< ۋەھىي 8 >
قوزا يەتتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئەرشتە يېرىم سائەتچە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. | 1 |
A když otevřel pečet sedmou, stalo se na nebi mlčení, jako za půl hodiny.
ئاندىن خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇلارغا يەتتە كاناي بېرىلدى. | 2 |
I viděl jsem sedm andělů, kteříž stojí před obličejem Božím, jimž dáno sedm trub.
ئالتۇن خۇشبۇيدان تۇتقان يەنە بىر پەرىشتە كېلىپ، خۇشبۇيگاھنىڭ ئالدىدا تۇردى. بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇئالىرى بىلەن بىرلىكتە تەختنىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن خۇشبۇيگاھ ئۈستىدە [خۇداغا] ئاتاپ سۇنۇشقا ئۇنىڭغا كۆپ خۇشبۇي بېرىلدى. | 3 |
A jiný anděl přišel a postavil se před oltářem, maje kadidlnici zlatou. I dáni jsou jemu zápalové mnozí, aby je obětoval s modlitbami všechněch svatých na oltáři zlatém, kterýž jest před trůnem.
ۋە خۇشبۇينىڭ تۈتۈنلىرى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇئالىرى بىلەن بىللە پەرىشتىنىڭ قولىدىن خۇدانىڭ ئالدىغا كۆتۈرۈلدى. | 4 |
I vstoupil dým zápalů s modlitbami svatých z ruky anděla až před obličej Boží.
ئاندىن پەرىشتە خۇشبۇيداننى قولىغا ئېلىپ، ئۇنى قۇربانگاھدىكى ئوت بىلەن تولدۇرۇپ، يەر يۈزىگە ئاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك ئاۋازلار، گۈلدۈرمامىلار ئاڭلاندى، چاقماقلار چېقىلدى ۋە بىر يەر تەۋرەش بولدى. | 5 |
I vzal anděl kadidlnici, a naplnil ji ohněm s oltáře, a svrhl ji na zem. I stalo se hromobití, a hlasové, a blýskání, i země třesení.
ئاندىن قوللىرىغا بىردىن كاناي تۇتقان يەتتە پەرىشتە كانايلىرىنى چېلىشقا ھازىرلاندى. | 6 |
A těch sedm andělů, kteříž měli sedm trub, připravili se, aby troubili.
بىرىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن مۆلدۈر ۋە ئوت قان ئارىلاش پەيدا بولۇپ يەر يۈزىگە تاشلاندى، زېمىننىڭ ئۈچتىن بىرى كۆيدۈرۈلدى، دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى كۆيدۈرۈلدى ۋە پۈتكۈل يېشىل ئوت-چۆپلەر كۆيدۈرۈلدى. | 7 |
I zatroubil první anděl, a stalo se krupobití a oheň smíšený se krví, a svrženo jest to na zem. A třetí díl stromů shořel, a všecka tráva zelená spálena jest.
ئىككىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن گوياكى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان يوغان بىر تاغدەك غايەت زور [بىر جىسىم] دېڭىزغا تاشلاندى. دېڭىزنىڭ ئۈچتىن بىرى قانغا ئايلاندى | 8 |
Potom zatroubil druhý anděl, a uvržena jest do moře jako hora veliká ohněm hořící. I učiněn jest krví třetí díl moře.
ۋە دېڭىزدىكى جانىۋارلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆلدى؛ كېمىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋەيران بولدى. | 9 |
A zemřel v moři třetí díl stvoření těch, kteráž měla duši, a třetí díl lodí zhynul.
ئۈچىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن مەشئەلدەك يالقۇنلاپ يانغان چوڭ بىر يۇلتۇز چۈشتى؛ ئۇ دەريالارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ۋە بۇلاقلارنىڭ سۇلىرى ئۈستىگە چۈشتى. | 10 |
A vtom třetí anděl zatroubil, i spadla s nebe hvězda veliká, hořící jako pochodně, a padla na třetí díl řek a do studnic vod.
يۇلتۇزنىڭ ئىسمى «كەكرە» ئىدى. سۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرى كەكرىدەك بولۇپ كەتتى، سۇلار ئاچچىق بولۇپ كەتكەچكە نۇرغۇن ئادەم سۇدىن ئۆلدى. | 11 |
A jméno hvězdy té bylo Pelynek. I obrátil se třetí díl vod v pelynek, a mnoho lidí zemřelo od těch vod, nebo byly zhořkly.
تۆتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن قۇياشنىڭ ئۈچتىن بىرى، ئاينىڭ ئۈچتىن بىرى ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇرۇلدى. نەتىجىدە، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلۇقىنىڭ ئۈچتىن بىرى قاراڭغۇلاشتى، كۈندۈزنىڭ ئۈچتىن بىرىدە يورۇقلۇق يوقالدى، كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىمۇ شۇنداق بولدى. | 12 |
Potom čtvrtý anděl zatroubil, i udeřena jest třetina slunce, a třetina měsíce, a třetí díl hvězd, takže se třetí díl jich zatměl, a třetina dne nesvítila, a též podobně i noci.
يەنە كۆردۈمكى، ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بىر بۈركۈتنىڭ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: ــ «كاناينى چېلىشقا تەمشەلگەن قالغان ئۈچ پەرىشتىنىڭ كاناي ئاۋازلىرى ئاڭلانسا يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ۋاي، ۋاي!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. | 13 |
I viděl jsem a slyšel anděla jednoho, an letí po prostředku nebe, a praví hlasem velikým: Běda, běda, běda těm, kteříž přebývají na zemi, pro jiné hlasy trub tří andělů, kteříž mají troubiti.