< ۋەھىي 6 >
ئاندىن قوزا يەتتە پېچەتنىڭ بىرىنى ئاچقاندا، مەن قاراپ تۇردۇم. تۆت ھايات مەخلۇقتىن بىرىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز بىلەن: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. | 1 |
anantaraṁ mayi nirīkṣamāṇē mēṣaśāvakēna tāsāṁ saptamudrāṇām ēkā mudrā muktā tatastēṣāṁ caturṇām ēkasya prāṇina āgatya paśyētivācakō mēghagarjanatulyō ravō mayā śrutaḥ|
كۆردۈمكى، مانا بىر ئاق ئات كەلدى! ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر ئوق-يا بار ئىدى؛ ئۇنىڭغا بىر تاج بېرىلدى. ئۇ غەلىبە قىلغۇچى سۈپىتىدە زەپەر قۇچۇش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلاندى. | 2 |
tataḥ param ēkaḥ śuklāścō dr̥ṣṭaḥ, tadārūḍhō janō dhanu rdhārayati tasmai ca kirīṭamēkam adāyi tataḥ sa prabhavan prabhaviṣyaṁśca nirgatavān|
قوزا ئىككىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئىككىنچى ھايات مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. | 3 |
aparaṁ dvitīyamudrāyāṁ tēna mōcitāyāṁ dvitīyasya prāṇina āgatya paśyēti vāk mayā śrutā|
يەنە بىر ئات ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇنىڭ رەڭگى قىپقىزىل ئىدى. ئاتقا مىنگۈچىگە يەر يۈزىدىكى تىنچلىقنى ئېلىپ كېتىش ۋە ئىنسانلارنى ئۆزئارا قىرغىنچىلىققا سېلىش ھوقۇقى بېرىلدى. ئۇنىڭغا يەنە چوڭ بىر قىلىچ بېرىلدى. | 4 |
tatō 'ruṇavarṇō 'para ēkō 'śvō nirgatavān tadārōhiṇi pr̥thivītaḥ śāntyapaharaṇasya lōkānāṁ madhyē parasparaṁ pratighātōtpādanasya ca sāmarthyaṁ samarpitam, ēkō br̥hatkhaṅgō 'pi tasmā adāyi|
قوزا ئۈچىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئۈچىنچى ھايات مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. مەن كۆردۈمكى، مانا بىر قارا ئات كەلدى. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر تارازا بار ئىدى. | 5 |
aparaṁ tr̥tīyamudrāyāṁ tana mōcitāyāṁ tr̥tīyasya prāṇina āgatya paśyēti vāk mayā śrutā, tataḥ kālavarṇa ēkō 'śvō mayā dr̥ṣṭaḥ, tadārōhiṇō hastē tulā tiṣṭhati
تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ئارىسىدىن: ــ «بىر تاۋاق بۇغداي بىر دىنارىئۇس پۇلغا، ئۈچ تاۋاق ئارپا بىر دىنارىئۇس پۇلغا سېتىلىدۇ. ئەمما زەيتۇن يېغىغا ۋە شارابقا زەرەر يەتكۈزمىگىن!» ــ دېگەندەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. | 6 |
anantaraṁ prāṇicatuṣṭayasya madhyād vāgiyaṁ śrutā gōdhūmānāmēkaḥ sēṭakō mudrāpādaikamūlyaḥ, yavānāñca sēṭakatrayaṁ mudrāpādaikamūlyaṁ tailadrākṣārasāśca tvayā mā hiṁsitavyāḥ|
قوزا تۆتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، تۆتىنچى ھايات مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. | 7 |
anantaraṁ caturthamudrāyāṁ tēna mōcitāyāṁ caturthasya prāṇina āgatya paśyēti vāk mayā śrutā|
كۆردۈمكى، مانا بىر تاتىراڭ ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «ئۆلۈم» ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن تەھتىسارا ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلارغا يەر يۈزىنىڭ تۆتتىن بىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، قىلىچ، ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە يەر يۈزىدىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار ئارقىلىق ئادەمنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى بېرىلدى. (Hadēs ) | 8 |
tataḥ pāṇḍuravarṇa ēkō 'śvō mayā dr̥ṣṭaḥ, tadārōhiṇō nāma mr̥tyuriti paralōkaśca tam anucarati khaṅgēna durbhikṣēṇa mahāmāryyā vanyapaśubhiśca lōkānāṁ badhāya pr̥thivyāścaturthāṁśasyādhipatyaṁ tasmā adāyi| (Hadēs )
قوزا بەشىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، خۇدانىڭ سۆز-كالامى ئۈچۈن ۋە ئىزچىل گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ۋەجىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جانلىرىنى قۇربانگاھنىڭ تېگىدە كۆردۈم. | 9 |
anantaraṁ pañcamamudrāyāṁ tēna mōcitāyām īśvaravākyahētōstatra sākṣyadānācca chēditānāṁ lōkānāṁ dēhinō vēdyā adhō mayādr̥śyanta|
ئۇلار قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا سېلىشىپ: ــ ئەي ھاكىممۇتلەق ئىگىمىز، مۇقەددەس ۋە ھەقىقىي بولغۇچى! سەن قاچانغىچە يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى سوراق قىلماي، ئۇلاردىن قېنىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئالمايسەن؟ ــ دېيىشەتتى. | 10 |
ta uccairidaṁ gadanti, hē pavitra satyamaya prabhō asmākaṁ raktapātē pr̥thivīnivāsibhi rvivadituṁ tasya phala dātuñca kati kālaṁ vilambasē?
ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئاق تون بېرىلدى. ئۇلارغا، ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش ئۆلتۈرۈلىدىغان قۇل-بۇرادەرلىرىڭلار ھەم قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ سانى توشقۇچە ئازغىنە ۋاقىت ئارام ئېلىشىڭلار كېرەك، دەپ ئېيتىلدى. | 11 |
tatastēṣām ēkaikasmai śubhraḥ paricchadō 'dāyi vāgiyañcākathyata yūyamalpakālam arthatō yuṣmākaṁ yē sahādāsā bhrātarō yūyamiva ghāniṣyantē tēṣāṁ saṁkhyā yāvat sampūrṇatāṁ na gacchati tāvad viramata|
ئاندىن مەن قوزا ئالتىنچى پېچەتنى ئاچقىنىدا كۆردۈمكى، مانا دەھشەتلىك بىر يەر تەۋرەش يۈز بەردى، قۇياش بەئەينى قارا يۇڭدىن توقۇلغان بۆزدەك قاپقارا رەڭگە، تولۇن ئاي بولسا قاننىڭ رەڭگىگە كىردى. | 12 |
anantaraṁ yadā sa ṣaṣṭhamudrāmamōcayat tadā mayi nirīkṣamāṇē mahān bhūkampō 'bhavat sūryyaśca uṣṭralōmajavastravat kr̥ṣṇavarṇaścandramāśca raktasaṅkāśō 'bhavat
ئەنجۈر دەرىخىنىڭ قاتتىق بوراندا سىلكىنىشىدىن ئەنجۈر غورىلىرى يەرگە تۆكۈلگەندەك، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارمۇ يەر يۈزىگە تۆكۈلدى. | 13 |
gaganasthatārāśca prabalavāyunā cālitād uḍumbaravr̥kṣāt nipātitānyapakkaphalānīva bhūtalē nyapatan|
ئاسمان خۇددى ئورام يازمىنىڭ تۈرۈلگىنىدەك غايىب بولدى، ھەربىر تاغ ۋە ئارال ئورنىدىن يۆتكەلدى؛ | 14 |
ākāśamaṇḍalañca saṅkucyamānagrantha̮ivāntardhānam agamat giraya upadvīpāśca sarvvē sthānāntaraṁ cālitāḥ
ھەمدە دۇنيادىكى پادىشاھلار، مۆتىۋەرلەر، سەردارلار، بايلار، كۈچلۈكلەر، قۇللار ۋە ھۆرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆڭكۈرلەرگە ۋە تاغلارنىڭ كامارلىرىغا يوشۇرۇندى. | 15 |
pr̥thivīsthā bhūpālā mahāllōkāḥ sahastrapatayō dhaninaḥ parākramiṇaśca lōkā dāsā muktāśca sarvvē 'pi guhāsu giristhaśailēṣu ca svān prācchādayan|
ئۇلار تاغلارغا ۋە قورام تاشلارغا مۇنداق دەپ جار سالدى: ــ «ئۈستىمىزگە چۈشۈڭلار! بىزنى تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ سىيماسىدىن ھەم قوزىنىڭ غەزىپىدىن يوشۇرۇڭلار ۋە ساقلاڭلار! | 16 |
tē ca girīn śailāṁśca vadanti yūyam asmadupari patitvā siṁhāsanōpaviṣṭajanasya dr̥ṣṭitō mēṣaśāvakasya kōpāccāsmān gōpāyata;
چۈنكى ئۇلارنىڭ دەھشەتلىك غەزەپ كۈنى كەلدى، ئەمدى كىم پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟!». | 17 |
yatastasya krōdhasya mahādinam upasthitaṁ kaḥ sthātuṁ śaknōti?