< رىملىقلارغا 10 >
قېرىنداشلار، يۈرەك ئىنتىزارىم، شۇنداقلا خۇداغا يېلىنىشىم ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈندۇر. | 1 |
Bratje, dobra želja mojega srca in molitev k Bogu je za zveličanje Izraela.
چۈنكى شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئۇلارنىڭ خۇداغا ھەقىقەتەنمۇ قىزغىن ئىنتىلىشى بار، بىراق ئۇلارنىڭ ئىنتىلىشى ھەقىقىي بىلىم ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس. | 2 |
Kajti spričujem jim, da imajo vnetost za Boga, ali ne po spoznanji.
چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى بىلمىگەچكە، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىيلىقىنى تىكلەشكە تىرىشىپ، خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىغا بويسۇنمىدى. | 3 |
Kajti ne poznavajoč Božje pravice in iščoč svojo lastno pravico utrditi, niso se pravici Božjej podložili.
چۈنكى تەۋرات قانۇنىنىڭ نىشان-مەقسىتى مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن ھەققانىيلىق بار بولدى. | 4 |
Ker je konec postave Kristus na pravico vsakemu, kteri veruje.
چۈنكى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشتىن كەلگەن ھەققانىيلىق ھەققىدە مۇسا پەيغەمبەر مۇنداق يازغان؛ «قانۇننىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغانلار شۇ ئىشلىرىدىن ھاياتلىق تاپىدۇ». | 5 |
Kajti Mojzes piše za pravico, ktera je od postave: "Človek, kteri je to storil, živel bo v tem."
لېكىن ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىق مۇنداق دەيدۇ: ــ «كۆڭلۈڭدە: ــ «كىم ئاسمانغا چىقار؟» (يەنى «كىم مەسىھنى ئاسماندىن ئېلىپ چۈشۈرەر؟») | 6 |
A pravica, ktera je iz vere, tako govori: "Ne reci v srcu svojem: Kdo pojde gor na nebo? to je, da Kristusa dol popelje;
ۋە ياكى «ھاڭ تېگىگە كىم چۈشەر؟» (يەنى «مەسىھنى ئۆلۈمدىن كىم قايتۇرار؟») ــ دېمىگىن». (Abyssos ) | 7 |
Ali: "Kdo pojde dol v brezno? to je, da Kristusa iz mrtvih gor popelje." (Abyssos )
ئەمدى شۇ [ھەققانىيلىق] نېمە دەيدۇ؟ ــ «سۆز-كالام ساڭا يېقىندۇر، تىلىڭدا ۋە دىلىڭدىدۇر!» ــ بۇ سۆز-كالام دەل بىز جاكارلايدىغان ئېتىقادنىڭ سۆزىدۇر. | 8 |
Ali kaj pravi: "Blizu tebe je beseda, v ustih tvojih in v srcu tvojem;" to je beseda vere, ktero oznanjujemo.
دېمەك، «ئەيسانىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئاغزىڭ بىلەن ئېتىراپ قىلساڭ ۋە قەلبىڭدە خۇدانىڭ ئۇنى ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە ئىشەنسەڭ، قۇتقۇزۇلىسەن»! | 9 |
Ker če spoznavaš z usti svojimi Gospoda Jezusa in veruješ v svojem srcu, da ga je Bog obudil iz mrtvih, zveličal se boš.
چۈنكى ئىنسان قەلبىدە ئېتىقاد قىلىش بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ، ئېغىزىدا ئېتىراپ قىلىش بىلەن نىجاتقا ئېرىشىدۇ. | 10 |
Kajti s srcem se veruje v pravico, a z usti se spoznava za zveličanje.
مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگەندەك؛ «ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىنىڭ ھەربىرى ھەرگىز يەرگە قارىتىلماس». | 11 |
Kajti pismo pravi: "Kdorkoli veruje v njega, osramotil se ne bo."
چۈنكى بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلار بىلەن گرېكلارنىڭ پەرقى يوق؛ ھەر ئىككىسىنىڭ رەببى ھەممىنىڭ رەببىدۇر ۋە ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە مول بايلىقلىرىنى ئايىمايدۇ. | 12 |
Ker ni razločka med Judom in pa Grkom, ker je ravno tisti gospod vseh, bogat za vse; kteri kličejo njega.
