۇزۇلماسلىققا پۇتلاشقانمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! لېكىن ئۇلارنىڭ تېيىلىپ ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقىدىن نىجات يات ئەللىكلەرگە يەتكۈزۈلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت ئىسرائىللارنى ھەسەتكە قوزغاشتىن ئىبارەتتۇر. | 11 |
Undaqta, shunimu sorayki: [Israillar] yiqilip qaytidin turghuzulmasliqqa putlashqanmu? Hergiz undaq emes! Lékin ularning téyilip itaetsizlik qilghanliqidin nijat yat elliklerge yetküzüldi. Buningdin meqset Israillarni hesetke qozghashtin ibarettur.
ئەمدى ئۇلارنىڭ تېيىلىپ ئىتائەتسىزلىك قىلىشى دۇنياغا ئاسايىشلىق بەخش ئەتكەن بولسا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ زىيان تارتقىنى ئەللەرنى بېيىتقان بولسا، ئۇنداقتا كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تولۇق نىجاتلىققا ئېرىشىشى دۇنياغا تېخىمۇ زور بەخت ئېلىپ كەلمەمدۇ؟! | 12 |
Emdi ularning téyilip itaetsizlik qilishi dunyagha asayishliq bexsh etken bolsa, shundaqla ularning ziyan tartqini ellerni béyitqan bolsa, undaqta kelgüside ularning hemmisining toluq nijatliqqa érishishi dunyagha téximu zor bext élip kelmemdu?!
ئەمدى سىلەر ئەللىكلەرگە سۆزلەۋاتىمەن؛ مەن ئەللىكلەرگە روسۇل سۈپىتىدە بېكىتىلگەندىن كېيىن، ۋەزىپەمنى شان-شەرەپلىك دەپ ئۇلۇغلايمەنكى، | 13 |
Emdi siler elliklerge sözlewatimen; men elliklerge rosul süpitide békitilgendin kéyin, wezipemni shan-shereplik dep ulughlaymenki,
جانجىگەرلىرىم بولغانلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قۇتۇلدۇرارمەنمىكىن دېگەن ئۈمىدتە بولىمەن. | 14 |
janjigerlirim bolghanlarning hesitini qozghap, ularning bezilirini qutuldurarmenmikin dégen ümidte bolimen.
چۈنكى ئۇلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دۇنيادىكى ئەللەرنى خۇدا بىلەن ئىناقلاشتۇرۇش بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولماي نېمە؟ | 15 |
Chünki ularning tashliwétilgenlikining netijisi dunyadiki ellerni Xuda bilen inaqlashturush bolsa, undaqta ularning qobul qilinishi ölümdin tirilish bolmay néme?
ھوسۇلدىن تۇنجى بولۇپ چىققان خېمىردىن بىر كاللىكى مۇقەددەس ھېسابلانسا، پۈتۈن خېمىر مۇقەددەس دەپ ھېسابلىنىدۇ. دەرەخنىڭ يىلتىزى مۇقەددەس بولسا، شاخلىرىمۇ مۇقەددەس بولىدۇ. | 16 |
Hosuldin tunji bolup chiqqan xémirdiki kallek muqeddes hésablansa, pütün xémir muqeddes dep hésablinidu. Derexning yiltizi muqeddes bolsa, shaxlirimu muqeddes bolidu.
زەيتۇن دەرىخىنىڭ بىرنەچچە شېخى دەرۋەقە سۇندۇرىۋېتىلگەنىدى، ۋە سەن ياۋا زەيتۇن كۆچىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇلاندىڭ. مانا ئەمدى دەرەخ يىلتىزىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، مول شىرنىسىدىن بەھرىمەن بولغۇچى بولغانىكەنسەن،. | 17 |
Zeytun derixining birnechche shéxi derweqe sunduriwétilgenidi, we sen yawa zeytun köchiti bolup, ularning ornigha ulanding. Mana emdi derex yiltizidin ozuqluq élip, mol shirnisidin behrimen bolghuchi bolghanikensen,
ئەمدى سۇندۇرۇۋېتىلگەن ئاشۇ شاخلاردىن ئۆزۈڭنى ئۈستۈن قىلىپ ماختانما. ماختانساڭ، شۇنى ئۇنتۇمىغىنكى، سەن يىلتىزنى ئەمەس، يىلتىز سېنى كۆتۈرۈپ قۇۋۋەتلەۋاتىدۇ. | 18 |
emdi sunduruwétilgen ashu shaxlardin özüngni üstün qilip maxtanma. Maxtansang, shuni untumighinki, sen yiltizni emes, yiltiz séni kötürüp quwwetlewatidu.
