< ۋەھىي 5 >
ئاندىن تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئوڭ قولىدا ئىچ ۋە تاش تەرىپىگە خەت پۈتۈلگەن ۋە يەتتە مۆھۈر بىلەن پېچەتلەنگەن بىر ئورام يازمىنى كۆردۈم. | 1 |
Ja ma nägin troonil istuja paremas käes rullraamatut, seesmine ja väline külg täis kirjutatud, suletud seitsme pitseriga.
يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئورام يازمىنى ئېچىپ، پېچەتلەرنى يېشىشكە كىم لايىقتۇر؟» دەپ توۋلىغان قاۋۇل بىر پەرىشتىنىمۇ كۆردۈم. | 2 |
Ma nägin võimsat inglit, kes valju häälega kuulutas: „Kes on väärt avama seda raamatut ja murdma selle pitserid?“
لېكىن نە ئەرشتە نە يەر يۈزىدە نە يەر ئاستىدا ئورام يازمىنى ئاچالايدىغان ياكى ئىچىگە قارىيالايدىغان ھېچكىم چىقمىدى. | 3 |
Ja mitte keegi taevas, maa peal ega maa all ei suutnud avada raamatut ega vaadata selle sisse.
ئورام يازمىنى ئېچىشقا ياكى ئىچىگە قاراشقا لايىق بىرەرسى تېپىلمىغاچقا، قاتتىق يىغلىۋەتتىم. | 4 |
Ma nutsin kibedasti, sest ei leitud kedagi, kes oleks väärt avama seda raamatut ja vaatama sinna sisse.
ئاندىن ئاقساقاللاردىن بىرى ماڭا: ــ يىغلىما! قارا، يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان شىر ــ داۋۇتنىڭ يىلتىزى بولغۇچى غەلىبە قىلدى؛ شۇڭا ئورام يازمىنى ۋە ئۇنىڭ يەتتە پېچىتىنى ئېچىشقا ئۇ قادىر، ــ دېدى. | 5 |
Siis üks vanemaist ütles mulle: „Ära nuta, sest lõvi Juuda suguharust, Taaveti võsu, tema on võitnud, tema võib avada raamatu ja selle seitse pitserit!“
ئاندىن قارىسام، تەخت بىلەن تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ئارىلىقىدا، ئاقساقاللار ئوتتۇرىسىدا بىر قوزا ئۆرە تۇراتتى. ئۇ يېڭىلا بوغۇزلانغاندەك قىلاتتى؛ ئۇنىڭ يەتتە مۈڭگۈزى ۋە يەتتە كۆزى بولۇپ، بۇ كۆزلەر خۇدانىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە ئەۋەتكەن يەتتە روھى ئىدى. | 6 |
Siis ma nägin trooni ja nelja olevuse ja vanemate keskel seisvat Talle, kes oli justkui tapetud. Tal oli seitse sarve ja seitse silma – Jumala seitse vaimu, kes on läkitatud kogu maailma.
قوزا بېرىپ، تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئوڭ قولىدىن ئورام يازمىنى ئالدى. | 7 |
Ta tuli ning võttis troonil istuja paremast käest rullraamatu.
يازمىنى ئالغاندا، تۆت ھايات مەخلۇق ۋە يىگىرمە تۆت ئاقساقال قوزىنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ چىلتارى ۋە خۇشبۇي بىلەن تولغان ئالتۇن چىنىلىرى بار ئىدى (بۇ خۇشبۇي مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇئالىرى ئىدى). | 8 |
Ja kui ta oli võtnud raamatu, langesid neli olevust ja kakskümmend neli vanemat Talle ette. Igaühel neist oli käes kannel ja kuldkausid suitsutusrohtudega, mis on Jumala rahva palved.
ئۇلار يېڭى بىر كۈي ئېيتىشتى: ــ «ئورام يازمىنى ئېلىشقا، ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن؛ چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر ئەلدىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن سېتىۋېلىپ، خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ. | 9 |
Ning nad laulsid uut laulu: „Sina oled väärt võtma raamatu ja avama selle pitserid, sest sina olid tapetud ning sina oled ostnud Jumalale oma verega inimesi igast suguharust, keelest, rahvast ja hõimust!
ئۇلارنى خۇدايىمىز ئۈچۈن بىر پادىشاھلىققا ئۇيۇشتۇرۇپ، كاھىنلار قىلدىڭ. ئۇلار يەر يۈزىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ». | 10 |
Sa oled teinud nad Kuningriigiks ja preestreiks meie Jumalale ja nad valitsevad maa peal!“
ئاندىن كۆردۈم ۋە مانا، تەختنىڭ، ھايات مەخلۇقلارنىڭ ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ سانى تۈمەن مىڭ-تۈمەن مىڭ، مىليون-مىليون ئىدى. | 11 |
Ma nägin ja ma kuulsin paljude inglite häält – neid oli tuhandeid ja miljoneid – kes olid trooni, olevuste ja vanemate ümber.
ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ «بوغۇزلانغان قوزا قۇدرەت، دۆلەت، دانالىق، كۈچ-قۇۋۋەت، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىگە لايىقتۇر» دېيىشەتتى. | 12 |
Nad hüüdsid valju häälega: „Tall, kes on tapetud, on väärt võtma väge ja rikkust, tarkust ja võimu, au, austust ja kiitust!“
ئاندىن مەن ئەرش، يەر يۈزى، يەر ئاستى ۋە دېڭىزدىكى ھەربىر مەخلۇق ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە بار بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ: ــ «تەختتە ئولتۇرغۇچىغا ۋە قوزىغا مەدھىيە، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە ھوقۇق-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. (aiōn ) | 13 |
Ja kõike loodut taevas, maa peal, maa all ja meres, kõiki, kes on neis paigus, kuulsin ma hüüdvat: „Sellele, kes istub troonil, ja Tallele kuuluvad kiitus ja austus, hiilgus ja võimus (aiōn )
تۆت ھايات مەخلۇق «ئامىن!» دەپ جاۋاب قايتۇراتتى، ئاقساقاللار يەرگە يىقىلىپ سەجدە قىلاتتى. | 14 |
Need neli olevust ütlesid: „Aamen!“Ning vanemad langesid maha ja kummardasid.