< ۋەھىي 22 +
ئاندىن [پەرىشتە] ماڭا خرۇستالدەك پارقىراق ھاياتلىق سۈيى ئېقىۋاتقان دەريانى كۆرسەتتى. دەريا خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختىدىن چىققان بولۇپ، | 1 |
In pokazal mi je čisto reko vode življenja, svetlo kakor kristal, izhajajočo iz prestola Božjega in jagnjetovega.
شەھەرنىڭ غول يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېقىۋاتقانىدى. دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە ۋە ئۇ تەرىپىدىمۇ ئون ئىككى خىل مېۋە بېرىدىغان، ھەر ئايدا مېۋىلەيدىغان ھاياتلىق دەرىخى بار ئىدى؛ دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى ئەللەرنىڭ شىپاسى ئۈچۈن ئىدى. | 2 |
Sredi ulic njegovih in reke tam pa tam drevo življenja, ki dela sadov dvanajst, vsak mesec dajoč sad svoj; in listje drevesovo je v ozdravljenje narodov.
لەنەت دېگەن ئەمدى بولمايدۇ؛ خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختى شەھەرنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ئۇنىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ خىزمەت-ئىبادىتىدە بولىدۇ. | 3 |
In nobenega prokletstva ne bode več; in prestol Božji in jagnjetov bode v njem; in hlapci njegovi bodo mu služili;
ئۇلار ئۇنىڭ جامالىنى كۆرىدۇ؛ ئۇنىڭ نامى ئۇلارنىڭ پېشانىلىرىگە پۈتۈكلۈك بولىدۇ. | 4 |
In gledali bodo obličje njegovo, in ime njegovo na njih čelih.
ئۇ يەردە ئەسلا كېچە بولمايدۇ، نە چىراغ نۇرىغا، نە قۇياش نۇرىغا موھتاج بولمايدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يورىدۇ، ئۇلار ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ. (aiōn ) | 5 |
In noči ne bode tam; in potreba jim ni svetilnice in uči solnčne, ker Gospod Bog jih razsvetljuje; in kraljevali bodo na vekov veke. (aiōn )
پەرىشتە ماڭا: ــ بۇ سۆزلەر ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىكتۇر؛ پەيغەمبەرلەرنىڭ روھلىرىنىڭ رەب خۇداسى يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلارنى ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، پەرىشتىسىنى ئەۋەتتى، ــ دېدى. | 6 |
In reče mi: Té besede so gotove in resnične; in Gospod, svetih prerokov Bog, poslal je angela svojega, kazat hlapcem svojim, kaj se ima zgoditi hitro.
(«مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى تۇتقۇچى كىشى بەختلىكتۇر!») | 7 |
Glej, hitro pridem. Blagor mu, kdor hrani besede prerokovanja té knjige!
بۇلارنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى مەن يۇھاننامەن. بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغىنىمدا ۋە كۆرگىنىمدە، بۇلارنى ماڭا كۆرسەتكەن پەرىشتىگە سەجدە قىلغىلى ئايىغى ئالدىغا يىقىلدىم. | 8 |
In jaz Janez sem, ki sem videl to in slišal; in ko sem slišal in videl, padel sem molit pred noge angelove, kateri mi je to kazal.
لېكىن ئۇ ماڭا: ــ ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە قېرىنداشلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر بىلەن ئوخشاش قۇل-خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! ــ دېدى. | 9 |
In reče mi: Nikar! kajti sohlapec sem tvoj in izmed bratov tvojih, prerokov, in njih, ki hranijo besede te knjige; Boga môli.
ئۇ ماڭا يەنە: ــ بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى پېچەتلىمە؛ چۈنكى بۇلارنىڭ ۋاقتى يېقىن كەلدى. | 10 |
In reče mi: Ne zapečati besed prerokovanja te knjige; ker čas je blizu.
