< ۋەھىي 8 >

قوزا يەتتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئەرشتە يېرىم سائەتچە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. 1
第一款 豫備の出現 [羔]第七の封印を解き給ひしかば、天上静まりかへる事半時間。
ئاندىن خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇلارغا يەتتە كاناي بېرىلدى. 2
我又見たるに、七の天使神の御前に立ちて七の喇叭を授けられ、
ئالتۇن خۇشبۇيدان تۇتقان يەنە بىر پەرىشتە كېلىپ، خۇشبۇيگاھنىڭ ئالدىدا تۇردى. بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇئالىرى بىلەن بىرلىكتە تەختنىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن خۇشبۇيگاھ ئۈستىدە [خۇداغا] ئاتاپ سۇنۇشقا ئۇنىڭغا كۆپ خۇشبۇي بېرىلدى. 3
別に又一の天使、金の香炉を持來りて香台の上に立ち、多くの香を授けられしが、是諸聖人の祈に加へて、神の玉座の前なる金の香台の上に献げん為なり。
ۋە خۇشبۇينىڭ تۈتۈنلىرى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇئالىرى بىلەن بىللە پەرىشتىنىڭ قولىدىن خۇدانىڭ ئالدىغا كۆتۈرۈلدى. 4
斯て香の烟は、諸聖人の祈と共に天使の手より神の御前に立昇りしが、
ئاندىن پەرىشتە خۇشبۇيداننى قولىغا ئېلىپ، ئۇنى قۇربانگاھدىكى ئوت بىلەن تولدۇرۇپ، يەر يۈزىگە ئاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك ئاۋازلار، گۈلدۈرمامىلار ئاڭلاندى، چاقماقلار چېقىلدى ۋە بىر يەر تەۋرەش بولدى. 5
天使香炉を取り、之に香台の火を盛りて地に投げしかば、雷と聲と電光と大地震と起り、
ئاندىن قوللىرىغا بىردىن كاناي تۇتقان يەتتە پەرىشتە كانايلىرىنى چېلىشقا ھازىرلاندى. 6
又七の喇叭を持てる七の天使、喇叭を吹かん身構を為せり。
بىرىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن مۆلدۈر ۋە ئوت قان ئارىلاش پەيدا بولۇپ يەر يۈزىگە تاشلاندى، زېمىننىڭ ئۈچتىن بىرى كۆيدۈرۈلدى، دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى كۆيدۈرۈلدى ۋە پۈتكۈل يېشىل ئوت-چۆپلەر كۆيدۈرۈلدى. 7
第二款 初の六の喇叭 斯て第一の天使喇叭を吹きしに、血の雑りたる雹と火と起りて地に降らされ、地の三分の一燃上り、樹木の三分の一燃上り、緑草悉く焼盡されたり。
ئىككىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن گوياكى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان يوغان بىر تاغدەك غايەت زور [بىر جىسىم] دېڭىزغا تاشلاندى. دېڭىزنىڭ ئۈچتىن بىرى قانغا ئايلاندى 8
第二の天使喇叭を吹きしに、火の燃ゆる大いなる山の如きもの海に投げられ、海の三分の一血に變じて、
ۋە دېڭىزدىكى جانىۋارلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆلدى؛ كېمىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋەيران بولدى. 9
海の中に活ける被造物の三分の一死し、船の三分の一も亡びたり。
ئۈچىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن مەشئەلدەك يالقۇنلاپ يانغان چوڭ بىر يۇلتۇز چۈشتى؛ ئۇ دەريالارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ۋە بۇلاقلارنىڭ سۇلىرى ئۈستىگە چۈشتى. 10
第三の天使喇叭を吹きしに、松明の如くに燃ゆる大いなる星天より落ちて、河の三分の一と水の源との上に落ちたり。
يۇلتۇزنىڭ ئىسمى «كەكرە» ئىدى. سۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرى كەكرىدەك بولۇپ كەتتى، سۇلار ئاچچىق بولۇپ كەتكەچكە نۇرغۇن ئادەم سۇدىن ئۆلدى. 11
此星は名を苦艾と云ひ、水の三分の一は苦艾の如くに成りて、水の苦く成りしが為に多くの人死せり。
تۆتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن قۇياشنىڭ ئۈچتىن بىرى، ئاينىڭ ئۈچتىن بىرى ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇرۇلدى. نەتىجىدە، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلۇقىنىڭ ئۈچتىن بىرى قاراڭغۇلاشتى، كۈندۈزنىڭ ئۈچتىن بىرىدە يورۇقلۇق يوقالدى، كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىمۇ شۇنداق بولدى. 12
第四の天使喇叭を吹きしに、日の三分の一と月の三分の一と打たれしかば、其三分の一は暗み、晝も三分の一は光らず、夜も亦同じ。
يەنە كۆردۈمكى، ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بىر بۈركۈتنىڭ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: ــ «كاناينى چېلىشقا تەمشەلگەن قالغان ئۈچ پەرىشتىنىڭ كاناي ئاۋازلىرى ئاڭلانسا يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ۋاي، ۋاي!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. 13
我尚見たるに、天の中央を飛べる一の鷲聲高く、禍なる哉、禍なる哉、禍なる哉、地上に住める人々、尚喇叭を吹かんとする三の天使の聲によりて、と言へるを聞けり。

< ۋەھىي 8 >