< ۋەھىي 9 >
بەشىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ مەن ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بىر يۇلتۇزنى كۆردۈم. تېگى يوق ھاڭغا بارىدىغان قۇدۇقنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭغا بېرىلدى، (Abyssos ) | 1 |
In peti angelj zatrobi, in videl sem zvezdo iz neba padšo na zemljo, in dal se ji je ključ od vodnjaka brezna; (Abyssos )
ئۇ تېگى يوق ھاڭنىڭ قۇدۇقىنى ئاچتى. قۇدۇقتىن يوغان خۇمداننىڭ ئىسىدەك تۈتۈن ئۆرلەپ چىقتى. ھاڭنىڭ قۇدۇقىنىڭ تۈتۈنىدىن قۇياش ۋە كۆكنى قاراڭغۇلۇق باستى. (Abyssos ) | 2 |
In odpre vodnjak brezna, in privali se dim iz vodnjaka, kakor dim peči velike, in solnce otemni in zrak od dima iz vodnjaka. (Abyssos )
تۈتۈننىڭ ئىچىدىن يەر يۈزىگە چېكەتكە ياغدى. ئۇلارغا يەر يۈزىدىكى چايانلاردەك چېقىش كۈچى بېرىلگەنىدى. | 3 |
In iz dima izidejo kobilice na zemljo, in dá se jim oblast, kakor imajo oblast škorpijoni zemljé;
ئۇلارغا يەر يۈزىدىكى ئوت-چۆپلەرگە ۋە ھەرقانداق ئۆسۈملۈك ياكى دەل-دەرەخلەرگە زەرەر يەتكۈزمەڭلار، پەقەت پېشانىسىدە خۇدانىڭ مۆھۈرى بولمىغان ئادەملەرگىلا زەرەر قىلىڭلار، دەپ ئېيتىلدى. | 4 |
In reče se jim, naj ne storé hudega travi zemljé, ne kaki zelenjavi, ne kakemu drevesu, razen ljudém samim, kateri nimajo pečata Božjega na čelih svojih.
ئۇلارغا ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى بەش ئايغىچە قىيناشقا يول قويۇلدى؛ ئۇلار يەتكۈزىدىغان ئازاب ئادەمنى چايان چاققاندىكىدەك ئازاب ئىدى. | 5 |
In dá se jim, da naj jih ne pomoré, nego da naj se mučijo pet mesecev; in mučenje njih kakor mučenje škorpijona, kader piči človeka.
شۇ كۈنلەردە، ئىنسانلار ئۆلۈمنى ئىزدەيدۇ، لېكىن تاپالمايدۇ؛ ئۆلۈمنى سېغىنىدۇ، لېكىن ئۆلۈم ئۇلاردىن قاچىدۇ. | 6 |
In v tistih dnevih iskali bodo ljudje smrti, in ne bodo je našli; in želeli bodo umreti, in smrt bode bežala od njih.
چېكەتكىلەرنىڭ قىياپىتى خۇددى جەڭگە ھازىرلانغان ئاتلارغا ئوخشايتتى. باشلىرىدا بولسا ئالتۇن تاجقا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بولۇپ، چىرايى ئادەمنىڭكىگە ئوخشايتتى. | 7 |
In podobe kobilic enake konjem, pripravljenim na vojsko, in na njih glavah venci enaki zlatu, in obličja njih kakor obličja človeška;
چاچلىرى ئاياللارنىڭ چېچىغا، چىشلىرى شىرنىڭ چىشىغا ئوخشايتتى. | 8 |
In imele so lasé kakor lasé ženske; in zobje njih bili so kakor levov;
ئۇلارنىڭ كۆكرىكىدىكى ساۋۇتى تۆمۈر ساۋۇتلارغا ئوخشايتتى؛ قاناتلىرىنىڭ ئاۋازى جەڭگە ئاتلانغان نۇرغۇن ئات-ھارۋىلارنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايتتى. | 9 |
In imele so oklepe kakor oklepe železne; in glas njih peroti kakor glas mnogih vóz s konji, tekočimi v vojsko.
چايانلارنىڭكىگە ئوخشاش قۇيرۇقلىرى ۋە نەشتەرلىرى بار ئىدى. ئادەمنى بەش ئاي ئازابقا سالىدىغان كۈچ بولسا قۇيرۇقلىرىدا ئىدى. | 10 |
In repe imajo enake škorpijonom, in žela so bila na njih repih; in oblast njih škodovati ljudém mesecev pet.
