< ۋەھىي 22 +

ئاندىن [پەرىشتە] ماڭا خرۇستالدەك پارقىراق ھاياتلىق سۈيى ئېقىۋاتقان دەريانى كۆرسەتتى. دەريا خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختىدىن چىققان بولۇپ، 1
I pokazał mi czystą rzekę wody życia, przejrzystą jak kryształ, wypływającą z tronu Boga i Baranka.
شەھەرنىڭ غول يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېقىۋاتقانىدى. دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە ۋە ئۇ تەرىپىدىمۇ ئون ئىككى خىل مېۋە بېرىدىغان، ھەر ئايدا مېۋىلەيدىغان ھاياتلىق دەرىخى بار ئىدى؛ دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى ئەللەرنىڭ شىپاسى ئۈچۈن ئىدى. 2
A pośrodku rynku miasta, po obu stronach rzeki, [było] drzewo życia przynoszące owoc dwunastu rodzajów, wydające swój owoc co miesiąc. A liście drzewa [służą] do uzdrawiania narodów.
لەنەت دېگەن ئەمدى بولمايدۇ؛ خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختى شەھەرنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ئۇنىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ خىزمەت-ئىبادىتىدە بولىدۇ. 3
I nie będzie już żadnego przekleństwa. Lecz będzie w nim tron Boga i Baranka, a jego słudzy będą mu służyć.
ئۇلار ئۇنىڭ جامالىنى كۆرىدۇ؛ ئۇنىڭ نامى ئۇلارنىڭ پېشانىلىرىگە پۈتۈكلۈك بولىدۇ. 4
I będą oglądać jego oblicze, a jego imię [będzie] na ich czołach.
ئۇ يەردە ئەسلا كېچە بولمايدۇ، نە چىراغ نۇرىغا، نە قۇياش نۇرىغا موھتاج بولمايدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يورىدۇ، ئۇلار ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ. (aiōn g165) 5
I nocy tam nie będzie, i nie będzie im potrzeba lampy ani światła słońca, bo Pan Bóg będzie im świecił i będą królować na wieki wieków. (aiōn g165)
پەرىشتە ماڭا: ــ بۇ سۆزلەر ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىكتۇر؛ پەيغەمبەرلەرنىڭ روھلىرىنىڭ رەب خۇداسى يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلارنى ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، پەرىشتىسىنى ئەۋەتتى، ــ دېدى. 6
I powiedział do mnie: Te słowa są wiarygodne i prawdziwe, a Pan, Bóg świętych proroków, posłał swego anioła, aby pokazać swym sługom, co ma się stać wkrótce.
(«مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى تۇتقۇچى كىشى بەختلىكتۇر!») 7
Oto przyjdę wkrótce: Błogosławiony, który zachowuje słowa proroctwa tej księgi.
بۇلارنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى مەن يۇھاننامەن. بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغىنىمدا ۋە كۆرگىنىمدە، بۇلارنى ماڭا كۆرسەتكەن پەرىشتىگە سەجدە قىلغىلى ئايىغى ئالدىغا يىقىلدىم. 8
A ja, Jan, widziałem to wszystko i słyszałem. A gdy usłyszałem i zobaczyłem, upadłem do nóg anioła, który mi to pokazywał, aby oddać mu pokłon.
لېكىن ئۇ ماڭا: ــ ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە قېرىنداشلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر بىلەن ئوخشاش قۇل-خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! ــ دېدى. 9
Lecz powiedział do mnie: Nie rób [tego], bo jestem sługą z tobą i twoimi braćmi prorokami, i z tymi, którzy zachowują słowa tej księgi. Bogu oddaj pokłon.
ئۇ ماڭا يەنە: ــ بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى پېچەتلىمە؛ چۈنكى بۇلارنىڭ ۋاقتى يېقىن كەلدى. 10
Potem powiedział do mnie: Nie pieczętuj słów proroctwa tej księgi, bo czas jest bliski.