چۈنكى: «كىمدىكىم رەبنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلسا قۇتقۇزۇلىدۇ». | 13 |
Kajti vsak, kteri bo klical ime Gospodovo, zveličal se bo.
لېكىن رەبگە ئىشەنمىگەن كىشى قانداقمۇ ئۇنىڭغا نىدا قىلالىسۇن؟ ئۇ توغرۇلۇق ئاڭلىمىغان كىشى قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنسۇن؟ خۇش خەۋەر جاكارلىغۇچى بولمىسا، ئۇلار ئۇنى قانداقمۇ ئاڭلىيالىسۇن؟ | 14 |
Kako torej bodo klicali tistega, v kterega niso verovali? kako bodo verovali, kterega niso slišali? kako bodo slišali brez oznanjevalca?
شۇ جاكارلىغۇچىلار ئەۋەتىلمىگەن بولسا، خۇش خەۋەرنى قانداقمۇ يەتكۈزەلىسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئامان-خاتىرجەملىك توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى، بەخت-سائادەت توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلەرنىڭ ئاياغلىرى نېمىدېگەن گۈزەل-ھە!». | 15 |
A kako bodo oznanjevali, če niso poslani? kakor je pisano: "Kako lepe so noge teh, kteri oznanjujejo mír, kteri oznanjujejo dobro!"
بىراق، خۇددى يەشايا [پەيغەمبەرنىڭ] «ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەندى؟» دېگىنىدەك ھەممە ئادەم خۇش خەۋەرگە ئىتائەت قىلغان ئەمەس. | 16 |
Ali vsi niso bili poslušni evangelju, kajti Izaija pravi: "Gospod, kdo je verjel temu, kar je slišal od nas?"
شۇڭا ئېتىقاد خەۋەرنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ ۋە شۇ خەۋەر مەسىھ توغرۇلۇق سۆزدە ئاڭلىتىلىدۇ. | 17 |
Tako je vera od slišanja, a slišanje po besedi Božjej.
لېكىن شۇنى سورايمەنكى، ئۇلار شۇ خەۋەرنى ئاڭلىمىغانمىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئاڭلىدى: ــ «ئۇلارنىڭ ساداسى پۈتكۈل دۇنياغا، سۆزلىرى يەر يۈزىنىڭ قەرلىرىگە يەتتى». | 18 |
Ali pravim: Niso li slišali? Se vé da: "Po vsej zemlji je izšel njih glas in na kraje naseljenega sveta njih besede."
يەنە شۇنى سورايمەنكى، ئىسرائىللار [شۇ خەۋەردىن] ۋاقىپ بولمىغانمىدۇ؟ ئالدى بىلەن، مۇسا [ئىسرائىلغا] مۇنداق بېشارەت بەرگەن: ــ ««ھېچ خەلق ئەمەس» بولغان بىر خەلق ئارقىلىق سىلەردە ھەسەت قوزغايمەن، نادان بىر خەلق ئارقىلىق غەزىپىڭلارنى قوزغايمەن». | 19 |
Ali pravim: Ni li spoznal Izrael? Prvi Mojzes govori: "Jaz vas bom razdražil po ne ljudstvu, po ljudstvu nerazumnem razjezil vas bom."
كېيىن، يەشايا پەيغەمبەر ئىنتايىن يۈرەكلىك ھالدا شۇ بېشارەتنى بېرىپ: ــ «ئۆزۈمگە ئىنتىلمىگەنلەرگە ئۆزۈمنى تاپقۇزدۇم، مېنى سورىمىغانلارغا ئۆزۈم كۆرۈندۈم» ــ دېدى. | 20 |
A Izaija se drzne in pravi: "Našli so me ti, kteri me niso iskali, razodet sem bil tem, kteri za me niso prašali."
لېكىن، ئۇ ئىسرائىللار ھەققىدە: ــ «مەن كۈن بويى بۇ ئىتائەتسىز ۋە تەرسا خەلققە قوللىرىمنى ئۇزىتىپ ئىنتىلىپ كەلدىم!» ــ دەيدۇ. | 21 |
K Izraelu pa govori: "Ves dan sem molil roke svoje k ljudstvu neverujočemu in se pregovarjajočemu."