< ۋەھىي 3 >
ــ ساردىستىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ «خۇدانىڭ يەتتە روھى ۋە يەتتە يۇلتۇزىنىڭ ئىگىسى بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى ۋە شۇنداقلا «ھايات» دېگەن نام-ئابرۇيۇڭنىڭ بارلىقىنى، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۆلۈك ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن. | 1 |
「你要寫信給撒狄教會的使者,說:『那有上帝的七靈和七星的,說:我知道你的行為,按名你是活的,其實是死的。
شۇڭا، ئويغان، سېنىڭدە بار بولغان، ئەمما ئۆلەي دەپ قالغان [خىسلەتلىرىڭنى] كۈچەيت؛ چۈنكى خۇدايىم ئالدىدا ئەمەللىرىڭنىڭ تۈگەل ئەمەسلىكىنى بىلدىم. | 2 |
你要警醒,堅固那剩下將要衰微的;因我見你的行為,在我上帝面前,沒有一樣是完全的。
ئۇنىڭ ئۈچۈن [سۆز-كالامنى] قانداق قوبۇل قىلىپ ئاڭلىغىنىڭنى يادىڭغا كەلتۈرۈپ، ئۇنى چىڭ تۇتۇپ توۋا قىلغىن. لېكىن ئويغانمىساڭ مەن ئوغرىدەك ئۈستۈڭكە كېلىمەن ۋە سەن قايسى سائەتتە ئۈستۈڭگە كېلىدىغىنىمنى ھەرگىز بىلمەيسەن. | 3 |
所以要回想你是怎樣領受、怎樣聽見的,又要遵守,並要悔改。若不警醒,我必臨到你那裏,如同賊一樣。我幾時臨到,你也決不能知道。
لېكىن ساردىستا ئۆز كىيىملىرىگە داغ تەگكۈزمىگەن بىرنەچچە شەخس بار. ئۇلار ئاق كىيىم كىيىپ مەن بىلەن بىللە ماڭىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇنىڭغا لايىقتۇر. | 4 |
然而在撒狄,你還有幾名是未曾污穢自己衣服的,他們要穿白衣與我同行,因為他們是配得過的。
غەلىبە قىلغۇچىلار مانا شۇنداق ئاق كىيىملەرنى كىيىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ نامىنى ھاياتلىق دەپتىرىدىن ھەرگىز ئۆچۈرمەيمەن، بەلكى ئۇلارنىڭ نامىنى ئاتام خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق ئېتىراپ قىلىمەن. | 5 |
凡得勝的必這樣穿白衣,我也必不從生命冊上塗抹他的名;且要在我父面前,和我父眾使者面前,認他的名。
قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!» | 6 |
聖靈向眾教會所說的話,凡有耳的,就應當聽!』」
ــ فىلادېلفىيەدىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ «مۇقەددەس ۋە ھەقىقىي بولغۇچى، شۇنداقلا داۋۇتنىڭ ئاچقۇچىغا ئىگە بولغۇچى، ئاچسام ھېچكىم ياپالمايدۇ، ياپسام ھېچكىم ئاچالمايدۇ دېگۈچى مۇنۇ ئىشلارنى دەيدۇ: | 7 |
「你要寫信給非拉鐵非教會的使者,說:『那聖潔、真實、拿着大衛的鑰匙、開了就沒有人能關、關了就沒有人能開的,說:
ــ سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى بىلىمەن. سېنىڭ بىرئاز كۈچۈڭ بولغاچ سۆز-كالامىمغا ئىتائەت قىلغىنىڭ ۋە نامىمدىن تېنىپ كەتمىگىنىڭ ئۈچۈن، ئالدىڭدا ھېچكىم ياپالمايدىغان بىر ئىشىكنى ئېچىپ قويدۇم. | 8 |
我知道你的行為,你略有一點力量,也曾遵守我的道,沒有棄絕我的名。看哪,我在你面前給你一個敞開的門,是無人能關的。
مانا، شەيتاننىڭ سىناگوگىدىكىلەردىن، يەھۇدىي ئەمەس تۇرۇپ ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەپ ئاتىۋالغان يالغانچىلارنى بولسا شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدۇرىمەنكى، ئۇلارنى كېلىپ سېنىڭ ئايىغىڭغا باش ئۇرىدىغان ۋە مېنىڭ سېنى سۆيگەنلىكىمنى بىلىدىغان قىلىمەن. | 9 |
那撒但一會的,自稱是猶太人,其實不是猶太人,乃是說謊話的,我要使他們來,在你腳前下拜,也使他們知道我是已經愛你了。
سەن مېنىڭ سەۋر-تاقەت يولۇمدىكى سۆز-كالامىمنى ساقلاپ ئەمەل قىلىشىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سىناشقا پۈتكۈل يەر يۈزىگە چۈشىدىغان ۋابالىق سىناقنىڭ ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە سېنى ئۇنىڭدىن ساقلاپ قوغداپ قالىمەن. | 10 |
你既遵守我忍耐的道,我必在普天下人受試煉的時候,保守你免去你的試煉。