قەبىھلىك قىلغۇچى كىشى قەبىھلىكنى قىلىۋەرسۇن؛ پەسكەش كىشى بولسا پەسكەشلىكتە تۇرىۋەرسۇن؛ ھەققانىي كىشى بولسا ھەققانىيلىقىنى يۈرگۈزىۋەرسۇن؛ پاك-مۇقەددەس كىشى بولسا پاك-مۇقەددەسلىكتە تۇرىۋەرسۇن، ــ دېدى. 11
Kto krzywdzi, niech nadal wyrządza krzywdę, kto plugawy, niech się nadal plugawi, kto sprawiedliwy, niech nadal będzie sprawiedliwy, a kto święty, niech się nadal uświęca.
«مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ بېرىدىغىنىمنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىمەن. 12
A oto przyjdę wkrótce, a moja zapłata [jest] ze mną, aby oddać każdemu według jego uczynków.
مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»، بىرىنچى ۋە ئاخىرقى، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن». 13
Ja jestem Alfa i Omega, początek i koniec, pierwszy i ostatni.
ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىسىدىن نېسىپ بولۇش ۋە دەرۋازىلىرىدىن شەھەرگە كىرىشكە مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن تونلىرىنى يۇغانلار بەختلىكتۇر! 14
Błogosławieni, którzy wypełniają jego przykazania, aby mieli prawo do drzewa życia i aby weszli przez bramy do miasta.
شەھەرنىڭ سىرتىدىكىلەر ــ ئىتلار، سېھىرگەرلەر، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، قاتىللار، بۇتپەرەسلەر، يالغانچىلىققا خۇشتار بولغانلار ۋە ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر. 15
Na zewnątrz zaś [są] psy, czarownicy, rozpustnicy, mordercy, bałwochwalcy i każdy, kto miłuje i czyni kłamstwo.
«مەنكى ئەيسا جامائەتلەرنى دەپ سىلەرگە بۇ ئىشلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەرىشتەمنى ئەۋەتتىم. داۋۇتنىڭ يىلتىزى ھەم نەسلى، پارلاق تاڭ يۇلتۇزىدۇرمەن!» 16
Ja, Jezus, posłałem mojego anioła, aby wam świadczył o tym w kościołach. Ja jestem korzeniem i potomkiem Dawida, jasną gwiazdą poranną.
روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز: «كەل!» دەيدۇ. ئاڭلىغۇچى: «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغۇچى ھەركىم كەلسۇن، خالىغان ھەركىم ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن. 17
A Duch i oblubienica mówią: Przyjdź! A kto słyszy, niech powie: Przyjdź! A kto pragnie, niech przyjdzie, a kto chce, niech darmo weźmie wodę życia.
مەنكى بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئاگاھلاندۇرىمەنكى: كىمدىكىم بۇ سۆزلەرگە بىرنېمىنى قوشسا، خۇدا ئۇنىڭغا بۇ كىتابتا يېزىلغان بالايىئاپەتلەرنى قوشىدۇ. 18
Oświadczam zaś każdemu, kto słucha słów proroctwa tej księgi: Jeśli ktoś dołoży [coś] do tego, dołoży mu też Bóg plag opisanych w tej księdze;
كىمدىكىم بۇ بېشارەتلىك كىتابنىڭ سۆزلىرىدىن بىرەر سۆزنى ئېلىپ تاشلىسا، خۇدامۇ ئۇنىڭدىن بۇ كىتابتا يېزىلغان ھاياتلىق دەرىخىدىن ۋە مۇقەددەس شەھەردىن بولىدىغان نېسىۋىسىنى ئېلىپ تاشلايدۇ. 19
A jeśli ktoś odejmie [coś] ze słów księgi tego proroctwa, odejmie też Bóg jego dział z księgi życia i ze świętego miasta, i z [rzeczy], które są opisane w tej księdze.
ــ مانا، بۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بەرگۈچى بولسا مۇنداق دەيدۇ: ــ «شۇنداق، پات يېقىندا كېلىمەن!» ــ «ئامىن! كەل، يا رەب ئەيسا!» 20
[Tak] mówi ten, który zaświadcza o tym: Zaprawdę, przyjdę wkrótce. Amen! O tak, przyjdź, Panie Jezu!
رەب ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن بىللە بولغاي، ئامىن! 21
Łaska naszego Pana Jezusa Chrystusa [niech będzie] z wami wszystkimi. Amen.

< ۋەھىي 22 +