ئۇلارنى ئىدارە قىلىدىغان پادىشاھى، يەنى تېگى يوق ھاڭنىڭ پەرىشتىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىبرانىيچە ئىسمى ئاۋاددون؛ گرېكچە ئىسمى ئاپولىيون ئىدى. (Abyssos ) | 11 |
In nad seboj imajo kralja angela brezna; ime mu po hebrejsko: Abadon, in po grško ima ime: Pogubnik. (Abyssos )
بىرىنچى «ۋاي» ئۆتۈپ كەتتى. مانا، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىككى «ۋاي» كېلىدۇ. | 12 |
Gorjé eno je prešlo; glej, še dvoje gorjé pride po tem!
ئالتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ مەن خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن قۇربانگاھنىڭ تۆت مۈڭگۈزىدىن چىققان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم، بۇ ئاۋاز كاناينى تۇتقان ئالتىنچى پەرىشتىگە: ــ چوڭ ئەفرات دەرياسىنىڭ يېنىدا باغلاقلىق تۆت پەرىشتىنى بوشات، دېدى. | 13 |
In šesti angelj zatrobi, in slišal sem glas eden iz četverih rogóv oltarja zlatega pred Bogom,
Kateri je rekel šestemu angelu, ki je imel trombo: Reši četvere angele, zvezane ob réki veliki, Evfratu.
دەل شۇ سائەت، شۇ كۈن، شۇ ئاي، شۇ يىل ئۈچۈن ھازىرلاپ قويۇلغان بۇ تۆت پەرىشتە ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن باغلاقتىن بوشىتىلدى. | 15 |
In rešili so se četveri angeli, pripravljeni na uro in dan in mesec in leto, da pomoré tretjino ljudî.
بۇلارنىڭ ئاتلىق لەشكەرلەر قوشۇنىنىڭ سانى ئىككى يۈز مىليون ئىدى. ئۇلارنىڭ سانىنىڭ جاكارلانغانلىقىنى ئاڭلىدىم. | 16 |
In število vojskâ konjištva dvé mirijadi mirijad; in čul sem njih število.
غايىبانە كۆرۈنۈشتە كۆزۈمگە كۆرۈنگەن ئات ۋە ئۈستىگە مىنگەنلەر مانا مۇنداق ئىدى: ئاتلىقلارنىڭ كۆكرىكىدىكى ساۋۇتى چوغدەك قىزىل، كۆك ياقۇتتەك كۆك ۋە گۈڭگۈرتتەك سېرىق ئىدى. ئاتلارنىڭ باشلىرى شىرنىڭ بېشىدەك ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن ئوت، تۈتۈن ۋە گۈڭگۈرت چىقىپ تۇراتتى. | 17 |
In tako sem videl konje v prikazni, in sedeče na njih imajoč oklepe ognjene in temnorudeče in žvepljene; in glave kónj kakor glave levov, in iz ust njih izhaja ogenj in dim in žveplo.
بۇ ئۈچ بالادىن، يەنى ئاتلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئوت ۋە تۈتۈن ۋە گۈنگۈرتتىن ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆلتۈرۈلدى. | 18 |
Ti trije pobili so tretjino ljudî, ogenj in dim in žveplo izhajajoče iz njih ust.
چۈنكى ئاتلارنىڭ كۈچى ئېغىزلىرىدا ۋە قۇيرۇقلىرىدا ئىدى؛ ئۇلارنىڭ قۇيرۇقلىرىنىڭ يىلانلارغا ئوخشاش بېشى بولۇپ، بۇلار بىلەن ئادەمنى زەخىملەندۈرەتتى. | 19 |
Kajti njih oblasti so v njih ustih; ker njih repi so enaki kačam, imajoč glave, in z njimi škodijo.
قالغان ئىنسانلار، يەنى بۇ بالايىئاپەتلەردىن ئۆلتۈرۈلمەي قالغانلار ئۆز قوللىرىنىڭ ئەمەللىرىگە توۋا قىلمىدى، يەنى جىنلارغا، كۆرەلمەس، ئاڭلىيالماس ۋە ماڭالماس ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە ياغاچ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كەچمىدى. | 20 |
In ostali ljudje, kateri niso bili pomorjeni s temi šibami, niso se izpokorili od del svojih rok, da bi ne molili hudih duhóv in malikov zlatih in srebrnih in bronastih in kamenenih in lesenih, kateri ne morejo ne gledati, ne slišati, ne hoditi;
ئۇلار قاتىللىق، سېھىرگەرلىك، جىنسىي بۇزۇقلۇق ۋە ئوغرىلىقلىرىغىمۇ توۋا قىلمىدى. | 21 |
In niso se izpokorili od moritev svojih, in ne od čaranj svojih, in ne od kurbarije svoje, in ne od svojih tatvin.