سەن ئەمدى: «شاخلار مېنىڭ ئۇلىنىشىم ئۈچۈن سۇندۇرىۋېتىلدى» ــ دېيىشىڭ مۇمكىن. | 19 |
Sen emdi: «Shaxlar méning ulinishim üchün sunduriwétildi» — déyishing mumkin.
توغرا، ئۇلار ئېتىقادسىزلىقتىن سۇندۇرۇلدى؛ سەن بولساڭ، ئېتىقادىڭ بىلەن تىك تۇرىسەن؛ بىراق ئۇنىڭدىن مەغرۇرلانما، ئەكسىچە [خۇدادىن] قورق! | 20 |
Toghra, ular étiqadsizliqtin sunduruldi; sen bolsang, étiqading bilen tik turisen; biraq uningdin meghrurlanma, eksiche [Xudadin] qorq!
چۈنكى خۇدا ئەينى ۋاقتىدا بۇ دەرەخنىڭ ئۆز شاخلىرىنى ئايىمىغانىكەن، سېنىمۇ ئايىماسلىقى مۇمكىن. | 21 |
Chünki Xuda eyni waqtida bu derexning öz shaxlirini ayimighaniken, sénimu ayimasliqi mumkin.
مانا، [بۇ ئىشلاردا] خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىغا ھەمدە قاتتىق قول ئىكەنلىكىگە قارا. ئۇ ئۆز يولىدىن يىقىلىپ چۈشكەنلەرگە قاتتىق قول ئىدى، لېكىن ساڭا (مېھرىبانلىقىدا داۋاملىق تۇرساڭلا) مېھرىبانلىق كۆرسەتمەكتە. ئۇنداق بولمىغاندا، سەنمۇ كېسىپ تاشلىنىسەن. | 22 |
Mana, [bu ishlarda] Xudaning méhribanliqigha hemde qattiq qol ikenlikige qara. U Öz yolidin yiqilip chüshkenlerge qattiq qol idi, lékin sanga (méhribanliqida dawamliq tursangla) méhribanliq körsetmekte. Undaq bolmighanda, senmu késip tashlinisen.
[يەھۇدىيلارمۇ] ئېتىقادسىزلىقتا چىڭ تۇرىۋالمىسا، ئەسلىدىكى دەرەخكە ئۇلىنىدۇ. چۈنكى خۇدا ئۇلارنى قايتا ئۇلاشقا قادىردۇر. | 23 |
[Yehudiylarmu] étiqadsizliqta ching turiwalmisa, eslidiki derexke ulinidu. Chünki Xuda ularni qayta ulashqa qadirdur.
چۈنكى ئەگەر سەن ياۋا زەيتۇن دەرىخىدىن كېسىپ ئېلىنىپ، تەبىئىي قانۇنىيەتكە خىلاپ ھالدا [باغدىكى] ياخشى زەيتۇن دەرىخىگە ئۇلانغان يەردە، ئەسلىدىكى بۇ تەبىئىي شاخلارنىڭ ئۆز دەرىخىكە ئۇلىنىشى تېخىمۇ مۇمكىنغۇ؟! | 24 |
Chünki eger sen yawa zeytun derixidin késip élinip, tebiiy qanuniyetke xilap halda [baghdiki] yaxshi zeytun derixige ulan’ghan yerde, eslidiki bu tebiiy shaxlarning öz derixike ulinishi téximu mumkin’ghu?!
قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلارنى ئۈستۈن ۋە ئەقىللىق چاغلاشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ۋەھىي قىلىنغان شۇ سىردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەنكى، تا [خۇدا تاللىغان] يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ سانى تولۇقلانغۇچە، ئىسرائىلنىڭ بىر قىسمى تاش يۈرەكلىككە قالدۇرۇلىدۇ؛ | 25 |
Qérindashlar, özünglarni üstün we eqilliq chaghlashtin saqlinishinglar üchün, wehiy qilin’ghan shu sirdin xewersiz qélishinglarni xalimaymenki, ta [Xuda tallighan] Yehudiy emeslerning sani toluqlan’ghuche, Israilning bir qismi tash yüreklikke qaldurulidu;
ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل قۇتقۇزۇلىدۇ. بۇ توغرۇلۇق مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: ــ «قۇتقۇزغۇچى زىئوندىن كېلىپ، ئىپلاسلىقنى ياقۇپتىن يوق قىلىدۇ. | 26 |
andin pütkül Israil qutquzulidu. Bu toghruluq muqeddes yazmilarda mundaq yézilghan: — «Qutquzghuchi Ziondin kélip, Iplasliqni Yaquptin yoq qilidu.
مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلىۋەتكىنىمدە، مانا بۇ ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم بولىدۇ». | 27 |
Men ularning gunahlirini élip tashliwetkinimde, Mana bu ular bilen tüzidighan ehdem bolidu».
ئەمدى خۇش خەۋەر جەھەتتىن قارىغاندا، سىلەرنىڭ بەختىڭلار ئۈچۈن يەھۇدىي خەلقى [خۇش خەۋەرگە] دۈشمەن قىلىپ بېكىتىلگەن؛ بىراق خۇدانىڭ تاللىشى جەھەتتىن قارىغاندا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز سەۋەبىدىن سۆيۈلگەندۇر. | 28 |
Emdi xush xewer jehettin qarighanda, silerning bextinglar üchün Yehudiy xelqi [xush xewerge] düshmen qilip békitilgen; biraq Xudaning tallishi jehettin qarighanda, ata-bowilirimiz sewebidin söyülgendur.
چۈنكى خۇدا ئۆزى بەرگەنلىرىنى ۋە چاقىرىقىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ. | 29 |
Chünki Xuda Özi bergenlirini we chaqiriqini qayturuwalmaydu.
سىلەر ئەللىكلەرمۇ بىر چاغلاردا خۇداغا ئىتائەت قىلمىغان بولساڭلارمۇ، [يەھۇدىيلارنىڭ] ئىتائەتسىزلىكىنىڭ نەتىجىسىدە ھازىر رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشتىڭلار. | 30 |
Siler elliklermu bir chaghlarda Xudagha itaet qilmighan bolsanglarmu, [Yehudiylarning] itaetsizlikining netijiside hazir rehim-shepqetke érishtinglar.
يەھۇدىيلار بولسا ئىتائەت قىلماي كېلىۋاتىدۇ؛ [خۇدانىڭ] بۇنىڭدىكى مەقسىتى، سىلەرگە كۆرسەتكەن رەھىم-شەپقەت ئارقىلىق ئۇلارنىمۇ رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. | 31 |
Yehudiylar bolsa itaet qilmay kéliwatidu; [Xudaning] buningdiki meqsiti, silerge körsetken rehim-shepqet arqiliq ularnimu rehim-shepqetke érishtürüshtin ibarettur.
چۈنكى خۇدا پۈتكۈل ئىنسانغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھەممەيلەننى ئىتائەتسىزلىككە سولاپ قويدى. (eleēsē ) | 32 |
Chünki Xuda pütkül insan’gha rehim-shepqet körsitish üchün, hemmeylenni itaetsizlikke solap qoydi. (eleēsē )
ــ ئاھ! خۇدانىڭ دانالىقى ۋە ئىلىم-ھېكمىتىنىڭ بىباھا بايلىقلىرى ھەم ھېسابسىز چوڭقۇرلۇقى! ئۇنىڭ ھۆكۈمىلىرىنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولماس! ئۇنىڭ يوللىرى ئىزدەپ تېپىشتىن شۇنچە يىراقتۇر! | 33 |
— Ah! Xudaning danaliqi we ilim-hékmitining bibaha bayliqliri hem hésabsiz chongqurluqi! Uning hökümilirining tégige yetkili bolmas! Uning yolliri izdep tépishtin shunche yiraqtur!
«كىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئوي-مۇددىئالىرىنى چۈشىنىپ يەتتى؟ كىممۇ ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولالىدى؟» | 34 |
«Kimmu Perwerdigarning oy-muddialirini chüshinip yetti? Kimmu Uninggha meslihetchi bolalidi?»
«ئۇنىڭغا كىم ئاۋۋال بىر نەرسە بېرىپ، كېيىن ئۇنى قايتۇرۇپ بەر دېيەلىدى؟». | 35 |
«Uninggha kim awwal bir nerse bérip, Kéyin uni qayturup ber déyelidi?».
چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتلار ئۇنىڭدىن كەلگەن، ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. [بارلىق] شان-شەرەپ ئەبەدگىچە ئۇنىڭغا بولغاي! ئامىن. (aiōn ) | 36 |
Chünki barliq mewjudatlar Uningdin kelgen, U arqiliq mewjut bolup turidu, Xem Uning üchün mewjut bolup turidu. [Barliq] shan-sherep ebedgiche Uninggha bolghay! Amin. (aiōn )