قەبىھلىك قىلغۇچى كىشى قەبىھلىكنى قىلىۋەرسۇن؛ پەسكەش كىشى بولسا پەسكەشلىكتە تۇرىۋەرسۇن؛ ھەققانىي كىشى بولسا ھەققانىيلىقىنى يۈرگۈزىۋەرسۇن؛ پاك-مۇقەددەس كىشى بولسا پاك-مۇقەددەسلىكتە تۇرىۋەرسۇن، ــ دېدى. | 11 |
Kdor dela krivico, naj jo dela še, in kdor je nesnažen bodi še nesnažen; in pravični opravičuj se še, in sveti naj se še posvečuje.
«مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ بېرىدىغىنىمنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىمەن. | 12 |
In glej, hitro pridem, in plačilo moje z menoj povrnit vsakemu, kakor bode delo njegovo.
مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»، بىرىنچى ۋە ئاخىرقى، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن». | 13 |
Jaz sem A in O, začetek in konec, prvi in zadnji.
ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىسىدىن نېسىپ بولۇش ۋە دەرۋازىلىرىدىن شەھەرگە كىرىشكە مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن تونلىرىنى يۇغانلار بەختلىكتۇر! | 14 |
Blagor jim, kateri delajo zapovedi njegove, da bode njih oblast do drevesa življenja, in skozi vrata vnidejo v mesto.
شەھەرنىڭ سىرتىدىكىلەر ــ ئىتلار، سېھىرگەرلەر، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، قاتىللار، بۇتپەرەسلەر، يالغانچىلىققا خۇشتار بولغانلار ۋە ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر. | 15 |
Zunaj pa psi in čarovniki in kurbirji in morilci in malikovalci, in vsak, kdor ljubi in dela laž.
«مەنكى ئەيسا جامائەتلەرنى دەپ سىلەرگە بۇ ئىشلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەرىشتەمنى ئەۋەتتىم. داۋۇتنىڭ يىلتىزى ھەم نەسلى، پارلاق تاڭ يۇلتۇزىدۇرمەن!» | 16 |
Jaz Jezus poslal sem angela svojega, pričat vam to po občinah. Jaz sem korenina in rod Davidov, zvezda svetla in jutranja.
روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز: «كەل!» دەيدۇ. ئاڭلىغۇچى: «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغۇچى ھەركىم كەلسۇن، خالىغان ھەركىم ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن. | 17 |
In Duh in nevesta govorita: Pridi! in kdor sliši, naj reče: Pridi! in kdor je žejen, pridi, in kdor hoče, vzemi vodo življenja zastonj!
مەنكى بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئاگاھلاندۇرىمەنكى: كىمدىكىم بۇ سۆزلەرگە بىرنېمىنى قوشسا، خۇدا ئۇنىڭغا بۇ كىتابتا يېزىلغان بالايىئاپەتلەرنى قوشىدۇ. | 18 |
Pričam namreč vsakemu, kdor sliši besede prerokovanja té knjige: Če temu kdo pridene, njega zadene Bog sè šibami, zapisanimi v tej knjigi.
كىمدىكىم بۇ بېشارەتلىك كىتابنىڭ سۆزلىرىدىن بىرەر سۆزنى ئېلىپ تاشلىسا، خۇدامۇ ئۇنىڭدىن بۇ كىتابتا يېزىلغان ھاياتلىق دەرىخىدىن ۋە مۇقەددەس شەھەردىن بولىدىغان نېسىۋىسىنى ئېلىپ تاشلايدۇ. | 19 |
In če kdo odvzame od besed knjige tega prerokovanja, odvzame mu Bog dél njegov od knjige življenja, in iz mesta svetega in kar je pisano v tej knjigi.
ــ مانا، بۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بەرگۈچى بولسا مۇنداق دەيدۇ: ــ «شۇنداق، پات يېقىندا كېلىمەن!» ــ «ئامىن! كەل، يا رەب ئەيسا!» | 20 |
On, ki to priča, govori: Dà, hitro pridem. Amen, dà, pridi, Gospod Jezus!
رەب ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن بىللە بولغاي، ئامىن! | 21 |
Milost Gospoda našega Jezusa Kristusa z vami vsemi! Amen.