مەن پات ئارىدا كېلىمەن. تاجىڭنى ھېچكىمنىڭ تارتىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزۈڭدە بار بولغاننى چىڭ تۇتقىن. | 11 |
我必快來,你要持守你所有的,免得人奪去你的冠冕。
غەلىبە قىلغۇچىنى بولسا، خۇدايىمنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تۈۋرۈك قىلىمەنكى، ئۇ ئۇ يەردىن ئەسلا چىقمايدۇ. مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇدايىمنىڭ نامىنى، خۇدايىمنىڭ شەھىرىنىڭ نامىنى، يەنى ئەرشتىن ــ خۇدانىڭ يېنىدىن چۈشىدىغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ نامىنى ۋە مېنىڭ يېڭى نامىمنى يازىمەن. | 12 |
得勝的,我要叫他在我上帝殿中作柱子,他也必不再從那裏出去。我又要將我上帝的名和我上帝城的名(這城就是從天上、從我上帝那裏降下來的新耶路撒冷),並我的新名,都寫在他上面。
قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!» | 13 |
聖靈向眾教會所說的話,凡有耳的,就應當聽!』」
ــ لائودىكىيادىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ «ئامىن ئاتالغۇچى، يەنى سادىق ۋە ھەقىقىي گۇۋاھچى، خۇدانىڭ كائىنىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبچىسى مۇنداق دەيدۇ: | 14 |
「你要寫信給老底嘉教會的使者,說:『那為阿們的,為誠信真實見證的,在上帝創造萬物之上為元首的,說:
سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى بىلىمەنكى، سەن سوغۇقمۇ ئەمەس، قىزىقمۇ ئەمەس. مەن سېنىڭ يا سوغۇق، يا قىزىق بولۇشۇڭنى خالايتتىم! | 15 |
我知道你的行為,你也不冷也不熱;我巴不得你或冷或熱。
سەن يا سوغۇق يا قىزىق ئەمەس، بەلكى ئىلمان بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى ئاغزىمدىن ھۆ قىلىمەن. | 16 |
你既如溫水,也不冷也不熱,所以我必從我口中把你吐出去。
سەن باي ئادەممەن، دۆلەتمەن بولدۇم، ھېچ نەرسىگە ھاجەتمەن ئەمەسمەن دېگىنىڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ غېرىب، بىچارە، يوقسۇل، كور ۋە يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى بىلمىگەچكە، | 17 |
你說:我是富足,已經發了財,一樣都不缺;卻不知道你是那困苦、可憐、貧窮、瞎眼、赤身的。
باي بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئوتتا تاۋلانغان ئالتۇن، يالىڭاچلىق نومۇسلۇقۇڭنىڭ يېپىلىشى ئۈچۈن كىيگۈزۈلۈشۈڭگە ئاق كىيىم-كېچەك، كۆرۈشۈڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭگە سۈرتۈشكە تۇتىيانى مەندىن سېتىۋېلىشىڭنى نەسىھەت قىلىمەن. | 18 |
我勸你向我買火煉的金子,叫你富足;又買白衣穿上,叫你赤身的羞恥不露出來;又買眼藥擦你的眼睛,使你能看見。
مەن كىمنى سۆيسەم، شۇنىڭ ئەيىبىنى كۆرسىتىپ تەربىيىلەيمەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن قىزغىن كۆيۈپ-پىشىپ توۋا قىل. | 19 |
凡我所疼愛的,我就責備管教他;所以你要發熱心,也要悔改。
مانا، مەن ھازىر ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ، ئىشىكنى قېقىۋاتىمەن. ئەگەر بىرى ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ئىشىكنى ئاچسا، ئۇنىڭ يېنىغا كىرىمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن، ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە غىزالىنىدۇ. | 20 |
看哪,我站在門外叩門,若有聽見我聲音就開門的,我要進到他那裏去,我與他,他與我一同坐席。
غەلىبە قىلغۇچىنى بولسا، مەنمۇ غەلىبە قىلىپ، ئاتامنىڭ تەختىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئولتۇرغىنىمدەك، ئۇنىمۇ تەختىمدە مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلىمەن. | 21 |
得勝的,我要賜他在我寶座上與我同坐,就如我得了勝,在我父的寶座上與他同坐一般。
قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!» | 22 |
聖靈向眾教會所說的話,凡有耳的,就應當聽!』」